شىنجاڭنىڭ كىلىمات بايلىقى

 شىنجاڭدا مول يورۇقلۇق ،ئىسسىقلىق بايلىقى بار. يىللىق قۇياش رادىئاتسىيەسىنىڭ ئومومىي مىقدارى 5000~6600 مېگاجوئۇل∕ كۋادرت مېتىر بولۇپ ، چىڭخەي –شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن قالسىلا 2–ئورۇندا تۇرىدۇ، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭغا يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسى "10× 3.2 توننا ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈردىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىگە تەڭ كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭنىڭ كىلىمات بايلىقى
خەنزۇچە نامى 新疆气候资源

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ يورۇقلۇق ، ئىسسىقلىق ، سۇپارى ، شامال قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئون چوڭ دۆلەت زېمىنى بايلىق مەنبەسىنىڭ بىرى ، باشقا تەبىئىي بايلىقلارغا ئوخشاشلا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە ۋە ئېنېرگىيىگە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم مەنبە .

 شىنجاڭدا مول يورۇقلۇق ،ئىسسىقلىق بايلىقى بار. يىللىق قۇياش رادىئاتسىيەسىنىڭ ئومومىي مىقدارى 5000~6600 مېگاجوئۇل∕ كۋادرت مېتىر بولۇپ ، چىڭخەي –شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن قالسىلا 2–ئورۇندا تۇرىدۇ، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭغا يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسى "10× 3.2 توننا ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈردىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىگە تەڭ كېلىدۇ. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2550~3500 سائەت بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ . كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا ℃10 بولغان جۇغلانما تېمپېراتورا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ℃2800~℃5400 بولىدۇ ، تۇرپاندا ℃5500 قا يېتىدۇ.

    قىروسىز مەزگىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا 180~220 كۈن ، شىمالىي شىنجاڭدا 140~185 كۈن. ئەمما ئىسسىقلىق مىقدارى مۇقىم ئەمەس ، يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ ، ئەتىياز، كۈز پەسىلىرىدە ئىسسىق ، سوغۇق ئۆزگىرىشى كەسكىن بولىدۇ . شىنجاڭ قۇرغاق رايون بولۇپ ،نەملىك بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس ، ئەمما بىر قەدەر مۇقىم . يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى شىمالىي شىنجاڭدا 150~250 مىللىمېتىر ئەراپىدا،جەنۇبىي شىنجاڭدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى ھۆل–يېغىن مىقدارى ئويمانلىقلاردىكىدىن كۆپ بولۇپ،يىللار ئارا ئۆزگىرىشىمۇ كىچىك بولىدۇ.ئۇ شىنجاڭدىكى دەريا سۇلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى .شىنجاڭدا مول شامال ئېنىرگىيىسى بايلىقى بار بولۇپ، ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىمۇ زور، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنىرگىيىسى 300~1500 كىلوۋات سائەت/كۋادرات مېتىر ئارلىقىدا بولۇپ ، يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ساقلىنىش مىقدارى 30 تىرلىيون كىلوۋات سائەت ئەتراپىدا .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#