چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسى

چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسى

ھازىرقى زامان يولۇچىلار كېمىلىرىدە نۇرغۇن ئايرىمخانىلار ۋە ئاممىۋى بۆلۈملەر بار، قەۋىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. كېمە گەۋدىسى سوزۇق بولۇپ، خېلى تېز ماڭىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسى
خەنزۇچە نامى 大型客船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسىدۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى چوڭ يولۇچىلار كېمىسى جۇڭگونىڭ سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان. سۈي سۇلالىسىنىڭ ياڭدى خانى قانال بىلەن جەنۇبقا بېرىپ، ياڭجۇدا گۈل تاماشاسى قىلغاندا ئولتۇرغان كېمىنىڭ تۆت قەۋەتلىك قەسىر شەكىللىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق بالىخانىسى بار ئىدى، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 20 نەچچە مېتىر كېلەتتى.

ھازىرقى زامان يولۇچىلار كېمىلىرىدە نۇرغۇن ئايرىمخانىلار ۋە ئاممىۋى بۆلۈملەر بار، قەۋىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. كېمە گەۋدىسى سوزۇق بولۇپ، خېلى تېز ماڭىدۇ. ھەشەمەتلىك يولۇچىلار كېمىسى ئالىي مېھمانخانىغا ئوخشايدۇ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئىلغار بولىدۇ، ئازادە ئايرىمخانىلىرىدىن باشقا، ئاشخانا، كىنوخانا، ماگىزىن، كۆڭۈل ئېچىش زالى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، قۇياش مۇنچىسى، چېنىقىش ئۆيى، پوچتىخانا، بەزىلىرىدە يەنە مەنزىرە تاماشا قىلىش پەشتىقى، مەنزىرە كۆرۈش كارىدورى قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ. 

ئارتۇقچىلىقلىرى 

چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسىھەشەمەتلىك يولۇچىلار كېمىسى دولقۇنلۇق دېڭىزدا بەكمۇ سىلىق ماڭىدۇ، مېھمانلار كېمىدە خۇددى يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بىرئازمۇ تەۋرىنىشنى سەزمەيدۇ. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسىدە يەنە مۇكەممەل قۇتقۇزۇش، قوغداش سىستېمىسى بولىدۇ، مەسىلەن، ئىككى يۈرۈش ماتور، ياخشى ھاۋا ئالماشتۇرۇش-سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى، كىچىك تىپتىكى نۇرغۇن قۇتقۇزۇش كاتېرلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال كۆرۈلسە شۇئان قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرەلەيدۇ ۋە يولۇچىلارنى خەتەردىن يىراقلاشتۇرالايدۇ، ھەتتا يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش كاتېرلىرى بىلەن بىخەتەر قىرغاققا يەتكۈزۈپ قويالايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#