يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى

يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى

يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى يادرو يېقىلغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ ماڭىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىدۇر. ئادەتتىكى سۇ ئاستى پارخوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يادرو سۇ ئاستى پارخوتى يادرو رېئاكتپ قۇرلمىسى ھاسىل قىلغان ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئۈستىگە چىقىپ ئېنرگىيە تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، توختىماي مېڭىش ئىقتىدارمۇ يۇقىرى، سۇ ئاستىدا ئۇزۇنغىچە پائالىيەت قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى
ئىنگىلىزچە نامى nuclear-powered submarine
خەنزۇچە ئاتىلىشى 核潜艇

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىيادرو سۇ ئاستى پاراخوتى يادرو يېقىلغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ ماڭىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىدۇر . 1955-يىلى تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى سۇغا چۈشۈرۈلگەندىن تارتىپ ، سۇ ئاستى پاراخوتى ئائىلسىدە ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئادەتتىكى سۇ ئاستى پارخوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، يادرو سۇ ئاستى پارخوتى يادرو رېئاكتپ قۇرلمىسى ھاسىل قىلغان ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىپ ، سۇ ئۈستىگە چىقىپ ئېنرگىيە تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز ، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، توختىماي مېڭىش ئىقتىدارمۇ يۇقىرى ، سۇ ئاستىدا ئۇزۇنغىچە پائالىيەت قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە . يادرو سۇ ئاستى پارخۇتى ، يادرو سۇ ئاستى پارخۇتى ئاساسلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ھۇجۇمچى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ، دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى 12~24 كىچە سۇ ئاستى ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ، ھۇجۇمچى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۇ ئاستىدىكى سۈرئىتى 20~35 سائەت مىڭ بولۇپ ، يۈزمىڭ ئىنگىلىز مىلى ،90كۈن توختىماي ماڭالايدۇ . « لوس ئانژېلېس » نادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئوتتۇر قىسمىغا 533مىللىمېتىرلىق تورپېدا قويۇپ بېرىش ئىستوۋۇلىدىن تۆتى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ، « بېلىق ئارىسى » ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرەلەيدۇ ، تورپىدا ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىقلار جەمىئىي 26سى سەپلەنگەن . بۇ پاراخوت دەل ئاشۇنداق گەۋدىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا ، سۇ ئاستى پاراخوتى ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.

يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىيادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا يادرو يىقىلغۇ قىلىنغانلىقتىن ، بىرقىتىم يىقىلغۇ قاچىلىۋالسا ، پەقەت تەمىنات بويۇملىرى يىتەرلىك بولسىلا ، دېڭىز ئاستىدا ئۇدا 60 - 90 كۈن يۇرەلەيدۇ ، سۇ ئاستى پاراخوتى يوشۇرنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ، تۇيۇقسىز سەربە بېرەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئېگە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بۇنداق ئەۋزەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ . زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى دېڭىز ئاستىغا 900 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆكەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلكىنىشنى پەسەيتىش ۋە ئاۋاز يوقىتىش سىستىمىسى ئورنىتىلغانلىقتىن ، دېڭىز ئوكيانلارنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يوشۇرنالايدۇ. 

زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ، كۈچكۈك ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى ئورنىتىلغان بولۇپ ، بۇلار نەچچە ئون دانە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى تۇرىدىغان سىنارەد ، چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ، تورپىدا ۋە نۇرغۇن سۇ مىناسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، سۇ ئاستى ، سۇ ئۈستى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ ، ھەتتا توغرا زەربە بېرەلەيدىغان قوراللار ۋە ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرىلىدىغان سىنارەدلەرنى قويۇپ بېرەلەيدۇ ، ھۇجۇم قىلىش ئارلىقى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ ، ئۇنىڭغا يەنە نازۇك ئۆلچەش ، قوماندانلىق قىلىش سىستىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ئومومىيۇزلۈك ھۇجۇم - مۇداپىيە ئىقتىدارىغا ئىگە . بۇنىڭدىن سىرىت ، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ تونناژى يۇقىرى ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز . نۆۋەتتە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سۇ ئاستىدىكى تېزلىكى سائىتىگە 45 مىلغا يىتىدىغان بولۇپ ، ھەر قانداق ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە تورپىلاردا ئۇنى قوغلاپ يىتەلمەيدۇ . 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/19994.htm

2.

ياردەم تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#