شورباغ يېزىسى
شورباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شورباغ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 34 مىڭ مو، تەۋەسىدە 4100 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 26 مىڭ ئادەم.
شورباغ يېزىسى خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ يولى غەربكە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان، 315-دۆلەت يولى بىلەن قوشنا، شەرقىي خوتەن شەھەرلىك 2-ئايلانما يولىغا تايانغان، خوتەن شەھەرلىك 3-يېزىغا تۇتاشقان تاشيول بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، ئورنى ئىنتايىن ئەۋزەل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق كىچىك يېزا-بازار قۇرۇلىشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازارلىرىنىڭ بىرى. بۇ يېزىغا قاراشلىق 16 مەمۇرىي كەنت، 89 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 19 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.6 مو، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغان شەھەر ئەتراپى تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك يېزىسى، ئاساسلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، قوناق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش قۇشلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارى بار، خوتەن شەھىرىدىكى مۇھىم ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا ئىشلەپچىقىرىش يېزا-بازىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازارلىرىنىڭ بىرى.
شورباغ يېزىسى تەۋەسىدە خېنى كەنتى، شورباغ كەنتى، قۇمباغ كەنتى، تۆۋەن شورباغ كەنتى، ئاقتاش كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، تېرەكئۆستەڭ كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، گازۇن كەنتى، ئاقلەڭگەر كەنتى، باش تېرەك كەنتى، چېدىر كەنتى، باش ئاچچۈ كەنتى، ئاياق ئاچچۈ كەنتى، ئارىل كەنتى، رېھىمباغ كەنتى قاتارلىق 16 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
يۇرۇڭقاش بازىرى، ئىلچى يېزىسى، گۇجانباغ يېزىسى، تۇساللا يېزىسى، جىيا يېزىسى، ئاخچا باشقۇرۇش رايونى قاتارلىقلار.
شورباغ يېزىسى خوتەن شەھىرى دىكى مۇھىم ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا ئىشلەپچىقىرىش بازارلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، قوناق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش قۇشلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
شورباغ يېزىسىدا 1600 پارنىك بار، بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ لاپاس 220 گە يېتىپ پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا جوڭ چېڭ جېنشەن مۇنداق دېگەن: خوتەن شەھىرىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بۇ ئېسىل باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىدا، چوقۇم ئىلمىي باشقۇرۇش، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنى يىلمۇ يىل كۆپەيتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكى تولۇق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مو بېشى ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى كىرىمىنى مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
2012-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9570.75 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1626.26 مىڭ يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبتى %20.20، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4719.9 يۈەنگە يېتىپ، 465.9 يۈەن ئاشقان، ئېشىش
نىسبىتى %14.93 بولغان.
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق باش ئاچچۈ ئوتتۇرا مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق چىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق تۆۋەن شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق باشلانغۇچ ئاياق باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق گازۇن كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق باش ئاچچۈ رايونلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق قۇمباغ كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ؛
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق شورباغ كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ؛[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.