ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش

ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش

بىمارلارنى تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قىزىق ئارىشاڭ سۇلىرىدا يۇيۇندۇرۇش ياكى ئارىشاڭ ھورلۇق گازلىرىدا ھوردۇتۇش ئارقىلىق ئارىشاڭلارنىڭ تەركىبىدە بار بولغان ھەر خىل شىىپالىق تەركىبلەرنىڭ پايدىلىق تەسىرىنى ئورگانىزمغا يەتكۈزۈپ، ئورگانىزمدا بار بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ، ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئۇنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1.ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش - بىمارلارنى تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قىزىق ئارىشاڭ سۇلىرىدا يۇيۇندۇرۇش ياكى ئارىشاڭ ھورلۇق گازلىرىدا ھوردۇتۇش ئارقىلىق ئارىشاڭلارنىڭ تەركىبىدە بار بولغان ھەر خىل شىىپالىق تەركىبلەرنىڭ پايدىلىق تەسىرىنى ئورگانىزمغا يەتكۈزۈپ، ئورگانىزمدا بار بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ، ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە : كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئۇنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . 2. ئارىشاڭ ۋە ئۇنىڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاشنىڭ ئەھمىيىتى ئارىشاڭ - تەبىئىي جۇغراپىيىلىك تاغلىق چايلارنىڭ تۈشۈكچىلىرىدىن تەبىئىي ھالدا چىقىپ تۇرىدىغان ، شۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتىدىن پەۋقۇلئاددە قىزىق بولغان زور مىقداردىكى قىزىق سۇ بۇلىقى ياكى زور مىقداردىكى پارسمان قىزىق گاز بايلىقى ئارشاڭ دەپ ئاتىلىدۇ .

ئارشاڭلار ئۆزىدىن چىقىدىغان جىسىمنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سۇ ۋە گاز «ئوت »ئارشاڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . بۇ ئىككى خىل ئارشاڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ئوبلاست، ناھىيىلىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردىن تاپقىلى بولىدۇ .

 1. تاشقۇرغاندىكى سۇ ئارىشىڭى : بۇ سۇ ئارىشىڭى قەشقەر - تاشقۇرغان تاشيولى . بويىدىن ئۈچ كىلومېتىر، تاشقۇرغان ناھىيىسىنىڭ مەركىزىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىتقۇل جىلغىسىدا ئانچە ئېگىز بولمىغا ن بىر تاغ باغرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ سۈيى ئۈستى ئوچۇق سېمونت نو ئارقىلىق 60 مېتىر يىراقلىقتىكى ئۆي ئىچىدىكى كۆلچەككە قويۇلىدۇ . 10- 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ، سوۋۇپ يۇيۇنغۇدەك ھالغا كېلىدۇ . ئەگەر ئېتىلىپ چىققان جايغا تۇخۇم ، جىگەرگە ئوخشاش ئاسان پىشىدىغان پىشىدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ قويسا، 15 مىنۇتتىن كېيىن يېگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە پىشىدۇ ، بۇ بۇلاق ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: قەدىمكى زاماندا تاشقورغاندىكى داڭلىق مۇز تاغ ئۈستىدە بىر مۇز تاغ مەلىكىسى ياشىغانىكەن . ئۇ مۇز تاغ ئەتراپىغا «شىەپقەت» ياغدۇرۇپ تۇرىدىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىسسىق سۇ ئىزدەپ تەڭرىگە مۇراجىئەت قىلىپتۇ . تەڭرى بۇ مەلىكىنىڭ خەلققە شەپقەت ياغدۇرغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن مۇشۇ ئىسسىق بۇلاقنى ئاپىرىدە قىلىپتۇ . گەرچە بۇ رىۋايەت ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىسسىق بۇلاقنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدا قەدىمدىن بۇيان يۇيۇنۇپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ئىسسىق بۇلاق ھەر خىل كېسەللىكلەرگە شىپا . بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خەلق ئارىسىدا « شىپالىق بۇلاق» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە . ھازىر بۇ ئارىشاڭدا بىر قانچە ئون سېمونت كۆلچەك ، بىر يۇيۇنۇش ئۆيى، ياتاق ئۆيى، دەم ئېلىش ئۆيى، ئاشخانا ھەمدە كېسەللەرنىڭ بىخەتەر داۋالىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە دوختۇر ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئورمان بىنا قىلىش، ئوت - چۆپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى قاقاس قىياپىتى ئۆزگەرتىلىپ، ھازىر دەل - دەرەخلىك چىمەنزار جايغا ئايلاندۇرۇلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردىن كېلىپ بۇ ئارىشاڭدا داۋالىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . يېقىنقى بەش يىللىق تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، يۇيۇنغىلى چىقىدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قايسى جايلاردىن 1500 كىشى كېلىپ داۋالانغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساقىيىپ كەتكەن .

 2. ئالتاي ناھىيىسىدىكى قالۇۋۇن سۇ ئارىشىڭى : بۇ ئارىشاڭ ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان . بۇ ئىسسىق ئارىشاڭ ئالتاي تېغىنىڭ بىر پارچىسى بولغان قالۇۋۇن تېغىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . ئالتاي ناھىيىسىگە 110 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدىكى ئۈچ ئارشاڭ سۈيىنىڭ تاغنى يېرىپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارشاڭنى ئوڭ تەرەپتىن ئوراپ ئالغان تىك يارنىڭ خۇددى ئۇنى قوغداپ تۇرغاندەك ئاجايىپ ھالىتىنى ۋە گۇزەل تەبىئەت مەنزىرىسىنى كۆرگەن كىشى ھەقىقەتەن زوقلانماي قالمايدۇ . مەركىزىي ئۈچ ئارىشاڭ ، ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى باشقۇرۇپ تۇرغان ئىسسىق ئارشاڭلار بولۇپ،سۈيىنىڭ ھارارىتى 37 - 51 سىلىتسىي گرادۇسقا يېتىدۇ . بۇ ئۈچ ئارىشاڭنىڭ سۈيى زامانىۋىي تۇرۇبىلار ئارقىلىق نەچچە ئۆيدىكى يۇيۇنۇش ۋاننىلىرىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ . ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناھىيىلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان چارۋىچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئارىشاڭ سۈيىدە يۇيۇنۇپ ۋە ئارىشاڭ سۈيىنى ئىچىپ داۋالىنىدۇ . بۇ يەرنى يەنە ئارىشاڭ رايونى دېيىشكىمۇ بولىدۇ . چۈنكى، بۇ ئەتراپتا يەنە يىلان ئارىشاڭ ، ئاشقازان ئارىشىڭى ، ئۇچۇغداش ئارىشىڭى ، گۈڭگۈرت ئارىشاڭ ، سۇغاق گرىشاڭ ، سۈت ئارىشاڭ دېگەندە 10 نەچچە ئارىشاڭ بولۇپ، بۇ ئارىشاڭلارنىڭ سۇلىرىدىنمۇ كىشىلەر پايدىلىنىدۇ. ئۇچۇغداش ئارىشىڭىنىڭ سۈيى فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ . كىشىلەر دۇش مۇنچىسىغا چۈشكەندەك ئۆرە تۇرۇپ يۇيۇنالايدۇ . داۋالىنىشنى ھەممە كىشى مۇشۇ ئارشاڭدىن باشلايدۇ . باشقا ئارىشاڭلارنىڭ شىپالىق سۈيىنى بولسا، كىشىلەر كۈنىگە نەچچە قېتىملاپ ئىچىپ، ئاشقازان ، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ . ھازىر بۇ ئارىشاڭدا بىر قانچە ئېغىز دوختۇر ئۆيى، 30 دىن ئارتۇق يۇيۇنۇش ۋاننىلىرى مېھمانخانا- ئاشخانا قاتارلىقلار بولۇپ ، ئارىشاڭنىڭ دوختۇرلۇق ئۆيىدە ئاغرىقلار ئۆزلىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرىدىكەن . ئارىشاڭدا داۋالانغۇچىلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالىنىدۇ . بۇ ئارىشاڭنىڭ سۈيى ئاشفازان كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى ، رىماتزم كېسىلى، تېرە كېسەللىكى، قىسمەن قان بېسىمى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. ئارىشاڭ سۈيىدىكى گۈڭگۈت ۋە باشقا پايدىلىق ماددىلار تاماقنى تېز ھەم ھەزىم قىلدۇرىدۇ. بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، رېماتىزىمغا شىپا بولىدۇ.

3. كۈنەستىكى سۇ ئارىشىڭى: ئىلى - قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىدىكى كۈنەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا كۈنەس ئارىشىڭى دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىپالىق ئارىشاڭ بار. بۇ ئارىشاڭدا 13 بۇلاق كۆزى بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ سۈيى سوغۇق ، بەزىلىرىنىڭ ئىلمان، بەزىلىرىنىڭ قىزىق ، بەزىلىرىنىڭ سۈيى قايناپلا تۇرىدۇ . مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئۇزاق يىللىق تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ ئارشاڭدا كاربون كىسلاتا تۇزلىرى ، سولفات كسلاتا تۇزلىرى ، ھىدرو سولفىتلار بولۇپ ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە ناترىي ، كالىي ، كالتىسىي ، ماگنىي ، تۆمۈر، يود قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ ئارىشاڭنىڭ سۈيى رېماتىزىم، بەل – پۇت ئاغرىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، بالىلار پارالىچى ، پالەچ ، تېرە كېسەللىكلىرى ۋە دىئابىىت كېسىلىگە شىپالىق بولۇپ، كېسەللەر تېببىي خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە كېسەلگە قاراپ مۇۋاپىق بۇلاقنى تاللاپ ئارىشاڭغا چۈشۈرۈلىدۇ . ھەر يىلى 5- ئايدىن 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ئارشاڭغا ئىلى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىرىنىڭ 11 ناھىيىسىدىكى كېسەللەر كېلىپ داۋالىنىىپ كېتىدۇ . ھازىر بۇ ئارىشاڭدا 40 نەچچە ئېغىزلىق ياتاق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللەرنىڭ داۋالىنىشغا ئاسانلىق يارىتىىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر يىلى تېببىي خادىملار ئەۋەتىلىىپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ئارشاڭ كېسەللەرنىلا ئەمەس نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. 4. غۇلجا شەھىدىكى گاز ( ئوت) ئارىشاڭ: غۇلجا شەھىرىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا «ئوت» ئارشىڭى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئارشاڭ بولۇپ، بۇ ئارشاڭنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 – 92 سىلىتسىي گرادۇسقا يېتىدۇ. ئارىشاڭ تەخمىنەن 3000 كۋادىرات مېتىر دائىرە ئىچىگە جايلاشقات. بۇ جاينى ئارىشاڭ دوختۇرخانىسى دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇ ئارىشاڭ ئارىشاڭ ئىچىدىكى پۇراق ھەم ئارىشاڭدىكى تەبىئىي تاشلارنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن گۈڭگۈرت ئارىشاڭ. ئوت ئارشاڭ قاتارلىق تۈرلەرگە. ئارشاڭلارنىڭ شەكلى ۋە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەت كىندىك ئارىشاڭ، بەل ئارىشاڭ، قۇلاق ئارىشاڭ، پۇت ئارىشاڭ، كۆز ئارىشاڭ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ جايدا داۋالىنىۋاتقان كېسەللەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ ھەم شارائىتى ياخشى، تەخمىنەن 150 كارىۋاتلىق دوختۇرخانا شارائىتى بار، دوختۇر - سىستېرا ئىشخانىلىرى مەجلىسخانا ، دەم ئېلىش ئۆيلىرى ، ئاشخانا ، چايخانا ئەسلىھەلىرى تولۇق، كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىشىمۇ خېلى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، كېسەللەر دوختۇرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ، قايسى ئارىشاڭغا قانداق ۋاقىتتا ، قانچىلىك ۋاقىت چۈشىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ۋاقتى - ۋاقتىدا دوختۇرغا ئەھۋال ئېيتىپ، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىكەن . ھەممىدىن قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئارىشاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى 92 سىلىتسىي گرادۇس بولۇپ، بەك قىزىق بولغاچقا، تاغ تۈشۈكلىرىدىن چىققان قىزىقلىقلارنىڭ ئادەمنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدىغان يېرىدىن بىر قانچە جايغا تۆمۈر بىلەن ئىشىك بېكىتىپ قويۇلغان بولۇپ ، خۇددى دوخوپكىغا ئوخشايدىكەن، بىمارلار مەزكۇر ئورۇنغا چەينەكتە سۇ قويسا 20 - 30 مىنۇتلاردا ئۆيدىكى گاز ئۇچاقتا قاينىغاندەك قاينايدىكەن. ئەگەر خېمىر يۇغۇرۇپ تۆمۇر پەتنۇستەك نەرسىگە كۆمەچ قىلىپ مەزكۇر ئورۇنغا قويسا بىرەر سائەتتە ئۆيدىكى دوخۇپكىدا پىشقاندەك پىشىدىكەن. تۇخۇم، جىگەرگە ئوخشاش ئاسان پىشىدىغان نەرسىلەرغۇ ئەلۋەتتە پىشىدىكەن . بۇ ئارىشاڭدا ئاساسلىقى ھۆل سوغۇقتىن بولغان ياكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان رېماتىزم، پالەچ، ئىستىرخا، لەقۋا ، تىترەش ، تىترىمە پالەچ ، بەل - پۇت - قول ئاغرىقى بوغۇم ئاغرىقى، ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى قاتالىقلار شىپالىق تاپىدۇ . 5. ئۈرۈمچىدىكى ليۇخۇاڭگۇ گاز (ئوت) ئارىشىڭى ئۇرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىگە 48 كىلومېتىر كېلىدىغان ليۇخۇاڭگۇ دېگەن جايدا دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1200 مېتىر ئېزى بىر تاغ بار. بۇ تاغنىڭ 500 كۋادىرات مېتىر دائىرىسى ئىچىگە 13 گاز ئارىشىڭى جايلاشقان. گاز ئارىشىڭىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 - 60 سىلىتسىي گرادۇسقا يېتىدۇ . لابوراتورىيىلىك ئانالىزلارغا قارىغاندا، بۇ گاز ئاساسەن ئوكسىكىن، ئازوت، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، ئارگون ، ھىدرو سولفاتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن رېماتىزم ، سۆڭەك كېسىلى ، نېرۋا كېسىلى ، ئاياللار كېسىلى ۋە تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ يەرگە داۋالانغىلى كەلگەنلەرنىڭ % 70-80 ى ساقىيىپ كېتىدىكەن ، يىغىنچاقلىغاندا، ئارىشاڭ مەيلى سۇ ئارىشاڭ بولسۇن ، مەيلى گاز ( ئوت ) ئارىشاڭ بولسۇن ، ئۇلارنى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات قىلىشى ئارقىسىدا ، بۇ ئارىشاڭلارنىڭ تەركىبىدە فوسفۇر، كالتىسىي ، ماگنىي ، ناترىي ، گۈڭگۈرت ، تۆمۈر، بور قاتارلىق 18 خىل ئېلېمېنتنىڭ بارلىقى، يۆتكىلىشچان رېماتىزم، تېرە كېسەللىكى، پالەچ تىترىمە ، ئىستىرخا، لەقۋ ، تىترىمە پالەچ كېسەللىكى ، بەل ئاغرىقى ، پەي تازنىش ، بوغۇم ئاغرىقلىرى ، ئاياللار كېسەللىكى ، ئىسسىق – سوغۇق ئۆتۈش، زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن شىپالىق ئۈنۇمى خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئۇنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى . 

1. ئارىشاڭ سۈيى ۋە ئارىشاڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ بەدەننى كۆيدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم .

2. ئارىشاڭغا چۈشۈش ۋاقتىنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ۋە كېسەللىك خاراكتېرىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇچە بولۇشى . كېرەك بەك كۆپ چىقىپ كىتىپ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈ ز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم .

3. جسىمان ئارتىرىيە قېتىش ، قان قويۇش ، يۇقۇرى بېسىم ۋە دىئابېت كېسەللىكلەرگە قارىتا دوختۇرنىڭ مەسلەھەتسىز ئارىشاڭغا چۈشۈپ داۋالىنىشتىن ساقلىنىش لازم .

 4. ئارىشاڭغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بىمار مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا تۇز قوشۇپ ياكى سويۇق دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق بەدەنگە سويۇقلۇق تولدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

 5. ئارشاڭغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مەيلى قىش كۈنى بولسۇن مەيلى ياز كۈنى بولسۇن، شامال تىگىپ قېلىشىتىن ساقلىنىش ، ئىلاق بار ئارىشاڭدىن چىققاندا قېلىن كېيىم بىلەن يۆگنىۋېلىش لازىم .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1108

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#