خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى
خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان. خۇجىرتى موڭغۇل مىللىي يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىغا ھالقىسىمان جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر. شەرقتە ھەربىي ئات فېرمىسى، كۆكسۇ يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تېكەس دەرياسى بىلەن چېگرالانغان، شىمال تەرىپى توققۇز تارا ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 238 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 25 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 405 مىڭ مو.
خۇجىرتى موڭغۇل مىللىي يېزىسى 1930-يىلى، روسلار كۆچۈپ كېلىپ، بۇ جايدا قۇرغان بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسى، 1944-يىلى، پارس كەنتى تەسىس قىلىنغان، 1954-يىلى، خۇجىرتى موڭغۇل مىللىي يېزىسى قۇرۇلغان، 1956-يىلىدىن 1962-يىللىرىغىچە، روسلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پۈتۈن ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان، ئەتراپتىكى موڭغۇللار ۋە قازاقلار بۇ كەنتكە كۆچۈپ كەلگەن، بىر قىسىم يېرى شورلۇق يەر بولغاچقا نامى خۇجىرتى موڭغۇل تىلىدا «ئىشقارلىق يەر» دەپ ئاتالغان. 2004-يىلى 3-ئايدا، ئەسلىدىكى توسما چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئىككى كەنت بىرلەشتۈرگەن.
خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى قارمىقىدا: دولقۇن كەنتى، خۇجىرتى كەنتى، قاراساي چارۋىچىلىق كەنتى، قۇرئۆزەك چارۋىچىلىق كەنتى، كۈرە كەنتى، توسبېي كەنتى قاتارلىق 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يېزىغا قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، 12 پونكىت، ئۈچ مەكتەپ، بىر ئوقۇتۇش نۇقتىسى، تۆت مەسچىت، بىر لاما بۇتخانىسى بار. ناھىيە تەۋەسىدە «شىيىن جاڭ سېمونت زاۋۇتى»، «شىيىن زې سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات زاۋۇتى»، «جىڭخەي ياغ زاۋۇتى»، «چىيەنخۈي كانچىلىقى» قاتارلىق كارخانىلار بار.
خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 4 موڭغۇل يېزىسىنىڭ بىرى، موڭغۇل مىللىتى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 40 تىدىن يۇقىرى، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى، موڭغۇللار ئەنئەنىۋى بايرام «زۇلا بايرىمى» (ئوت يېقىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆتكۈزىدۇ، بۇ چاغدا ھەر بىر ئائىلە سېرىق ماي چىراغ يېقىپ ئاسمانغا قاراپ دۇئا، ئىلتىجا قىلىپ، يىللىق ھۆل-يېشىننىڭ ياخشى، بەختلىك، ئامان-ئىسەن، ساغلام بولۇشىنى تىلەيدۇ.
ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كەلگەندە بۇ يېزىدىكى موڭغۇللار ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرىمى «نادام» يىغىنى ۋە «ئوباۋ بايرىمى» ئۆتكۈزىدۇ. ھەر يىلى بۇ ۋاقىتتا، بۇ يېزىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلار قېرى-ياش دېمەي، ھەممىسى ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، تەرەپ-تەرەپتىن قورى يېزىسىدىكى لاما بۇتخانىسىغا يىغىلىپ، كۈجە يېقىپ تىلەك تىلەيدۇ، ھەمدە ناھىيەدىكى داۋان ئوباۋسىدا نەزىر-چىراغ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، موڭغۇل ئوباېنىڭ ئالدىدا گۈلخان يېقىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە گۈلخاننى چۆرىدەپ، دۇئا قىلىدۇ، مۇقەددەس بەخت تىلەش پائالىيەتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش، موڭغۇلچە شاھمات ئويناش ۋە گۈلخان يېقىپ، شوخ ئات باشلىق غىجەك تارتىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تەبرىكلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.