دۇنيا تىلى

دۇنيا تىلى

دۇنيا تىلى بولسا پولشالىق يەھۇدى زامېنكوف 1887-يىلى ئىجاد قىلغان بىر خىل تىل.خەلىقئارا مۇناسىۋەتتە تىللار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىلمەسلىكنى تۈگىتىشنى  مەقسەت قىلىپ ئىجاد قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە دۇنيا تىلى
ئىنگىلىزتىلى Esperanto
قوشۇمچە ئىشلەتكۈچىلەر 2مىليۇنغا يىقىن
خەنزۇچە 世界语
ئىجاد قىلغۇچى پولشالىق زامېنكوف

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا تىلى بولسا پولشالىق يەھۇدى زامېنكوف 1887-يىلى ئىجاد قىلغان بىر خىل تىل. خەلىقئارا مۇناسىۋەتتە تىللار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىلمەسلىكنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئىجاد قىلىنغان.

دۇنيادىكى كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلاشقاندا تەرجىمانلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەر خىل مىللەتلەر ئورتاق قوللىنالايدىغان دۇنيا خاراكتېرلىك بىر خىل تىل بولغان بولسا،ئالاقىگە قۇلاي بولىدۇ، دۇنيا تىلى مۇشۇ مەقسەتتە ئىجاد قىلىنغان.

 بۇندىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ئويلىغان ئىدى. پولشادا زامېنكوف ئىسىملىك بىر يەھۇدى ئۆتكەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن كىچىك شەھەردە 4 مىللەت بولۇپ، 4 خىل تىلدا سۆزلىشەتتى. كىشىلەر ئارىسىدا دائىم گەپنى چۈشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن ئۇقۇشماسلىق، ھەتتا جېدەل-ماجرا بولۇپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن زامېنكوف تېخى كىچىك تۇرۇپلا دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان بىر خىل تىل يارىتىپ،ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ روس، ئوكرائىن، پولەك، ئىنگلىز، نېمىس، فرانسۇز، لاتىن ۋە گرېك تىللىرىنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، ئۇنىڭدىن ئورتاق قانۇنىيەت ئىزلەيدۇ. 1887-يىلىغا كەلگەندە، ئاخىر بىر خىل دۇنيا تىلى ئىجات قىلىدۇ. دۇنيا تىلىدا جەمئىي 28 ھەرپ بار، ئۇنىڭدا ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئارتۇقچىلىقلار قوبۇل قىلىنىپ، نامۇۋاپىق تەرەپلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ خىل تىل قوشۇپ يېزىلىشقا ئاسان، گرامماتىكىسى ئاددى، يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلۇشى بىردەك، ئۈگىنىشكە قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپالىقلار ئۇنى «يىغلاتمايدىغان لاتىن تىلى» دەپ ئاتىدى (چۈنكى،لاتىن تىلىنى ئۈگەنمەك ناھايىتى تەس بولغاچقا، ئۈگەنگۈچىلەر ئىختىيارسىز يىغلىۋېتىدىكەن).

زامېنكوف ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە دوستلىرى دۇنيا تىلىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى. ئۇلار دۇنيا تىلى بىلەن كىتاب يازدى. يەنە كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. دۇنيا تىلىنى ئۈگىنىدىغان ئادەملەرمۇ تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىرمانىيە فاشىستلىرى گېرمان تىلىنى دۇنيا تىلى قىلىش غەرىزىدە دۇنيا تىلىنى تارقاتقان ۋە ئۈگەنگەن ئادەملەرگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى. زامېنكوفنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ جازا لاگىرىدا پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. شۇنداقتىمۇ بەزى ئادەملەر ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، دۇنيا تىلىنى ئۈگەندى. يۇگۇسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتومۇ دۇنيا تىلىنى ئۈگەنگەن ئىدى.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، دۇنيا تىلى جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرىپ، 4-ماي مەزگىلىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىدە كۆپ رول ئوينىدى. شۇ چاغدا لۈشۈن، ماۋدۈن قاتارلىق كىشىلەر بىر قىسىم ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تونۇشتۇرغاندا، دەل مۇشۇ دۇنيا تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئىدى.

    ئازادلىقتىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دۇنيا تىلى جەمئىيىتى قۇرۇلدى. دۇنيا تىلىدا چىقىدىغان «جۇڭگو خەۋەرلىرى» ژورنىلى نەشىر قىلىندى. شۇنىڭدەك ماۋزېدۇڭ بىلەن لۈشۈننىڭ ئەسەرلىرى ۋە جۇڭگونىڭ بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى دۇنيا تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلدى. سىرتقا قارىتا رادىئو ئاڭلىتىشتىمۇ دۇنيا تىلى پىروگراممىسى يولغا قويۇلدى.

    ھازىر دۇنيا تىلى 80 نەچچە دۆلەتكە تارقالدى. «خەلقئارا دۇنيا تىل جەمئىيىتى» يىلدا بىر قېتىم خەلقئارا دۇنيا تىل يىغىنى چاقىرىدۇ. يېغىندا كىشىلەر دۇنيا تىلى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. 1979-يىلىغىچە خەلقئارا دۇنيا تىلى يىغىنى 64 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.

   بەلكىم بەزىلەر دۇنيا تىلى كەشىپ قىلىنغىنىغا 90 نەچچە يىل بوپتۇ ، يەنە نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرى ئارىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلمايدۇ؟ دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى، بىر خىل تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆپ شەرت-شارائىت كېرەك. بولۇپمۇ دۇنيا خاراكتېرلىك بىر تىلنىڭ كېڭىيىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن دۇنيا تىلىنى ئۈگىنىش ۋە كېڭەيتىش ھېلىھەم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر مۇنچە دۇنيا تىل خادىملىرى ھازىرمۇ بۇ خىزمەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانماقتا.

   ئەمما ئىقتىساد تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ھىچبىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلى قىلمىغان، شۇنداقلا ھىچقانداق رايوندا تىلنىڭ ئاساسى فونكىسىيىسى بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلمايدىغان بۇ تىلنى ئۆگىنىشنى ئىسراپچىلىق شۇنداقلا بىھۇدە ئىش دەپ قارىماقتا. بۇ خىل قاراش يەنە نۆۋىتىدە دۇنيا تىلىنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈپ ئىستىقبالىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#