ئېلېكتر دولقۇنى

ئېلېكتىر دولقۇنى

 ئېلېكتر دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا تارقالغان دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ۋە نۇر سىزىقى، رېنتىگېن نۇرى،γ( گامما ) نۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئېلېكتر دولقۇنى
بايقىلىشى 1864-يىلى
چەتئەلچە نامى Electromagnetic Wave
باشقا نامى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 电波
بايقىغۇچى ماكسىۋېل
تۈرى فىزىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتىر دولقۇنىئېلېكتر دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا تارقالغان دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى كۆرسىتىدۇ. سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ۋە نۇر، رېنتىگېن نۇرى،( گامما ) γ نۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. ئېلېكتر دولقۇنى مۇھىت ۋە مۇھىت چېگرالىنىش يۈزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، قايتىش، تارقىلىش، سۇنۇش، دىففراكسىيە ۋە سۈمۈرۈلۈش  قاتارلىق ھادىسىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ ئالاھىدە پارامېتىرى مەسىلەن،ئامپلىتۇدا، فازا، قۇتۇپلىنىش، تارقىتىش يۆنىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنىڭ بىر خىل ھەرىكەت ھالىتى. ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنى بىر گەۋدىنىڭ ئىككى تەرىپى دېيىشكە بولىدۇ، ئۆزگىرىشچان توك ماگنىت ھاسىل قىلىدۇ، ئۆزگىرىشچان ماگنىت توك ھاسىل قىلىدۇ. ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر مەيدانى بىلەن ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى ئايرىغىلى بولمايدىغان بىرلىككە كەلگەن مەيدان ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىدۇر، ئۆزگەرگەن ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى بوشلۇقتا تارقىلىپ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئۆزگىرىشى خۇددى مەيىن شامال سۇ يۈزىنى يەڭگىل سوقۇپ سۇ دولقۇنى ھاسىل قىلغانغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ، دائىم ئېلېكتر دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى بولسا توغرا دولقۇن. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ماگنىت مەيدانى، ئېلېكتر مەيدانى ۋە  يۆنىلىشى ئۆزئارا تىك بۇلىدۇ. تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى تارقىلىش يۆنىلىشىگە تىك يۆنىلىشىنى بويلاپ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئارىلىقىنىڭ كۋادراتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ، دولقۇننىڭ ئۆزى ئېنېرگىيىگە ئىگە، ھەر قانداق ئورۇندا ئېنېرگىيە قۇۋۋىتى ۋە تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسىنىڭ كۋادراتى ئوڭ تاناسىپلىق تۈزىدۇ.

ئۇنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ c ( ھەر سېكۇنتىغا  10 × 3 نىڭ 8-دەرىجىسى)بولىدۇ. بوشلۇقتا تارقىلىدىغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى، ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ئېلېكتر مەيدانى (ماگنىت مەيدانى )كۈچلۈكلۈكى يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئەڭ چوڭ ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئارىلىق، بۇ دەل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى λ، ئېلېكتر ماگنىت ھەر سېكۇنتتا ئۆزگىرىش قېتىم سانى چاستوتا f. بۇ ئۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت فورمۇلاسى f λ = c بولىدۇ. 

ئوخشاش بولمىغان مۇھىتقا كىرگەندە، سۇنۇش، نـۇر قـايـتـۇرۇش، دىفراكسىيە، ھالقىپ ئۆتۈش، چېچىلىش ۋە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى يەر يۈزىنى بويلاپ تارقالغان يەر يۈزى دولقۇنى، يەنە ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا دولقۇنى ۋە ئاسمان دولقۇنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۇنىڭ ئاجىزلىشىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ئاسانلا توسالغۇدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ داۋاملىق تارقىلىدۇ. 

ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ۋە مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى تەتقىق قىلىدۇ،ئاساسەن ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش پىرىنسىپى، سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئىئونلۇق قەۋەت، ماگنىت قاتلىمىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش، ئاتموسفېرا فىزىكىسى ۋە يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېرا فىزىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ ،زور بىر تۈركۈم ماتېرىيال يىغىپ، سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ چاستوتا دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بىر خىل غايەت زور بايلىق ۋە ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش تەتقىقات ئوبيېكتى. ئاساسلىق سىمسىز ئېلىكتىر  دولقۇنى، ئىنفرا قىزىل نۇر، يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. 

ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش چېتىلىدىغان مۇھىتتىن يەر شارى (يەر ئاستى، سۇ ئاستى ۋە يەر شارى يۈزى قاتارلىقلار)، يەر شارى ئاتموسفېراسى ( كونۋېكسىيە قەۋىتى، ئىئونلۇق قەۋەت ۋە ماگنىت قاتلىمى قاتارلىقلار، قۇياش بىلەن يەر ئارىسىدىكى بوشلۇق ۋە يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇق قاتارلىقلار) بار. بۇ مۇھىتلارنىڭ  كۆپ ساندىكىلىرى تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بەزى سۈنئىي پەيدا بولغان مۇھىتلارمۇ بار، مەسىلەن، راكېتا يالقۇن پۈركىگەن ۋاقىتتىكى پىلازما ۋە ئۇچقۇلار ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە ھاسىل بولغان پىلازما قاتارلىقلار. ئۇلار رادىئو دولقۇنى تارقىتىشتىكى تەتقىقات ئوبيېكتى. ئاساسلىق تەتقىقات، يەر ئاستىدا ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش، يەر دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى، تروپوسفېرالىق رادىئو تارقىتىش، ئىئونلۇق قەۋەتتە ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىش ۋە ماگنىت قەۋىتى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىقلار. بۇ مۇھىتلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەر خىل- ھەر ياڭزا، توك ھەر خىل بولىدۇ.

ئاۋاز دولقۇنى ۋە سۇ دولقۇنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى دولقۇن خاراكتېرى ئىگە. سۇنۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ تېزلىكى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى، چاستوتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكىلى: سۈرئەت = دولقۇن ئۇزۇنلۇقى * چاستوتىسى.

ئېلېكتر دولقۇنى يوللاش ئۇسۇلى 

ئانتېننا سۇپىسى قويۇپ بەرگەن ئېلېكتر دولقۇنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن : 

1 . تۈز تارقالغان دولقۇن (بىۋاسىتە قوبۇللاش ئىستانسىسىغا يوللىنىدۇ). 

2. زېمىندىن قايتقان دولقۇن (يەر يۈزى يەنە قايتۇرۇش ئارقىلىق قوبۇللاش ئىستانسىسىغا يوللىنىدۇ). 

3.بوشلۇق دولقۇنى (ئاسماندا يەنە سۇنۇش ئارقىلىق قوبۇللاش ئىستانسىسىغا يوللىنىدۇ). يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، 1 ۋە 2 قوشۇۋېتىلگەندە «يەر يۈزى دولقۇنى» دېيىلىدۇ. يەر يۈزى دولقۇنى پەيدا بولغان چاغدا، چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، زىيان شۇنچە چوڭ بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم چاستوتىلىق ئېلېكتر دولقۇنى ئاسماندا يەنە قايتىش ئارقىلىق يەر يۈزىگە قايتىپ، قوبۇللاش ئىستانسىسىغا يوللىنىدۇ، بۇ بوشلۇق دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئېلېكتىر دولقۇنى1864-يىلى، ئەنگلىيە ئالىمى ماكسىۋېل ئالدىنقىلارنىڭ ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، مۇكەممەل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بىلەن يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تېزلىكى ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1887-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ھېرتىس تەجرىبە ئارقىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئىسپاتلىغان. كېيىن، كىشىلەر نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلەپ، يۇرۇقلۇقنىڭ بىر خىل ماگنىت دولقۇنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ شەكىلدىكى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى بايقىغان، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى تامامەن ئوخشاش، پەقەت دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە چاستوتىسىدا زور پەرق بار. 

ئېلېكتىر دولقۇنى1.ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بولسا توغرا دولقۇن، ئۆلچەش، ئورۇن بەلگىلەش، خەۋەرلىشىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى سپېكتر سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى، مىكرو دولقۇن، ئىنفىرا قىزىل نۇر، كۆرۈنىدىغان نۇر، كۆرۈنمە نۇر، ئۇلترا بىنەپشە، رېنتگېن نۇرى ( رېنتگېن نۇرى )، گامما نۇرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2.سىمسىز خەۋەرلىشىش 

3.مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىدا مىكرو دولقۇن ئىشلىتىلىدۇ.

4.ئىنفرا قىزىل نۇر يىراقتىن كونتروللاش، ئىسسىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئەسۋابى ، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 

5.كۆرۈنىدىغان نۇر بارلىق بىئولوگىيىلىك كۆزىتىشنىڭ ئاساسى. 

6.ئۇلترا بىنەپشە نۇر داۋالاشتا دېزىنفېكسىيەلەش، ساختا پۇلنى دەلىللەش،  ئارىلىق ئۆلچەش، قۇرۇلۇش جەھەتتە نۇقسان تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 

X .7 نۇر CT سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

8.گامما نۇرى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.  

9.سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#