سۇماق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇماق بولسا دەرىخى ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى6–8 مېتىر كېلىدىغان كىچىك دەرەخ ياكى چاتقال،سوماق بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ پىشاي دەپ قالغان مېۋىسى بولۇپ ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ياپىلاق يۇمىلاق شەكىللىك قۇرۇق مېۋە بولۇپ سىرتى خومارەڭ ياكى قىزىل بولىدۇ.مىۋىسى پىشقاندىن كىيىن يىغىۋىلىنىدۇ.پاكىستان، ئېران، تۈركىيە، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
غەيرى تەبىئى قان. سەپرا خىلىتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، ئاشقازانغا قۇۋۋەت بېرىش، قان توختىتىش. ئاغرىق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،قۇسۇشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى ئازايتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
مېۋىسى ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك، ئۇ ئاساسەن سالقىنلىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
1. سۇماق، تاباشىر10 گرامدىن، قېتىق سۈزمىسى50 گرام بېھى ئۇرۇقى6 گرام، ئىسپۇغول6 گرام ئېلىپ سوقۇپ سىپوپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە سەپرا، قاندىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە ۋە قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. سۇماق10گرام، تەمىرى ھىندى20 گرام ئېلىپ تالقانلاپ، ئەرقى گۈل50 مىللىلىتىر، ئەرقـى سەنـدەل50 مىللىلىتىـر قوشـۇپ ئىستېمـال قىـلسـا ھارارەت پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. ھونى پەسەيتىدۇ.
3. سۇماق، نۇقۇت، كاۋا مېغىزىدىن30 گرامدىن ئېلىپ تالقان قىلىپ يېسە قەنت سېيىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. سۇماق10 گرام، ئىسپۇغول5 گرام، نىشاستە10 گرام ئېلىپ سىپوپ تەييارلاپ بەرسە سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بادام يېغى قوشۇپ بەرسە قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. سۇماق، زىرە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلسا كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سفومى سۇماق، شەربىتى سۇماق، ھەببى سۇماق، ئامىلە نوشىدارى، قورسى زىيابىتوسى
غەيرى تەبىئىي قان، سەپرا خىلتىدىن بولغان كېسەللىك، سەپرالىق ئىچى سۈرۈش، سەپرالىق قۇسۇش، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، كۆز ياشاڭغۇراش، قان تولغاق، يۈرەك چالاڭغۇراش، قەنت سېيىش كېسىلى، تولا سىيىش، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان، ئۈچەي ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.