ئازغان ئەنجۈر باغچىسى
ئازغان ئەنجۈر باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى نىڭ سۇنتاغ يېزىسى دىكى ئازغان كەنتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئازغان ئەنجۈر باغچىسىئازغان ئەنجۈر باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى نىڭ سۇنتاغ يېزىسى دىكى ئازغان كەنتىگە جايلاشقان، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەنجۈر نىڭ مېۋىسى ياپىلاق ۋە يۇمىلاق بولۇپ، دەسلەپتە يېشىل رەڭدە، يېتىلگەندىن كېيىن سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ياز ۋە كۈزدە مېۋىلەيدۇ، بۇ مېۋىدە ھاسىل بولغان قەنت مىقدارى %14 ~ %19، تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن بار.
پىژغىرىم ياز پەسلىدە ساياھەتچىلەر ئەنجۈر باغچىسىدا مەيىن شامالدىن ھوزۇر ئالغاچ، ياپيېشىل قويۇق بولغان چوڭ يۇپۇرماق ئاستىدىكى شەربىتى ئېقىپ تۇرغان ئالتۇندەك ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندە، كىشىگە بىر خىل سالقىن ھۇزۇر ، ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ. خوجايىننىڭ گۈللۈك كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تاتلىق ئەنجۈر يىگەچ، باغۋەننىڭ ئەنجۈر توغرىسىدىكى نۇرغۇن تەسىرلىك رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كىشىگە چەكسىز خۇشاللىق ۋە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.