مېڭە يىگلەش

	 مېڭە يىگلەش

مېڭە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىغا تەكرار ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن مېڭە يىگلەپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسىزلىق، خاتا سېزىم پەيدا بولۇش، ئەقلىي تەپەككۇرى سۇسلىشىش، ئاساسەن ئاچچىقلىنىش، قالايمىقان سۆزلەش، كۈلۈش ياكى يىغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەل ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خەلق ئارىسىدا «دىۋەڭلىك» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى مېڭە يىگلەش
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى brain atrophy
باشقا ئاتىلىشى دىۋەڭلىك
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈمدىۋەڭلىك
خەنزۇچە نامى 脑 萎 缩
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
ئاساسلىق سەۋەبى مېڭە تىقىلمىسى، قېرىلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. مېڭە تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا قان تومۇردا تارىيىش ياكى توسۇلۇش بولۇپ، مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي روھىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن مېڭە يىگلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قېرىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئادەم ياشانغاندا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پەيدىنپەي ئاجىزلىشىدۇ. ئومۇمىي بەدەن ھۈجەيرىلىرىدە چىقىش خاراكتېلرىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. مۇسكۇللار يىگلەيدۇ، تېرە ماي قاتلاملىرى ئازىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى كىشىلەردە مېڭىدىمۇ يىگلەش كۆرۈلىدۇ.

مېڭە يىگلەش1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: يېقىنقى ئىشلارنىمۇ، ناھايىتى تونۇش ئادەملەرنىمۇ ئەستە ساقلىيالمايدۇ. ھەتتا ئۆز ئۆيىدىكىلەرنىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەستە ساقلىيالمايدۇ.

2. تەپەككۇرى سۇسلىشىدۇ. مەسىلەن: بۇرۇن ئۆزى ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان خەتلەرنىمۇ تونۇيالمايدۇ. ئوڭ، سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. ۋاقىت، ئورۇن، نىشاننى پەرق ئېتەلمەيدۇ، كوچىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يالىڭاچ يورۇيدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، كۆپ يىغلايدۇ، قالايمىقان سۆزلەيدۇ، قالايمىقان كۈلىدۇ، ئۆزىنى جىنايەتچى دەپ تونۇيدۇ.

3. روھىي-كەيپىيات جەھەتتىكى ئۆزگىرىش: مەسىلەن: ھەرىكەت ئازىيىدۇ، ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، گۇمانخۇر، ھېچقاھىچ قانداق نەرسىگە ھەۋەس قىلمايدىغان، بىپەرۋا، ھۇرۇن، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئاسان چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىنكاسى سۇسلىشىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، باشقىلار بىلەن ئاسان ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.

4. ئاخشىمى ئۇخلىيالمايدۇ، كۈندۈزى ئۇيقۇخۇمار بولۇپ قالىدۇ.

5. يەرلىك ئورۇنلۇق ئالامەتلەردىن مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمى يىگلەش سەۋەبىدىن سۆزلىيەلمەيدۇ، گەپ سۆزلىرىنى جايىدا ئىشلەتمەيدۇ، پۇت-قوللىرى تىترەيدۇ، مۇسكۇللاردا تارتىشىش كۈچىيىدۇ، مۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئەقلىي تەپەككۇرى سۇسلىشىش، خاتا سېزىم پەيدا بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، قالايمىقان سۆزلەش، قالايمىقان كۈلۈش، يىغلاش ياكى سۆزلىيەلمەسلىك، مۈچىلەر تىترەش، مۆچىلەر ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىدۇ.

CT دا تەكشۈرگەندە مېڭە توقۇلمىلىرى يىگلىگەنلىكنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

1. مېڭە تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا مېڭە تىقىلمىسىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. كېسەللىك سەۋەبى يوقىتىلغاندىن كېيىن توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، مېڭە قان نومۇرىنى كېڭەيتىپ، مېڭىنى تازىلىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

3. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

مېڭە يىگلەشتوسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىنى تازىلاش، مېڭە قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ھەببىي قوقىيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن؛ ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ئەرقى گاۋزىبان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مەجۈنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، قۇچقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، شورپا، پەرمۇدە، مائۇللەھمى، نارىن چۆپ، ئۈگرە، شويلا، چامغۇر، سەۋزە، ئۇسۇڭ، پالەچ، ئالما، ئانار، نەشپۈت، ئەنجۈر، ياڭاق قاتارلىقلار مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. زىيادە چارچاشتىن، روھىي جىددىيلىكتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، پەرىشان بولۇشتىن، قايغۇرۇشتىن، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن زىيادە شۇغۇللىنىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپىنى ئىگىلەش، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلى-ساياھەت قىلىش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=760

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=760

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#