پاراسول

پاراسول

مۇنداق ئايروپىلاننىڭ قاتتىق قانىتى بولمايدۇ، ھاۋادا يەلكەنگە ئوخشاش پاراشۇتسىمان قانىتىغا تايىنىپ ئۇچىدۇ، شۇڭا پاراسول(پاراشۇت قاناتلىق ئايروپىلان) دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پاراسول
چەتئەلچە نامى parawing
خەنزۇچە نامى 伞翼机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاراسولمۇنداق ئايروپىلاننىڭ قاتتىق قانىتى بولمايدۇ، ھاۋادا يەلكەنگە ئوخشاش پاراشۇتسىمان قانىتىغا تايىنىپ ئۇچىدۇ، شۇڭا پاراسول(پاراشۇت قاناتلىق ئايروپىلان) دېيىلىدۇ.

پاراشۇتسىمان قانات يېڭى شەكىلدىكى ئايروپىلان قانىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى كۆپ. روگاللو قانىتى بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە پاراشۇت توقۇلما ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىدۇ، ئۇنى ئۈچبۇلۇڭلۇق تىرەك تىرەپ تۇرىدۇ. مۇئەييەن شەكىلدىكى پاراشۇتسىمان قاناتنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئۆرلەش كۈچى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئادەتتە قاناتنىڭ چوققىسىدىن تىرىلىپ، 18 ~30 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىدۇ، ئۇچقاندا پۈتۈن پاراشۇتسىمان قانات يەلكەنگە ئوخشاش كۆپىدۇ.

پاراسولنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى پلانېرغا ئوخشاشراق بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسى ئاقما لىنىيە شەكىللىك چۆمۈچسىمان بولىدۇ. بىر بېنزىن ماتورى ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۈستىگە ياكى قۇيرۇق قانىتىغا تىك جايلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ گورىزونتال قۇيرۇق قانىتى ھەمىشە تەۋرىنىپ، ئايروپىلاننىڭ ياخشى مەشغۇلاتچانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

پاراسولپاراسولنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، يەڭگىل، پۈتۈش باھاسى تۆۋەن، ئاسراش ۋە ئىشلىتىش قۇلاي بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا ئىنتايىن تۆۋەن تېزلىك بىلەن ئۇچۇش ئىقتىدارى بولۇپ، 20 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-چۈشۈش يولىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ. ئۇنى ئادەم ھەيدىسىمۇ بولىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي؛ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئوخشاش رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلىگىلىمۇ بولىدۇ. ئۇ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، كونتروللۇقىنى يوقاتقان ياكى ھاۋادا ماتوردىن چاتاق چىققاندىمۇ، ئۆزلۈكىدىن شۇڭغۇپ قونالايدۇ.

پاراسول 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا ياسالغان يېڭى شەكىللىك بىر خىل ئۇچقۇ بولۇپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇنى ساياھەت، ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىتىدىلا ئەمەس، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#