ھېرشېل

1758-يىلى 20 ياشلىق ھېرشېل (1738-1822) يېڭىلا ئاتىسى بىلەن گېرمانىيە دىن ئەنگلىيە گە كۆچۈپ كېلىپ، ھاللىي بېشارەت بەرگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئاسترونومىيەگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسترونومىيەنى تەتقىق قىلىش يولىغا ماڭغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېرشېل
باشقا نامى Friedrich Wilhelm Herschel
تۇغۇلغان ۋاقتى 1738-يىلى
كەسپى ئاسترونومىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 弗里德里希·威廉·赫歇尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1822-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1758-يىلى 20 ياشلىق ھېرشېل (1738-1822) يېڭىلا ئاتىسى بىلەن گېرمانىيە دىن ئەنگلىيە گە كۆچۈپ كېلىپ، ھاللىي بېشارەت بەرگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئاسترونومىيەگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسترونومىيەنى تەتقىق قىلىش يولىغا ماڭغان. 1781-يىلى، ئۇ ئۆزى ياسىۋالغان تېلېسكوپ بىلەن ئۇراننى، كېيىن يەنە ئۇران بىلەن ساتۇرننىڭ ئىككىدىن ھەمراھى بارلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا كېپلېر ئوردېنى بەرگەن ۋە ئۇنى ئەزالىققا سايلىغان. ياش ھېرشېل بىراقلا نام قازانغان. ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگې ئۇنىڭغا1 يىللىق مائاش مۇكاپات بېرىپ، ئۇنىڭ يۇلتۇزلۇق كۆكنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. 

ھېرشېل ۋە ئۇ ياسىغان تېلېسكوپھېرشېل يۇلتۇز ئاسترونومىيەسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ياسىغان تېلېسكوپلار نەچچە 100 دىن ئاشىدۇ ۋە مۇشۇ تېلېسكوپلار ئارقىلىق نۇرغۇن بايقاشلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تۇنجى زور بايقىشى قۇياش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاسترونوملار بۇرۇنلا يۇلتۇزلارنىڭ تامامەن تىنچ بولمايدىغانلىقىنى، «ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىش» ھادىسىسى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا قۇياش (يۇلتۇز) ھەرىكەت قىلامدۇ-يوق؟ ھېرشېل بايقالغان 27 يۇلتۇزنىڭ «ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىش» ىدىن پايدىلىنىپ تەھلىل قىلىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇياشنىڭ گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ بايقاش كوپېرنىك يەر شارى ھەرىكەت قىلمايدۇ دېگەن قاراشنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاسترونومىيە ئىنقىلابى بولۇپ قالغان.

ھېرشېلنىڭ ئىككىنچى زور بايقىشى «فىزىكىۋى قوش يۇلتۇز» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى. قوش يۇلتۇز كىشىلەر بۇرۇنلا بايقىغان ئاسترونومىيىلىك ھادىسە؛ قوش يۇلتۇز دېگىنىمىز كىشىلەر كۆكنى كۆزەتكەندە كۆرىدىغان بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن تۇرغان ئىككى يۇلتۇزنى كۆرسىتىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر قوش يۇلتۇز قارىماققا ئىنتايىن يېقىن تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق، خۇددى ئالدى-ئارقا تەرەپتىكى ئىككى تاغقا ئوخشاش، يىراقتىن قارىسا بىر-بىرىگە ياندىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىككى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزئارا تەسىر بولمايدۇ، دەپ قارايتتى. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئوپتىكا جەھەتتىكى قوش يۇلتۇز. كېيىن يەنە بەزىلەر «فىزىكىۋى قوش يۇلتۇز» نى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق ئىسپاتلىيالمىدى. ھېرشېلنىڭ تەتقىقاتى بۇنى ئىسپاتلىدى، ئۇ يەنە فىزىكىۋى قوش يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىلىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، نيۇتون قانۇنىنىڭ قۇياش سىرتىدىكى يۇلتۇز سىستېمىسىغىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 

ھېرشېل يەنە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۇنجى سامانيولىنىڭ تۇنجى كەسمە يۈز سخېمىسىنى سىزىپ چىقتى. ھېرشېلنىڭ ئوغلى جون ھېرشېل ئاتىسىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاتىسى بايقىغان قوش يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىلىق ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى، يەنە ئاتىسىنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى قايتا تەكشۈردى ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي يېرىم شار ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا، 5000 تۇمانلىقنى ئىچىگە ئالغان جەدۋەل ۋە 10 مىڭ جۈپ قوش يۇلتۇزنى ئىچىگە ئالغان جەدۋەلنى ئېلان قىلدى.  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#