خۇاڭ كۈن

جۇڭگودا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزالىقى ئالىملارنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ نامى

(1994-يىلى ئاكادېمىكقا ئۆزگەرتىلدى)، 1955-يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىلىم يۇرتى ئەزاسى نامى بېرىلگەندە، بۇ يۈكسەك شەرەپكە ئاران نەچچە ئون ئادەم ئېرىشكەن. جۇڭگو قاتتىق جىسىم فىزىكى پروفېسسور خۇاڭ كۈن (1919-) ئىستېدادتا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەنلىكى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن 1955-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئەينى چاغدا ئۇ 36 ياشتا بولۇپ، ئەڭ ياش ئاكادېمىك ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇاڭ كۈن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2005-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 黄昆
تۇغۇلغان ۋاقتى 1919-يىل
كەسپى فىزىكا ئالىمى، پېداگوگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 خۇاڭ كۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ ناھىيەسىدىن، 18 يېشىدا يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ھەر يىلى مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن. 1944-يىلى ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، 1947-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيەدە قېلىپ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

1951-يىلى 32 ياشقا كىرگەن خۇاڭ كۈن ۋەتەنگە قايتىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدا پروفېسسور بولىدۇ، ئەينى چاغدا ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ ياش پروفېسسورلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەينى چاغدا خەلقئارادا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ فىزىكىسى توغرىسىدا مەخسۇس كىتاب يوق بولۇپ، خۇاڭ كۈن ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم بۇ دەرسنى تەسىس قىلغان. كېيىن ئۇ پروفېسسور شې شىدې بىلەن ھەمكارلىشىپ، «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ فىزىكىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ، بۇ پەندىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان، ئۇ ئېلىمىز يېرىم ئۆتكۈزگۈچ فىزىكىسى پېنىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ يەنە «قاتتىق جىسىم فىزىكىسى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى يېزىپ، ئۆزىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جۇڭگونىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى تايانچ قوشۇنىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

خۇاڭ كۈننىڭ بەزى مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان قاتتىق جىسىملاردىكى ئارىلاشما يېتىشسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان X نۇرنىڭ چېچىلىشى خەلقئارادا «خۇاڭ چېچىلىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ فونون رادىئاتسىيىسى ۋە رادىئاتسىيىسىز سەكرەش ھەققىدىكى كۋانت نەزەرىيىسى خەلقئارادا «خۇاڭ نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال كرىستاللاردىكى فونون ۋە ماگنىت دولقۇنىنىڭ باغلىنىپ تەۋرىنىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت تەڭلىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلقئارادا بۇ تەڭلىمە «خۇاڭ تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. خۇاڭ كۈن گېرمانىيىلىك ئالىم بون بىلەن بىرلىكتە «كرىستال پەنجىرە دىنامىكىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى، بۇ كىتاب تا ھازىرغىچە مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ كەلدى. 1980-يىلى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى خۇاڭ كۈننى چەت ئەللىك ئاكادېمىكلىققا تەكلىپ قىلدى، 1987-يىلى يەنە  3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىەسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#