ئالماس

 ئالماس بىر خىل تەبئىي مىنرال ماددا بولۇپ، بىرىليانتنىڭ دەسلەپكى ھالىتى.  ئالماس چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوقىرى بېسىم، يوقىرى تېمپراتورا ھالىتىدە شەكىللەنگەن كاربون ئېلمىنتىدىن تەركىپ تاپقان يەككە ماددا ھالىتىدىكى كىرىستال جىسىم. 

ئۇيغۇرچە ئالماس
ئىنگىلىسچە Diamond
قاتتىقلىق دەرىجىسى 10
نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى 2.417
چىقىدىغان جاي ئاۋستىرالىيە، بوسىۋانا، كانادا، زىمبابۇۋى، نامبىيە، جەنۇبى ئافرىقا
خەنزۇچە 钻石
تۈرى تەبىئى بايلىق
خىمىيىۋى تەركىبى 99.98% كاربون ئېلىمىنتى
دىسپىرسىيە قىممىتى 0.044
ماسسا بىرلىكى كارات،بىر كارات 200 مىللىگىرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالماسئالماس بىر خىل تەبئىي مىنرال ماددا بولۇپ، بىرىليانتنىڭ دەسلەپكى ھالىتى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالماس چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوقىرى بېسىم، يوقىرى تېمپراتورا ھالىتىدە شەكىللەنگەن كاربون ئېلمىنتىدىن تەركىپ تاپقان يەككە ماددا ھالىتىدىكى كىرىستال جىسىم. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە گەرچە نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئالماسنى ھەقىقى تۈردە بايقاپ ئىشلەتكىنىگە پەقەت نەچچە يۈز يىللا بولدى، ئالماسنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى بىلگەن ۋاقىت تېخىمۇ قىسقا. ئۇزاقتىن بېرى ئۇ توغرىسىدا ئەپسانە-رىۋايەتلەرمۇ تارقالدى، ئۇ باتۇرلۇقنىڭ، ھوقۇقنىڭ، مەرتىۋىنىڭ ۋە ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئالماس ھەرگىزمۇ سىرلىق ئەمەس ، ئىلگىرى پەقەت پادىشاھ-ئېسىل ئاقسۆڭەكلەرلا بەھرىمەن بولالىغان بولسا ، ھازىر ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ، ئالماستىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىيالايدۇ. ھازىر كىشىلەر كۆپرەك ئۇنى مۇھەببەتنىڭ ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولى قاتارىدا كۆرىدىغان بولدى.

 تەبئىي مېنرال ماددىلار ئىچىدە قاتتىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يوقىرى، شۇنداقلا چۈرۈكلۈك دەرىجىسىمۇ يوقىرى، قاتتىق سوقۇلۇشقا ئۇچرىغاندا يېرىلىدۇ، ئېتىراپ قىلىنغان گۆھەر شاھى. ئۇ شۇنداقلا زىچلىقى ناھايىتى يوقىرى بولغان كىرىستال ھالەتتىكى كاربون.

كۆپ كۆرۈلىدىغان شەكلى: يۇمىلاق، ئېللىپىس، قىرلىق زەيتۇن، يۈرەك، چاسا، ئۈچ بۇرجەك ھالەتتە.

نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى: 2.417

دىسپىرسىيە قىممىتى: 0.044

قاتتىقلىق دەرىجىسى : 10

خىمىيەلىك تەركىبى: 99.98% كاربون ئېلىمىنتى

ماسسا بىرلىكى : كارات (Carat)، كارات ئالماسنىڭ ماسسا بىرلىكى. بىر كارات 200 مىللىگىرامغا باراۋەر.

: ئاۋستىرالىيە، بوسىۋانا، كانادا، زىمبابۇۋى، نامبىيە، جەنۇبى ئافرىقا، سىبىرىيە؛ دۇنيادىكى داڭلىق ئالماس تاراشلايدىغان جايلار: بىلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئەۋىۋ، ئامېرىڭىنىڭ نيويورك، ھىندىستاننىڭ بومباي، تايلاندنىڭ بانكوك قاتارلىق جايلىرى. ئانتۋېرىپ بولسا «دۇنيانىڭ ئالماس شەھىرى» دىگەن نامغا ئىگە. دۇنيادىكى ئالماس سودىسىنىڭ يېرىمى مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئانتۋېرىپ تاراشچىلىقى-نەپس تاراشچىلىقنىڭ سىمۋولى. 

تەركىبى

ئالماسنىڭ تەركىبى كاربون بولۇپ، بۇ گۆھەرلەر ئىچىدە بىردىنبىر بىر ئېلىمنتتىن تەركىپ تاپقان گۆھەر،تەڭ ئوق كرىستال تۈرىگە تەۋە. ئادەتتە تەركىبىدە 0.05%-0.2% گىچە ئارلاشما ماددىلار بولىدۇ. ساپ ھالەتتىكى ئالماس ئادەتتە سۈزۈك بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان ماددىلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىقى. ئۇنىڭ قاتتىقلىقى كىۋارتىسنىڭ 1000 ھەسسىسى، ياقۇت刚玉(قىزىلى قىزىل ياقۇت، كۆكى كۆك ياقۇت دەپ ئاتىلىدۇ، قاتتىقلىقى ئالماستىن كېيىنلا تۇرىدۇ)نىڭ 150 ھەسىىسىگە توغرا كېلىدۇ. چۈرۈك بولۇپ، قاتتىق سوقۇلۇشتىن قورقىدۇ. ئالماسقا ئوخشاپ كېتىدىغان گۆھەر تاشلارمۇ كۆپ بولۇپ، گۆھەر بازارلىرىدىكى تەقلىد قىلىنغانلىرىدىن رەڭسىز ياقۇت، رەڭسىز سىنپىل، كۇپ شەكىللىك رىزكونىي ئوكسىد،سترونتىسى تىتانات، سۈنئىي قىزىل تاش قاتارلىقلار بار. تەبىئىي ئالماس بىلەن يوقىرىدىكى «تەقلىدى ئالماس»لارنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى، زىچلىقى، نۇرسۇندۇرىشى، دىسپىرسىيە قىممىتى دىگەنلەردە پەرق بولسىمۇ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس. سۈنئىي ئالماس 1955-يىلى ياپۇنىيەدە تۇنجى قېتىم ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىلمىغان، چۈنكى ئۇنىڭغا كەتكەن مەبلەغ تەبىئىي ئالماستىن قىممەت بولۇپ كەتكەن، شۇڭا بازارلاردا سۈنئىي ئالماسنى ئۇچرىتىش ئىنتايىن تەس.

شەكىللىنىشى

كىشىلەر ئادەتتە 金刚石 نى ئالماس،  钻石 بىرىليانت دەپ ئايرىيدۇ. لېكىن تامامەن ئۇنداق ئايرىشنىمۇ توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ( بۇ خۇددى ياغاچ بىلەن ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرىنىڭ پەرقىگە ئوخشاش) . ئالماس تېشى ئادەتتە ئىنچىكە تاراشلىنىش ئارقىلىق بىرىليانت قىلىنىپ ياسىلىپ چىقىلىدۇ. ئالماسنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى قېرىنداش قەلەمنىڭ قارىسى گرافىت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كاربون بىر قەدەر يوقىرى تېمپىراتورا ۋە بېسىمدا گىرافىت بولۇپ شەكىللىنىدۇ. كاربون ئېلىمېنتتى ناھايىتى يوقىرى تېمپۇراتورا ۋە غايەت زور يوقىرى بېسىم شارائىتىدا كىرىستال ھالەتتىكى ئالماسقا ئايلىنالايدۇ.

بايقىلىشىئالماس ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاندا بايقالغاندىن بېرى كىشىلەرنىڭ دەريا بويلىرىدا ئالماس تېپىۋالغانلىق ھېكايىلىرى ئېيتىلىپ كەلدى. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ، دەريانىڭ يوقىرى ئېقىنىدىكى ئالماس بىلەن بىرىكىپ كەتكەن تاشلار سۇنىڭ تەسىرىدە يېمىرىلىپ، پارچىلانغاندىن كېيىن ، سۇنىڭ ئېقتىشى نەتىجىسىدە ئاياق ئېقىن تەرەپلەرگە كېلىپ، دەريا قىنىدىكى شېغىل تاشلارئارىسىغا كىرىپ قالغان. ئالماس قانداق تاشلار ئارىسىدىن چىقىدۇ؟ 1870-يىلى كىشىلەر جەنۇبى ئافرىقىدىكى بىر دېقانچىلىق مەيدانىدىكى سېرىق توپا ئارىسىدىن ئالماس تېپىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئالماس قېزىش دەريادىن سېرىق توپىلىق جايلارغا يۆتكەلگەن. سېرىق توپا قاتلىمىنىڭ ئاستىدا قاتتىق بولغان قېنىق كۆك رەڭلىق تاش بولۇپ، بۇ ئالماس چىقىدىغان تاغ جىنىسى كىمبېرلىد تاغ جىنىسىدۇر. بۇ تاغ جىنىسى يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى كاربون دىئوكسىد گازى تەركىبىگە ئىگە، ئىشقارلىق ئۇلتىرا ئاساسلىق ماگما جىنىسىدۇر. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا بۇ خىل تاش جىنىسى يەريۈزىدىن150 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقنىڭ ئاستىدىكى يەر ئاستىدا شەكىللنىدىكەن. بۇ تاغ جىنىسى دەسلەپتە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كىمبېرلىد دىگەن جايىدا بايقالغاچقا ، شۇ جاينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئالماسنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بېسىم كەم دىگەندە Gpa4.5-6.0، تېمپراتورا 1100-1500℃ بولىشى كېرەك ئىكەن. زور كۆپ قىسىم ئالماسلار، بۇنىڭدىن 3.3 مىليارد يىل ئىلگىرى ۋە 1.2-1.7 مىليارد يىللار ئىلگىرى دەۋرىدە شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ. ئالماس دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي گۆھەرتاش،ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇزاق بىر تارىخى جەريان كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت سىرتقى ئالەم جىسىملىرىنىڭ يەرشارىغا سوقۇلۇشىدىن پەيدا بولغان يوقىرى بېسىم ۋە تېمپراتورا ئاستىدىمۇ ئالماس شەكللىنىشى مۇمكىن. 

تارقىلىشىئالماسنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى تەخمىنەن 2.5 مىليارد كارات بولۇپ، ئاۋىسترالىيەدە 650 مىليون كارات، زايىردا 550 مىليون كارات زاپىسى بار ئىكەن. بۇ ھازىرقى ئېچىش كۆلىمىدىن قارىغاندا ئاران 25 يىل يېتىدىكەن. ھازىر يوقىرى پەن تېخنىكا قوراللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئالماس كانلىرى بايقالماقتا. ئالماس قېزىش باشلىنىپ ھازىرغىچە 350 توننا ئەتراپىدا ئالماس قېزىلغان، بۇ تەخمىنەن 1.75 مىليارد كارات كېلىدۇ. 

دۇنيادىكى ئالماس ئىشلەپچىقىرىدىغان بەش دۆلەت: ئاۋىسترالىيە، زايىر، بوسىۋانا، روسىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا. بۇلار دۇنيا ئالماس ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 90%نى ئىگىلەيدۇ. 

دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ئالماسنى بايقىغان دۆلەت- ھىندىستان. 3000 يىللار ئىلگىرى ھىندىستان ئالماس چىقىدىغان بىردىنبىر رايون ئىدى. ئالماس 2500 يىل ئىلگىرىدىن 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھىندىستاننىڭ كىرىشىنا،پېننا دەريا بويلىرىنلا چىقاتتى. تارىختىكى كۆك نۇر، ئورلۇف، ئۇلۇغ موغۇل قاتارلىق داڭلىق بىرىليانلارنىڭ ھەممىسى ھىندىستاندىن چىققان. لېكىن ھازىر ھىندىستاندىن چىققان ئالماسلار ناھايىتى ئاز. 

1725-يىلى بىرازىلىيەدە ئالماس بايقىلىپ ، بىرازىلىيە ھىندىستاننىڭ ئورنىنى ئالدى.

1867-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئالماس بايقالغاندىن كېيىن، جەنۇبى ئافرىقا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالماس ئىشلەپچىقرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ھازىرمۇ جەنۇبى ئافرىقىدا دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئالماس كانى بار. جەنۇبى ئافرىقىدىن چىقىدىغان ئالماسلارنىڭ دانىسى يوغان، سۈپىتى ياخشى. 

1979-يىلى ئاۋىسترالىيەدە ئالماس كانى بايقالغاندىن بېرى، ھازىرغىچە ئالماس ئىشلەپچىقىرىشتا ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. 

بوسىۋانامۇ ئالىي سۈپەتلىك ئالماس ئىشلەپچىقىرىدۇ. گۆھەر دەرىجىدىكى ئالماس 50% گە يېتىدۇ. 

روسىيەدىكى ئالماس كانلىرى ئاساسلىق سىبىرىيەدىكى ياقۇت رايونىدا بولۇپ، سۈپىتى ياخشى. 

دۆلىتىمىزنىڭ ئالماس ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيادا 10 -ئورۇن ئەتراپىدا بولۇپ، لىياۋنىڭنىڭ ۋافاڭدىيەن، شەندوڭنىڭ مېڭدىيەن رايونى، خۇنەننىڭ يۈەنجىياڭ ھاۋزا رايونى قاتارلىق جايلاردا ئالماس كانلىرى بار. جۇڭگودا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئالماس 281.25 كارات كېلىدىغان بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ياپۇنىيە تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىنىپ، ھازىرغىچە ئىز -دېرىكى يوق ئىكەن.

ئالماس باھالاش ئۆلچىمى

ئالماس ئادەتتە 4C ئۆلچىمى بويىچە باھالىنىدۇ. ئۇ كارات سانىCARAT، ساپلىقىCLARITY، رەڭگىCOLOUR، تاراشلىنىشىCUT قاتارلىق تەرەپلەر. كارات ئادەتتە چوڭ كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. نۇقسانى قانچە ئاز بولسا ساپلىقىمۇ شۇنچە يوقىرى بولىدۇ، نۇر قايتۇرىشىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. رەڭگى قانچە سۇس بولسا نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. رەڭسىزى ئەڭ ياخشىسى. رەڭگى قانچە قېنىق بولسا شۇنچە ناچار بولىدۇ. ئەڭ يوقىرى رەڭ دەرىجىسى D ، ئەڭ تۆۋىنى Z.

ھازىر خەلقئارادىكى ئالماس-بىرىليانت باھالاشتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق تەجرىبىخانا: 

خەلىقئارا ئالماس ئىنسىتىتوتى IGI، ئامېرىكا ئالماس ئىنىستىتوتى GIA.

ئېغىرلىقى

 بېرليانتنىڭ ئېغىرلىقى باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. ئادەتتە ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى خەلقئارادا ‹كارانت›نى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىنىدۇ. يېزىلشتا قىسقارتىلىپ «CT» دەپ ئېلىنىدۇ. بىزمۇ بۇندىن كېيىن خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە شۇنداق دەپ ئالمىز. ئۇنداقتا، بىر كارانت قانچىلىك ئېغىرلىقتا دېسەڭلار 0.2 گىرام بولىدۇ. بىر گىرام 5 كارانتقا تەڭ، بىر كارانت بېرليانتىمۇ خېلى چوڭ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە 0.30 كارانتلىق بېرليانتلارمۇ كىچىك ھېسابلانمايدۇ. بېرليانتنىڭ ئېغىرلىقى قانچە چوڭ بولسا باھاسىمۇ ھەسسىلىنىپ شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ.

 رەڭگى

 رەڭگى قانچە ئاق بولسا، شۇنچە قىممەت بولىدۇ. ئادەتتە رەڭنىڭ دەرىجسىنى خەلقئارادا ھەرپ بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاق رەڭ «D» بولۇپ، ئىنگلىز تىلدىكى diamond يەنى ئالماس دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپى، ئاندىن F، E دەپ تىزىلىپ ماڭىدۇ. كەينىگە ماڭغانسېرى رەڭگى ساغىرىپ ماڭىدۇ. ھازىر ۋەتىنىمىزدە N رەڭگىچە بار. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەڭلەر بازاردا ئاساسەن سېتىلمايدۇ ( بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى سۇس سېرىق ۋە قوڭۇر رەڭ بولۇپ، سېرىقلىقى ياخشى ئالماسلار رەڭلىك ئالماس تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ باھاسى ئادەتتە ئاق ئالماستىنمۇ قىممەت بولىدۇ. ھال رەڭ ئالماس ئەڭ قىممەت ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ). تاللىغاندا ئامال بار J رەڭنىڭ ئۈستىدىكى بېرليانتلارنى تالغان ياخشى، H رەڭنى بولسا كۆپچىلىك ئاق رەڭ بىلەن سېرىق رەڭنىڭ چېگرىسى دەپ قارايدۇ.

 پاكىزلىقى (سۈزۈكلۈكى)

 ئەڭ پاكىز نۇقسانسىز بېرليانتنى IF دەيمىز. ئۇندىن باشقا P، SI، VS، VVS دېگەن دەرىجلىرى بار. VS چېگرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 10 ھەسسىلىك مىكرۇسكوپتا چوڭايتىپ كۆرگەندە ئىچىدىكى نۇقسانلارنى تەستە بايقىغىلى بولىدۇ. ئىچىدىكى ئەخلەتلىرىنى ئاددىي كۆز بىلەن ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولدىغانلىرى P دەرىجلىكلەر بولۇپ، باھاسى ئەرزان بولىدۇ.

 ئىشلىنىشى

 ئىشلىنىشى شەكىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بازاردا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقىنى ھەم قىممىتى دۈگلەك رەڭلىك بېرليانت يەنى بىز داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان شەكىل، ئۇندىن باشقا نەشپۈت، يۈرەك، يامغۇر تامچىسى قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەر بار. باھاسى دۈگلەك شەكىلدىن ئەرزان تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى كېسىش ئۇستىسنىڭ ماھارىتى ئەڭ ياخشى قىرلانغان دۈگلەك ئالماستا 8 يۈرەك 8 ئوقيا كۆرۈنىدۇ. كېسىشمۇ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى كېسىلگەن ئالماس EX دېيىلىدۇ. ئاندىن VG، ناھايىتى ياخشى دېگەن مەنىدە؛ ئاندىن G ياخشى دېگەن مەنىدە. بۇلارمۇ بېرليانت باھاسىغا تەسىر كۆرستىدىغان ئامىللار.

گۇۋاھنامە

بېرليانت ئۆز قىممتىنى نامايەن قىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا گۇۋاھنامە بىلەن بىللە يۈرۈيدۇ. 50 كارانتتىن يۇقىرى ئالماسلارغا خەلقئارادا مەخسۇس ئىسىم قويۇلىدۇ. ئۆزى كىچىك، رەڭلىك، كەم ئۇچرايدىغان ئالماسلارنىڭمۇ خەلقئارادا ئىسمى بولىدۇ. گۇۋاھنامىگە شۇ بېرليانتنىڭ رەڭ دەرىجسى، پاكىزلىق دەرىجىسى، شەكلى، كېسىلىپ ئىشلىنىشى قاتارلىق ئۇچۇرلار چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ ھەم شۇنداقلا توردىن تەكشۈرەلەيمىز. ھازىر خەلقئارادا ئومۇملاشقان يۈز ئابرويلۇق گۇۋاھنامە بولسا GIA گۇۋاھنامسى بولۇپ، تەكشۈرۈلۈش ئۆلچىمى قاتتىق. ۋەتىنىمىزدە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارسى تارقاتقان گۇۋاھنامىنىڭمۇ ئابرويى GIA دىن قېلىشمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى GIA دىنمۇ قاتتىق دەپ قارايدۇ. ھەر ئېككىلىسى گۇۋاھنامىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نەچچە ئاي كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل گۇۋاھنامىگە ئېگە بولغان بېرليانت قىممەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۇۋاھنامە بېرىش ئورۇنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ گۇۋاھنامسى نەچچە كۈندە چىقىدۇ.[2]

ئالماس دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بەش چوڭ ئۈنچە -مەرۋايىتنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇپ،«گۆھەر شاھى» دىگەن نامغا ئىگە. دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئالماسنى بايقىغان دۆلەت ئەڭ قەدىمىي 4 دۆلەتنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىغان ھىندىستان. ئالماس ئەڭ قاتتىق جىسىم بولۇپ،ئۇپرىمايدۇ، مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

ئافرىقا يۇلتۇزىⅠ(كورىنانⅠ). 

1905-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدىن تېپىلغان. ئەسلى ئېغىرلىقى 3106 كارات. كېيىن 9چوڭ بىرىليانت،96 كىچىك بىرىليانتقا پارچىلانغان. ئەڭ چوڭى ئافرىقا يۇلتۇزى 1 ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ ھاسىسىدا. ئېغىرلىقى 530.02

تايلور-بورتۇن.

1966-يىلى جەنۇبى ئافىرىقىدا تېپىلغان. ئەسلى ئېغىرلىقى 240.8 كارات. كېيىن خاررى ۋېنستون سېتىۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھوللىۋوتتىكى داڭلىق چولپان رىچارد بورتۇنغا سېتىپ بەرگەن. بۇنى نۇرغۇن بىرىليانتلارغا پارچىلىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭى 69.42 كارات كېلىدۇ. 1972-يىلى رىچارد بورتۇننىڭ ئايالى ئېلزابىت تايلور 40 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان.

نۇرلۇق تاغ

KOH-I-NOOR . ئەڭ دەسلەپتە 14-ئەسىردە ھىندىستاندىن تېپىلغان.كېيىن موغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ شاھى بابۇرخاننىڭ قولىغا چۈشكەن.1739-يىلى ئىران شاھى موغۇل ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلىپ دېھلىنى بۇلىغاندا، بايلىقنى 700پىلغا يۈدۈپ ئېلىپ كەتكەن ، لېكىن 10كۈن ئاختۇرۇپمۇ بۇ ئالماسنى تاپالمىغان. بۇ ئالماس ئەسلى پادىشاھنىڭ سەللىسىگە يۆگەپ قويۇلغان ئىكەن.كېيىن بۇنى خانىشىلىرىدىن بىرى ئاشكارلاپ قويغان. ئىران شاھى نادىرشاھ موغۇل سۇلتانى مۇھەممەدتىن سەللىسىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇھەممەدشاھ ئامالسىز ئۇنى سەللىسىدىن ئېلىپ بەرگەن، بۇنى كۆرگەن نادىرشاھ« koh-i-noo » (پارسچە نۇرلۇق تاغ(تاش؟)) دەپ ۋارقىراپ كەتكەن. شۇچاغدىكى ئېغىرلىقى 191 كارات كېلىدىكەن.كېيىن بۇ ئافغانىستان سۇلتانىنىڭ قولىغا ، ئۇنىڭدىن ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ھازىرقى ئېغىرلىقى 108.93 كارات. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىرىليانتلارنىڭ بىرى. ھازىر ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتنىڭ خان تاجىدا .

سېررالىئون يۇلتۇزى

1972-يىلى غەربى ئافرىقىدىكى سېررالىئوندىكى بىر كاندا بايقالغان. ئەسلى ئېغىرلىقى 968.90 كارات. كېيىن 17پارچىغا پارچىلانغان ئەڭ چوڭى 238.48 كارات كېلىدۇ. 1988-يىلى 3 مىليون520 مىڭ دوللارغا سېتىلغان.

ئاگرا

ئاگرا The Agra . ئەينى زاماندا موغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ شاھى بابۇرخان تاجىغا تاقىغان. كېيىن ئەنگىلىيەگە يۆتكەپ كېلىنىپ 1844-يىلى 250000دوللارغا سېتىلغان.1990-يىلى شىياڭگاڭدىكى كىمئارتتى قىلىپ سېتىشتا بۇ بىرىليانت 4 مىليون70مىڭ دوللارغا سېتىلغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#