ھەببۇلئاس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەببۇلئاسھەببۇلئاس بولسا مىرتا ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ئاس دەرەخنىڭ پىشاي دەپ قالغان مېۋىسى بولۇپ«ھەببۇلئاس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە، قارىمۇچ چوڭلىقىدا رەڭگى قارا، ئازراق ئاچچىق، تىلىنى قورۇيدۇ. پىشقاندا ئۈزۈۋېلىپ يېغۋىلىنىدۇ. ھىندىستان، بىرلان ۋە ياۋروپادىن چىقىدۇ.
جاراھەت پۈتتۈرۈش، تەر ۋەقاننى توختىتىش، تۇتۇش، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق تارقىتىش، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
ھەببۇلئاس1. ھەببۇلئاسىنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ كۆيگەن جايغا چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ھەببىۇلئاستىن 5 گرام، ئانار گۈلىدىن 5 گرام ئېلىپ سوقۇپ چىشقا چاپسا چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ھەببۇلئاسنىڭ سۈپۇپىدىن 6 گرام ئېلىپ قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ئىچى سۈرۈش، قان سىيىش ۋە ھەيزنىڭ كۆپ كېلىشىنى تەڭشەيدۇ
شەربىتى ھەببۇلئاس، جاۋارىش جالىنۇس.
قاناش، ئىچى سۈرۈش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، قان سىيىش، ھەيز كۆپ كېلىش، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىچكى تەرەپتىن؛ ئۆتكۈر ئىششىقلار، يارا، يىرىڭلىق چاقا، كۆيۈك، چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز ئاغرىقلىرىغا سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.