ۋاڭ روفېي

ۋاڭ روفېي

ۋاڭ روفېي (1896-1946-يىللار) گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۇن ناھىيەسىدىن، ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 22 يېشىدا ياپونىيىگە بېرىپ مىڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1919-يىلى «4-ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جاھانگىرلىككە قارشى نامايىشقا قاتناشقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ روفېي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۇن ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1946-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 王若飞
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1896-يىلى
كەسپى ئىنقىلابچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ روفېيۋاڭ روفېي (1896 −1946-يىللار) گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۇن ناھىيەسىدىن، ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 22 يېشىدا ياپونىيىگە بېرىپ مىڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1919-يىلى «4-ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جاھانگىرلىككە قارشى نامايىشقا قاتناشقان ھەمدە كوچىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن، فرانسىيە گە بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان. 1922-يىلى ياۋروپانى ساياھەت قىلغۇچى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئۆمىكىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. كېيىنكى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.

ۋاڭ روفېي1925-يىلى ئەتىيازدا، ۋاڭ روفېي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ج ك پ خېنەن-شەنشى رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1926-يىلى شاڭخەيگە بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1927-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ج ك پ جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى6-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 6-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. قۇرۇلتايدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا قېپقېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىلى بولغان. 1931-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسمىنى خۇاڭ جىڭجەيگە ئۆزگەرتىپ، ئىچكى موڭغۇلدا ج ك پ نىڭ غەربىي شىمال رايونلۇق خىزمەت كومىتېتىنى قۇرغان، گۇيسۇي (ھازىرقى كۆكخوت شەھىرى) ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلغان، يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، يېزا ئىنقىلابىي بازىسى قۇرغان. 10-ئايدا باۋتۇدا بەختكە قارشى قولغا چۈشۈپ قېلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ ئالتە يىللىق تۈرمە ھاياتىدا دۈشمەن بىلەن ئېگىلمەي-سۇنماي قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن. 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونلۇق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 8-ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ باش كاتىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە خىزمىتى تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، پارتىيەنىڭ نۇرغۇن مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ھەمدە نۇرغۇن تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى ئىشلىگەن. 1945-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1945 -يىلى 8-ئايدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاڭ روفېي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە چۇڭچىڭغا بېرىپ، گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 1946-يىلى 1-ئايدا، ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە چۇڭچىڭدا سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1946 -يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ۋاڭ روفېي چۇڭچىڭدىن يەنئەنگە قايتىپ كېلىۋېتىپ سەنشى ئۆلكىسى شىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ خېيچاشەن دېگەن يېرىگە كەلگەندە، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان. ئۇ چۇڭچىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، جۇ ئېنلەي گە: «ھەممە ئىشتا خەلقنى ئويلاش» دېگەن گەپنى قىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ سۆزى دەل ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىنىڭ يەكۈنىدۇر. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#