سېرىق چاراس ئۈزۈم
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېرىق چاراس ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئېلىنىڭ غۇلجا ، توققۇزتارا ناھىيىسى قاتارلىق جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 7 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئۆسۈشى كۆپىيىدۇ . 8 - ئاينىڭ باشلىرى ئۆسۈشتىن توختايدۇ . مېۋىسى 9 - ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئىستىقبالى پارلاق .
مېۋىسى
مېۋە ساپىقى كۇنۇسسىمان ، ئۇزۇنلۇقى 14 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 10.2 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ساپاق ئېغىرلىقى 286 گرام .مېۋە دانلىرىنىڭ جايلىشىشى ئوتتۇراھال، يەككە مېۋىسى ئېللىپىسسىمان ، دىئامېتىرى 20.83 * 26.3 مىللىمېتىر ،ئوتتۇرىچە دانە ئېغىرلىقى 6.78 گرام ، مېۋە شۆپەك رەڭگى سېرىق يېشىل ، پوستى نېپىز ،ئېتى سېرىق يېشىل ، سۈزۈك ، چۈرۈك . شىرنىلىك ، تاتلىق ، ئىلى رايۇنىدىكى قەنت مىقدارى % 17.3 ، كىسلاتا مىقدارى % 0.17 ئەتراپىدا سۈپىتى يۇقىرى . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.