يىراق قەدىمدىن تارتىپ 100 نەچچە يىل ئىلگىرىگىچە، ئىنسانلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىدى، خولېرا، چۇما، ئۆپكە سىلى قاتارلىقلار سانسىزلىغان ئادەمنى ھاياتىدىن جۇدا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ۋابالار تىزگىنلەندى. گېرمانىيە لىك پروفېسسور روبېرت كوخ (1843-1910)  يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كوخ
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1910-يىل
چەتئەلچە نامى Robert Koch
خەنزۇچە ئىسمى 罗伯特·科赫
تۇغۇلغان ۋاقتى 1843-يىل
كەسپى دوختۇر، تەتقىقاتچى، پروفېسسور

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوخ گېرمانىيە دىكى بىر كانچىلىق شەھىرىدە تۇغۇلغان، 23 يېشىدا مېدىتسىنا بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن دوختۇرلۇق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ كېسەللەرگە سەۋەب قىلالمىغانلىق تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىدە، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ باش جىنايەتچىسىنى تۇتۇش كېرەك، دەيدىغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. ئەينى چاغدا، مىليونلىغان قوي-كالىلار بىر كېچىدىلا كۆيدۈرگىدىن ئۆلۈپ كېتەتتى، شۇنىڭدەك پادىچىلار، كۆن-تېرە سودىگەرلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزەتتى. ئۇ كېسەل قوينىڭ قېنىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق تاياقچە ۋە ئۇزۇن يىپچىلارنى كۆرۈپ، مۇشۇلار كۆيدۈرگىنى پەيدا قىلغۇچى تاياقچە باكتېرىيە بولسا كېرەك، دەپ قىياس قىلىدۇ. كوخنىڭ تەجرىبە ئۈچۈن قوي-كالا سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا، ئاق چاشقاننى تەجرىبە قىلىشنى قارار قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قىياسىنى ئىسپاتلايدۇ ھەم كۆيدۈرگە تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. كوخ باكتېرىيە ئۆستۈرۈش جەريانىدا، مەلۇم خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ مەلۇم خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

كوخ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەتقىقاتنى ئاددىي شارائىتتا ئىشلەيدۇ. بىراق، ئۇ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن ئاددىي، قۇلايلىق، ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنى ئەپچىللىك بىلەن لايىھىلەپ تەتقىقات ئىشلەيدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. مەسىلەن، قاتتىق جىسىمدا يېتىشتۈرۈش، ئېسىپ تېمىتىپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. كېيىن ئۇ سەھرادىن گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. 1882-يىلى، ئۇ بىرقەدەر ياخشى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپى ئىنتايىن زور بولغان سىل باكتېرىيىسىنى بايقايدۇ. بۇ ئەينى چاغدىكى ئەڭ زور باكتېرىيە تەتقىقاتى نەتىجىسى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن سىل كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ  1905-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. كېيىن كوخ نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، چۇما، ماخاۋ، خولېرا، بەزگەك، ئاقسىل، بىھوش ئۇخلاش كېسىلى ھەمدە كالا ئازار كېسىلى قاتارلىق ساقايماس كېسەللەرنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ۋابالارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#