ئۇيغۇرچە نامى ئالغۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2544 كۋادرات كىلومېتىر
يايلاق كۆلىمى 2 مىليون 876 مىڭ مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿拉沟乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 1668 ئادەم
ئورمان كۆلىمى 2725 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالغۇ يېزىسىئالغۇ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى بىر خىل «تۆگە» كېسەل داۋالايدىغان ئۆسۈملۈك دورا، بۇ يەردە بۇ خىل دورا كۆزەتكەندىن كېيىن بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 

ئالغۇ يېزىسى تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغ جىلغىسى، خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 194 كىلومېتىر، بىر موڭغۇل مىللىتى نى ئاساس قىلغان ساپ چارۋىچىلىق يېزا. 301-ئۆلكە يولى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى يېز تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى، توقسۇن ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى بىلەن قوشنا.

يېزا قارمىقىدا ئالغۇ كەنتى، شارغا كەنتى، ئۇلاستاي چاغان كەنتى قاتارلىق ئۈچ مەمۇرىي كەنت كومېتىتى بار بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2544 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يايلاق كۆلىمى 2 مىليون 876 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 2725 مو. جەمئىي چارۋىچىلار 503 ئائىلە، 1668 ئادەم، بۇلار ئىچىدە موڭغۇل مىللىتى %98.74 نى ئىگىلەيدۇ.

ئالغۇ يېزىسى 2002-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات يېزا قىلىپ بېكىتىلگەن. 

ئالغۇ يېزىسى1958-يىلى 9-ئايدا «1-ئاۋغۇست» خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان؛

1964-يىلى 11-ئايدا ئالغۇ خەلق گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 

1984-يىلى 11-ئايدا ئالغۇ يېزىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن؛

1987-يىلى 10-ئايدىن بۇرۇن بالۈنتەي رايونىغا قاراشلىق بولغان؛ ؛

1987-يىلى 10-ئايدا بىۋاستە ناھىيەگە قاراشلىق يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

يېزا قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، يەنى ئالغۇ كەنتى (ئەسلىدىكى قىزىلتاغ چوڭ ئەترەت)، شارغا كەنتى (ئەسلىدىكى سەكرەپ ئىلگىرىلەش چوڭ ئەترىتى) ، ئۇلاستاي چاغان كەنتى (ئەسلىدە ئۇلاستاي چاغان يايلاق).

ئالغۇ يېزىسىپۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2544 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتلاق كۆلىمى 2 مىليون 876 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 2725 مو. يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئېگىز تاغ جىلغىسى ۋە ئېگىز تاغ ئوتلاق، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2420 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 6 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن، ھۆل-يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىل 150 كۈن. كىلىمات ئالاھىدىلىكى شامال چوڭ، قار ئاز، قۇرغاقچىلىق.

يېزا تەۋەسىدە ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە كان بايلىقى مول، قار لەيلىسى، ئېفېدرا، ئەڭلىكئوت، موگۇ ۋە قىرغاۋۇل، ياۋا توشقان، جەرەن قاتارلىق ھايۋانات-ئۆسۈملۈك ۋە مىس، تۆمۈر، ماگنىي، كۋارتس تېشى، دولومىت تېشى، مەرمەر دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. 

ئالغۇ يېزىسىئالغۇ يېزىسى چارۋىچىلىقنى يېتەكچى كەسپ قىلىپ، 2004-يىلى يېزا بويىچە يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا تۇياق سانى 72 مىڭ 600 تۇياق، چىشى ماللارنىڭ نىسبىتى %65.2، تاۋار نىسبىتى %90.38. 4350 مو سۈنئىي يايلاق بەرپا قىلىنغان، 22197 مو يايلاق قاشالانغان، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلىشى 412 ئائىلىگە يەتكەن، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە يېرىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نىسبىتى %84. يېزا بويىچە جەمئىي تېلېفون ئورنىتىش 287 ئىشىك، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلارنىڭ تېلېفون  ئورنىتىشى 272 ئىشىك؛ ھەر قايسى كەنت ھەممىسى قۇراشتۇرۇش سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە چاستوتىسى تەڭشىلىدىغان رادىيو ئاڭلىتىشى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى %22، يېزا بويىچە 47 ئائىلىلىك چارۋىچى ئائىلە تىپىدىكى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورناتقان، پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي چارۋىچىلارنىڭ %9 نى ئىگىلەيدۇ.

ئالغۇ يېزىسىئالغۇ يېزىسىدا ھازىرقى موڭغۇل باشلانغۇچ مەكتەپ بىر، كەنت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نۇقتىسى ئىككى، ئوقۇغۇچىسى 135 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 43 ئادەم. يېزىلىق شىپاخانا بىر، كەنت دەرىجىلىك سەھىيە نۇقتىسى 2، داۋالاش خادىملىرى 4 ئادەم، كېسەل كارىۋىتى 10 كارۋات.

يېزىلىق ھۆكۈمەت ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئەسلىدىكى ھەربىي زاۋۇت قېپقالغان بىر كورپۇس ئىككى قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىزمەتتىكى خادىملار 33 نەپەر. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىدا مال دوختۇرلۇق پونكىتى، شىپاخانا، ساقچىخانا، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي پونكىتى، ئەدلىيە ئورنى، پارتكوم قارمىقىدا ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، قوراللىنىش بۆلۈمى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش (ھۆكۈمەت ئۆيى ھۆكۈمەت قارىمىقىدا ئۇنىۋېرسال ئىشلار ئىشخانىسى ، پىلانلىق تۇغۇت شىپاخانىسى ، خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى) قاتارلىق ئىشخانا ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان. ھەر خىل كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىي 83 ئادەم.

چارۋىچىلىقى 

ئالغۇ يېزىسىئالغۇ يېزىسى چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. 2005-يىلى، يېزا بويىچە يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 74200 تۇياق (دانە)، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2400 تۇياق (دانە) ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، نەسىللىك چارۋا 26449 تۇياق (دانە)؛ ھەر خىل چارۋا ماللار 47343 تۇياق (دانە)، چىشى ماللارنىڭ نىسبىتى %65.2؛ چوڭ چارۋا 9639 تۇياق (ئات)، چارۋىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %13.27، قوزىلارنىڭ ئەي بۇلۇشى 38449 تۇياق (دانە)، كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتى %86 كە يېتىدۇ؛ بىر يىلدا قولدىن چىقىرىلغان چارۋا 39434 تۇياق، چارۋىنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتى %55.1 بولغان؛ تاۋار چارۋا 34449 تۇياق، تاۋار نىسبىتى %90.38 قا يەتكەن.

باغۋەنچىلىكى 

ئالغۇ يېزىسىيېقىندىن بېرى بوران كۈچلۈك، يامغۇر ئاز، ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشى ئېغىر، ئالغۇ يېزىسى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ۋە كاشىلا بولغان. ئالغۇ يېزىسى شارغا كەنتىنىڭ تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ئىنتايىن مول. تاغلىق رايونغا خاس باغۋەنچىلىك شارائىقتىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ يەردە ئاساسەن ئۆرۈك كەنجى ئالاھىدىلىكى، 2001-يىلى سىناق خاراكتېرلىك تېرىلغۇ يېرى ئۈرۈك دەرەخلىرى 70 مو، ئۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، 2004-يىلى تەرەققىي قىلىپ 220 مىڭ مو بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#