مېدىتسىنا

مېدىتسىنا

 مېدىتسىنا دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان پەن سىستېمىسىدۇر. 

ئۇيغۇرچە مېدىتسىنا
خەنزۇچە 医学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 مېدىتسىنا دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان پەن سىستېمىسىدۇر. تار مەنىدىكى مېدىتسىنا بولسا، كېسەللىكنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فۇنكىسىيىلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسەتسە، كەڭ مەنىدىكى مېدىتسىنا جۇڭگو كۈتۈنۈش ئىلمى ۋە بۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ ئوزۇقلۇق ئىلمى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا مېدىتسىنا ئىلمى ئاساسلىق غەربنىڭ مىكرو مېدىتسىناسى ۋە شەرقنىڭ ماكرو مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئېقىم مەۋجۇت. گەرچە شەرقنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان ماكرولۇق ۋە مىكرولۇق مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئوخشاشمىسىمۇ، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭيى-غەرب تىبابىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە پىشىپ-يېتىلىشى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىنىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئىلىم يەنى ئىنسانىيەت مېدىتسىناسى بارلىققا كېلىشى مۇقەررەر.

مېدىتسىنا ئىلمى تەرەققىي قىلىپ تا بۈگۈنگە قەدەر، ئاساسلىق ھالدا شەرق مېدىتسىناسى  يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو تىبابەتچىلىكى، زاڭزۇ، موڭغۇل ۋە باشقا ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىك شۇنداقلا غەرب مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماقنى شەكىللەندۈردى، كېيىن بۇ ئىككى تارماق قوشۇلۇپ ئۈچىنچى بىر خىل مېدىتسىنا شەكلى يەنى جۇڭگو-غەرب مېدىتسىناسىنىڭ بىرلەشمىسى دېگەن بىر تۈرنى ھاسىل قىلدى ھەمدە جۇڭگو ۋە غەرب تىبابەتچىلىكىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ھازىرقى زامان مېدىتسىنا سىستېمىسىدىن بەلگىلىك ئورۇن ئالدى.

مېدىتسىنانىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى، ئاساسىي مېدىتسىنا، كىلىنكىلىق مېدىتسىنا، تەجرىبە مېدىتسىناسى، ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى، ساقلىقنى ساقلاش مېدىتسىناسى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي مېدىتسىنا ئىلمى، بىئو- مېدىتسىنا ماتېماتىكىسى، بىئو-مېدىتسىنا خىمىيىسى، ئاناتومىيە ئىلمى، مېدىتسىنا ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى، ئادەم تېنى بىئولوگىيىسى، ئادەم بەدىنى تەشكىلىي ئىلمى، گېنىتىكا ئىلمى، مېدىتسىنا ئىممۇنېتىت ئىلمى، پارازىت قۇرت ئىلمى، مىكرو ئورگانىزىم ئىلمى، مىكروپ ئىلمى...قاتارلىق نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا ئىلمى بولسا، كىلىنكىلىق دىئاگنوز ئىلمى، تەجرىبە دىئاگنوز ئىلمى، تەسۋىرىي دىئاگنوز ئىلمى، ئۇلتىرا ئاۋاز ئىلمى، مېدىتسىنا يادرو ئىلمى، كىلىنكىلىق داۋالاش ئىلمى، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم ئىلمى، تۇغۇت ئىلمى، بالىلار ساغلاملىقى ئىلمى، ياشانغانلار ساغلاملىقى ئىلمى، بەش ئەزا ئىلمى، روھىي كېسەل ئىلمى، ناركوز ئىلمى ، ئائىلە رېتسىپى، ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى قاتارلىق ئىلىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

غەرب مېدىتسىنا ئىلمى

 يېقىنقى ئۈچ-تۆت يۈز يىل مابەينىدە پەيدا بولغان، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە ۋە ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تېخنىكىلىرىنى ئاساس قىلغان ، < ئوپىراتسىيە قىلغۇچى ۋە بەدەن> ئۇقۇمىدىكى زامانىۋىي مېدىتسىنا نەزىرىيە سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىلمىي تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسىدا ، ماكرودىن مىكروغىچە، ھەتتا مولىكولا ۋە ئاتوم قاتلىمىغا قارىتا يۈرۈش قىلىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى ۋە  ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە مېدىتسىنا ئىلىملىرى ئىچىدىكى ھەر قاندىقىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيا مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئاساسىي ئېقىمنى شەكىللەندۈردى.

جۇڭيى تىبابىتى

 جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي داۋالاش-دورىگەرلىك ئىلمى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەن ئىدى. جۇڭيى تىبابىتى ئەينى يىللاردىكى ئاۋام كېسەللىك بىلەن ئېلىشىۋاتقان دەۋرلەردە مەيدانغا كېلىپ، ئاددىي، دېئالىكتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئادەم بەدىنى، تەبىئەت ۋە كېسەللىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق، <فۇنكىسىيىلىك ئادەم> نامىدىكى ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى ئاساسىي ئۇقۇم قىلغان  مېدىتسىنا پەلسەپىۋىي نەزىرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. داۋالاش جەھەتتە دورىدىن باشقا يەنە ئوكۇل، قۇلاق يىڭنىسى ۋە ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى. جۇڭيى تىبابىتى دۇنيادىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مېدىتسىنا نەزىرىيىۋىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ-ياشنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭيى-غەرب تىبابىتىنىڭ بىرى، <فۇنكىسىيىلىك ئادەم> نى ئاساسىي ئۇقۇم قىلغان ئالاھىدە مېدىتسىنا نەزىرىيىۋىي سىستېمىسى، يەنە بىرى بولسا < ئوپىراتسىيە قىلغۇچى ۋە بەدەن > نى ئاساسىي ئۇقۇم قىلغان زامانىۋىي مېدىتسىنا نەزىرىيىۋىي سىستېمىسى بولۇپ، ئىككىلىسى مۇكەممەل ئادەم بەدىنىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلمايدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىلمىي ئەمەس. مەسىلەن، جۇڭيى تىبابىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ  ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلماي بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس. غەرب تىبابىتى گەرچە تەرەققىي قىلىپ، مولىكۇلا، ئاتوم دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلىسە ئۆرلىدىكى تۆۋەنلىمىدى، قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىگە قارىتا چۈشەنچە ئايدىڭ بولمىدى، داۋالاش چەكلىمىلىككە ئۇچراپ قالدى. دىيابىت، راك ۋە يۈرەك، مېڭە- قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىدە يەنىلا جۇڭيى تىبابىتىگە مۇراجىئەت قىلشقا توغرا كەلدى. بىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، يەنە بىرى خېلى كۆپ كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئامالسىز قالدى.  دەل غۇ ۋاقىتتا جۇڭيى تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنىڭ بىرلىشىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. ئەمما ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا نەزىرىيە ئاساسى بولغان ئىككى يولدىكى ئىلىم بولغاچقا،  ئۇلارنى نەزىرىيە جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. شۇڭا ئۇلار شەكىل جەھەتتىن بىرلىشىپ، غەرب تىبابىتىدە داۋالىيالمىغان كېسەللىكلەرنى جۇڭيى تىبابىتىدە داۋالايدىغان، غەربچە دېئاگنوز قويۇپ، جۇڭيىچە داۋالاش بىر گەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى.

 

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئادەم بەدىنىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما بەزى فۇنكىسىيىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان ھالەتنى يەنى ئۈچىنچى خىل ھالەتنى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتى دەپ ئاتايمىز.

ئادەم بەدىنىدە ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتى پەيدا بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ:

  •  بەدەندە فۇنكىسىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ.
  •  بەدەن ئالاھىدىلىكى ئۆزگىرىدۇ، ئەمما ھازىرقى مېدىتسىنا تېخنىكىسى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى بايقىيالمايدۇ.
  •  ھايات سۈپىتى ناچارلىشىدۇ، تەن ساغلاملىقى ئىزچىل تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ.
  •   ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

    ئوزۇقلۇق

    مۇۋاپىق ۋە تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن بىلەن مېنرال ماددىلار ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. شۇڭا بەدەن ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىشتىن سىرت، يەنە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مېنرال ماددىلارنى، ۋېتامىنلارنى تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم.

    تۇرمۇش ئادىتى

    روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە ھەر ۋاقىت ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاش لازىم. ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش، قىزىقىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن پىسخىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بېسىمغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، بېسىمنى تۇرمۇشتىكى بولمىسا بولمايدىغان بىر بۆلەك دەپ بىلىش. بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش، كەيپىياتنى كونتىرول قىلىشنى بىلىش قاتارلىقلار ھەممىسى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىدۇر.   [0]


    ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

    asd

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    0.

    باشتاش تورى:مېدىتسىنا 

    http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18517.html

    مەنىداش سۆزلۈك:

    ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

    5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
    • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
      100%
    • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
      0%
    • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
      0%
    • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
      0%
    • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
      0%

    يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

    تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

    چىكىنىش

    #title

    #video#