خامانچى قوغۇن
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خامانچى قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ پەيزىۋات ، يوپۇرغا ناھىيەلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 350 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.7 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى كۈچلۈك ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يىتىلىش ۋاقتى 100 - 105 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 6 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .
مېۋىسى
خامانچى قوغۇننىڭ شەكلى ئوخشاش ئەمەس، دىئامېتىرى 21 * 34.3 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە شاپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى بوز رەڭدە بولۇپ ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم رەڭگى شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.7 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 4 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق يېشىل ، شىرنىلىك ، تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق ، قەنت مىقدارى %15 - 9.5 ئەتراپىدا.
ئۇرۇقى
ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.6 سانتىمېتر ، كەڭلىكى 0.55 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 81.3 گرام كېلىدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.