زۇلۇلار

زۇلۇلار

زۇلۇ مىللىتى ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (ئازانىيە) نىڭ ناتال ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 9 مىليۇن ئەتراپىدا.

ئۇيغۇرچە زۇلۇلار
ئىنگىلىسچە Zulu
تارقىلىشى جەنۇبى ئافرىقا
يېزىقى لاتىن يىزىقى
خەنزۇچە 祖鲁人
نوپۇسى 9 مىليۇن
تىلى زۇلۇ تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زۇلۇلارزۇلۇ مىللىتى ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (ئازانىيە) نىڭ ناتال ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 9 مىليۇندىن ئاشىدۇ. بۇ رايوننىڭ كۆلىمى 10 مىڭ 362 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىمال تەرىپى سۋازىلېند بىلەن، شەرقىي جەنۇبى ھىندى ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئىقلىمى مۆتىدىل بولۇپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن كېۋەز ۋەە شېكەر قومۇشى چىقىدۇ. كۆمۈر زاپىسى ناھايىتى مول. زۇلۇ مىللىتى ئافرىقىدىكى بانتۇلارنىڭ تارمىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى بانتۇ تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ. 

زۇلۇ تارىخىزۇلۇ خەلقى ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ۋە بەزى ساياھەتچىلەرنىڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغاندا، زۇلۇ خەلقى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇراقلىشىپ بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. زۇلۇ خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. دەسلەپتە ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئادىمى بار قەبىلە بولۇپ، كېيىنچە ئۆزىنىڭ مول ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئەتراپتىكى قوشنىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 دىن كۆپرەك قەبىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بىر مىللىي دۆلەتنى قۇرغان. زۇلۇ دۆلىتىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى چاكا دېگەن كىشى ئىدى. 1819-يىلى چاكا باتۇر قوشۇننى باشلاپ، ئۈچ كۈنلۈك جەڭ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى بىر قەبىلە ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى تاماملىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭدىن: «دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟» دەپ سورىغاندا، چاكا بۇنىڭغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي تەڭقىسلىقتا قالغان، دەل شۇ چاغدا توساتتىن غەرب تەرەپتىكى بۇلۇت ئاسماننى قاپلاپ كەتكەن، ئارقىدىنلا چاقماق چېقىپ، چېلەكتە قۇيغاندەك يامغۇر ياغقان، بىردەمدىن كېيىنلا ھاۋا ئېچىلىپ، ئەتراپتىكى تاغ-دەريالار، دالا-ئېتىزلار ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن. شۇئان چاكانىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، ھاياجان بىلەن مۇنداق دېگەن: «زۇلۇ دەپ ئاتايلى مىللىتىمىزنىڭ نامى ئامازۇلۇ بولسۇن!» بانتۇ تىلىدا زۇلۇ جەننەت، ئامازۇلۇ جەننەتتىكى خەلق دېگەن بولاتتى. شۇندىن باشلاپ ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا يېڭى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كەلدى.

زۇلۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ تېخى ئەمدىلا 40 يىل بولغاندا، ياۋروپادىكى مۇستەملىكىچىلەر ئۆزىنىڭ تۆمۈر تىرنىقىنى زېمىنغا سوزدى. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئالماس ۋە ئالتۇن تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تېزلا ياۋروپاغا تارقالدى. بىر مەھەل ھەرخىل تەۋەككۈلچىلەر، دېڭىز قاراقچىلىرى، سودىگەرلەر ئۇۋىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ھەرىدەك بۇ يەرگە كېلىشكە باشلىدى. ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ كاپتالىزىم دۇنياسىدىكى زومىگەرلىك ئورنىغا تايىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنى يۇتۇۋېتىش غەرىزىدە ئۆزى كونترول قىلىدىغان «جەنۇبىي ئافرىقا فېدراتىۋى» نى قۇردى. بۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل زۇلۇ پادىشاھلىقى تەبئىي ھالدا ئۇلارنىڭ قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسالغۇسى بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پائال پىلان تۈزۈپ، بىر مەيدان يېڭى مۇستەملىكە ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇ چاغدا زۇلۇنىڭ پادىشاھلىقىغا چاكانىڭ جىيەن ئوغلى كېكۋايو ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. ئۇ چاكا بەرپا قىلغان ھەربىي تۈزۈم بويىچە، تېزلا 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىل قىلدى، نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر زۇلۇ ياشلىرى سىرتقا چىقىپ مەدىكارچىلىق قىلىپ تاپقان پۇللىرىغا قورال سېتىۋېلىپ قايتىپ كېلىشتى، ئۇزاققا قالماي بىر نەچچە 100 مىلتىق بىلەن قوراللانغان قوشۇن بارلىققا كەلدى.

1878-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۆكتەملىك بىلەن ئالتە باتاليون ئەسكەرنى زۇلۇ پادىشاھلىقىنىڭ چېگرىسىغا ئەۋەتىپ، «ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇماتىم» تاپشۇردى. ئۇنىڭدا 30 كۈن ئىچىدە زۇلۇ قوشۇنلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش، ئەنگىلىيە ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش لازىم دەپ يولسىزلىق بىلەن تەلەپ قويۇلغان ئىدى. بۇ يولسىز تەلەپ كېكۋايونىڭ قەتئىي رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. بىر ئايدىن كېيىن، 6000 دىن كۆپرەك ئادىمى بار ئەنگىلىيە قوشۇنى 200 ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇرۇش سېپىدە ھەيۋە بىلەن زۇلۇ پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، زۇلۇ قوشۇنى كېكۋايونىڭ قوماندانلىقىدا، چېكىنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، دۈشمەننى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگۈزدى. تاجاۋۇزچىلار ئون كۈن ئاختۇرۇپمۇ زۇلۇ قوشۇنىنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالمىدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ سېپى ئۇزارغانسېرى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىنىشى جىددىيلىشىپ، ئەسكەرلىرىنىڭ كەيپىياتى چۈشۈپ كەتتى. 1879-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر بۆلۈك ئەنگىلىيە قوشۇنى ئىساندلۋانا تېغىنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ھەربىي تەمىنات كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بارا-بارا كەچ كىرىشكە باشلىدى، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئەنگىلىيە قوشۇنى مۇداپىئە ئىنشائاتلىرىنى ياساشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيلا، ھەتتا ئوق ساندۇقلىرىنىمۇ ئېچىپ قويمايلا ئۇيقۇغا كېتىشتى. كېكۋايو يېتەكچىلىكىدىكى بىر نەچچە 1000 زۇلۇ ئەسكەرلىرى كېچىدە ئەنگىلىيىنىڭ چارلىغۇچىلىرىنىڭ يېنىدىن پەم بىلەن ئۆتۈپ، دۈشمەن لاگېرىنىڭ ئەتراپىغا يوشۇرۇندى. بىر ئازدىن كېيىن، بەلگە سىگنالى بىلەن تەڭلا زۇلۇ ئەسكەرلىرى چاقماق تېزلىكىدە دۈشمەن لاگېرىغا باستۇرۇپ كىردى، چالا ئۇيقۇ ئويغانغان ئەنگلىيلىكلەر ئالاقزادە بولۇشۇپ، تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى. زۇلۇ قوشۇنى نەيزە، قىلىچلار بىلەن جەڭگە كىرىشىپ كەتتى. نەيزە، قىلىچلار ئاي يورۇقىدا پارقىرايتتى، ئۇر-چاپ سادالىرى ۋە «ۋايجان- ۋېيەي» پەريادلىرى كۆكتە ياڭرايتتى. بىر نەچچە قېتىملىق ئېلىشىشتىن كېيىن، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ، ھەممىسى دېگۈدەك جېنىدىن جۇدا بولدى. قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، زۇلۇ خەلقى 1700 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتتى، بىر نەچچە ئوفېتسېرنى ئۆلتۈردى، شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق «جازا يۈرۈشى» تارمار بولدى.

ئىساندلۋانادىكى جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كېكۋايو غەلبىسېرى قوغلاپ زەربە بەرمەي، سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش خام خىيالى بىلەن جەڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئەنگلىيە مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، 20 مىڭ كىشلىك زور قوشۇن توپلاپ، 5000 دانە مىلتىق ۋە 36 توپ تەييارلاپ زۇلۇ پادىشاھلىقىغا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى. 1879-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى زۇلۇ قوشۇنى ئەنگىلىيە قوشۇنى ئولوندى ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. ئەنگىلىيىلىكلەر كەڭلىكى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان كەڭ جايدا تۇرىۋېلىپ يېڭى تىپتىكى قوراللارنى ئىشقا سالدى. زۇلۇ قوشۇنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ زېمىنغا خوجايىنلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ پادىشاھلىقنى 13 رايونغا ئايرىپ، قورچاقلارنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە يۆلەپ تۇرغۇزدى. يىراق دالادىكى ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ، باھار شامىلىدا ئەۋج ئالىدۇ دېگەندەك، 1906-يىلى زۇلۇ خەلقى قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. 100 يىل ئىلگىركى «زۇلۇ ئۇرۇشى» ئەنگىلىيىنى ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ جەھەتتىن نۇرغۇن چىقىمغا ئۇچراتتى. بۇ ھال بىۋاستىلا رېسلېر كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى بەربات قىلىپ، غەرب ئەللىرىنى ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىشتەك جىنايى سۇيقەستكە زەربە بەردى. ئېنگېلس چەكسىز خۇشاللىق بىلەن «ئافرىقىدا بۇ خىل باتۇرلۇقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆردۇق» دەپ يازغان ئىدى. زۇلۇ خەلقى ھازىر پۈتۈن جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

بۇندىن 100 يىل بۇرۇن، ئافرىقا قۇرۇقلۇقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشايدىغان زۇلۇلۇقلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۈشمەنلەر بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ ئېلىپ بارغان، مانا بۇ مەشھۇر «زۇلۇلۇقلار ئۇرۇشى» دۇر. 1884-يىلى ئېنگېلىس ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىلمىي ئەسىرى «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دا زۇلۇلۇقلاردا «مىلتىق، زەمبىرەك بولمىسىمۇ، ئۇلار نەيزە ۋە ئاتار نەيزىلەر بىلەن قوراللىنىپ، ئەنگىلىيە پىيادە ئەسكەرلىرى-زىچ سەپلىك ئۇرۇشتا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەپ نام ئالغان-رەسمىي جەڭ مىلتىقلىرىدىن يامغۇردەك ياغدۇرىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، تاكى سىداۋ ئالدىغىچە ئېتىلىپ بېرىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ سېپىنى بىر قانچە قېتىم بۇزۇۋەتكەن» دەپ يازغان ۋە ئۇلارنى ماختاپ «ياۋروپانىڭ ھېچقانداق قوشۇنى قىلالمىغان ئىشنى قىلغان» دېگەن.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/94626.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#