ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باشقۇرۇش ئادەتتىكى ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى. ئىنستىتۇتى ئاساسىدا 1948-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىلى ئالىي تېخنىكومى، كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نامى ئەخمەتجان قاسىمى ئالىي تېخنىكومى، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى. 1980 -يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىلىشى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ،  نامى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قىلىپ بىكىتىلگەن. 


ئۇيغۇرچە نامى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى
قىسقاتىلغان نامى 伊犁师院
ئايرىمىسى پېداگوگىكا
چەتئەلچە نامى YiLi Normal University
خەنزۇچە نامى 伊犁师范学院
قۇرۇلغان ۋاقتى 1948-يىلى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى 1948-يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 199800 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 20217 كۋادرات مېتىر، زامانىۋى تىل تەجرىبىخانىسى، كومپيۇتېر، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئىشخانىسى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بار. كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب سانى  300000 پارچىدىن ئارتۇق. ئوقۇتۇش خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تولۇق كۇرس مائارىپى ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇش يىلى تۆت يىل (مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ) . تولۇق كۇرس كەسپىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە توققۇز فاكۇلتېت، بۆلۈم، 19 پېداگوگىكا كەسپى، توققۇز غەيرىي پېداگوگىكا كەسپى، ئىشتىن سىرت(كەچلىك) ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، نورۋىگىيە، ئاۋسترالىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىنستىتۇت يەنە شىنجاڭ تاڭجارىق تەتقىقات جەمئىيىتى، قازاق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنى، مائارىپ ئىلمى تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، قازاق، خەنزۇ

تىلى يېزىقىدا مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى چىقىرىلىدۇ. نۆۋەتتە ئىنستىتۇت غەربىي يۇرت تەتقىقاتى، ئىلى تەتقىقاتى ۋە قازاق، شىبە مەدەنىيەت تەتقىقاتى، تاڭجارىق تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 343) ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن كىشى 76 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانغا ئېرىشكەن كىشى 235 نەپەر) ئوقۇغۇچى سانى 3600 نەپەر.

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى1948-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەخسۇس كۇرس مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1949-يىلى 10-ئايدا ئىلى مەخسۇس كۇرس مەكتىپى ئەخمەتجان مەخسۇس كۇرس مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

1951-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان مەخسۇس كۇرس مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم كەسپىنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى مەكتەپتە پەقەت پېداگوگىكا مەكتىپى كەسپىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلغان.

1954-يىلى 9-ئايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە ئىلى ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئىككى مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان.

1959-يىلى ئىلى ئوغۇللار مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى 2-دارىلمۇئەللىمىنى قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

 1961-يىلدىن 1965-يىلغىچە بۇ ئىككى پېداگوگىكا مەكتىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى سىنىپى قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا يەنە سەنئەت، تەنتەربىيە، خەنزۇ تىلى قاتارلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپىنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىزچىل ھالدا قازاق تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان.

1965-يىلغا كەلگەندە بېيجىڭ، تيەنجىن، باۋدىڭ، تاڭشەن، فۇشىن قاتارلىق جايلاردىن 440 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇيغۇر، قازاق تىلى كەسپىي ئالىي تېخنىكوم سىنىپىغا قوبۇل قىلغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇ ئىككى پېداگوگىكا مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆكتەبر گۇڭشىسىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىنىپى، مۇزىكا، سەنئەت، تەنتەربىيە، تەرجىمانلىق، سانائەت ئاساسى، ئۇيغۇر تىلى، ئېلېكترلىق ئوقۇتۇش، خەنزۇ تىلى، بالىلار مائارىپى، ئىنگلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان.

1971-يىلى 2-ئايدا 1-، 2-پېداگوگىكا مەكتەپ قوشۇلۇپ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1975-، 1977-يىلغىچە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆكتەبر گۇڭشىسىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى 1-دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئورنىغا قايتا كۆچۈرۈلگەن.

1971-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلى بىرىنچى  پېداگوگىكا مەكتىپى بىلەن ئىلى ئىككىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى. 1978-يىلى 1-ئايدا  ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 

1978-يىلى ئالىي تېخنىكوم سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. 1985-يىلى 5-ئايدا ئىشتىن سىرت ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلىنغان. شۇ يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا مەكتەپتە ئىلمىي كومىتېتى يەنى باكلاۋېرلىق ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى قۇرۇلغان.

1987-يىلى 7-ئايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تولۇق كۇرس كەسپىگە باكلاۋېرلىق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ بولۇپ قالغان.

1980-يىلى 5-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قىلىپ قۇرۇلۇپ، دەرىجىسىنى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى، ئاپتونوم رايون باشقۇرۇش ئىدارە دەرىجىلىك ئورۇ بولدى. مەكتەپتە خەنزۇ تىلى، چەتئەل تىلى،  تەنتەربىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرى بار بولدى. 

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى2002 -يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشى بويىچە لاياقەتلىك باھالانغان. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كۈيتۈن شەھىرى تەسىس قىلىنغان پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى  ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتغا قوشۇۋېتىلگەن.

2006-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىلى پېداگوگىكا بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەرگە ھوقۇق بەرگەن ئورۇن، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل- ئەدەبىياتى (تۈركىي تىللار)، ئاساس ماتېماتىكا، ئوپتىكىلىق كەسپىي تۇنجى تۈركۈم بويىچە ماگىستېر نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#