تاملا سېغىز دەرىخى

تاملا سېغىز دەرىخى

تاملا سېغىز دەرىخى، دۇنيادا پەقەت ئەگەدە، ساكىز (سېغىز) ئارىلى چەشمە ۋە ئالاچاتىدا ئۆسىدىغان بىر دەرەخ تۈرىدۇر. تاملا سېغىز دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن چەشمىلەردە ۋە يازلىق ئۆيلەرنىڭ باغچىلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاملا سېغىز دەرىخى چېچىكىتاملا سېغىز دەرىخى، خۇش پۇراقلىقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن ياخشى كۆرۈلىدىغان دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. تاملا سېغىز دەرەخلىرى، ئىللىق ئۆتىدىغان ئەگە ۋە ئاق دېڭىز ئىقلىمىنى، شورلۇق ۋە تاشلىق تۇپراقلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

 تاملا سېغىز دەرەخلىرىنىڭ مېۋە بېرىدىغانلىرى، پەقەت سېغىز ئارىلىنىڭ جەنۇبىي باغرىلىرى ۋە چەشمە يېرىم ئارىلىدا ئۆسىدۇ. بۇ رايونلارغا خاس بولغان، نەمسىز، شاماللىق ئىسسىق ھاۋا، شورلۇق قىزىل تۇپراقلىق يەر، ۋاقتىدا ياغىدىغان ھۆل–يىغىن قاتارلىق ئامىللار تاملا سېغىز دەرىخىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان شارائىتلار ھېسابلىنىدۇ. 

تاملا سېغىز دەرىخى يىلمى تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ كۆكرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئىسپاتلاندى. سۈيدۈكنى ھەيدەش ئالاھىدىلىكى بىلەن بۆرەككە ناھايىتى پايدىلىق. جىگەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئېغىز ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئۇسۇل بولۇپ كەلگەن. تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخى چىش داۋالاشتا چىش چىرىكلىرىنى تولدۇرۇش، تولدۇرۇلغان ماددىلارنى بىرلەشتۈرۈشتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى قەدىمكى ۋاقىتتىن تارتىپ بىلىنىپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردە ياشىغان داڭلىق بىر تىۋىپ، تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ قاننىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە كانايچە ياللۇغىغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىى، كۆيۈك، ھۆل تەمرەتكە، ئۈششۈك تېگىش، راك ۋە تېرە يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن قوللىنىلماقتا ھەمدە تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ خولېستېرول ۋە قاندىكى شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرۈشكە كۆرسىتىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى تەتقىق قىلىنماقتا.

تاملا سېغىز دەرىخى ئۇرۇقى تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ كىشىنىڭ ئەقلىگىمۇ كەلمەيدىغان ھەيران قالارلىق قوللىنىش ساھەلىرى بار. تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىى مۇرابباسىنى، ئوپېراتسىيە ئىشلىرىدا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان، ئوپېراتسىيە قىلىنغان جاينى تىكىشتە كەڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، تىكىشتە ئىشلىتىلگەن يىپلار ئورگانىزىملار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، تىكىش ياخشىلانغاندا ئېلىۋېتىشكە كېرەك قالمايدۇ. تاملا سېغىز دەرىخىدىن ياسالغان دورىنى داكىغا سۈركەپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان جايغا يۆگەشنىڭ ئورنىغا، يارا ئېغىزىنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشىلتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ياۋروپا مىقياسىدا، تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىىنى، كونا بىنالارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تام رەسىملىرىنى ئاسىراشتا قوللىنىلىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسىي خام ماددا سۈپىتىدە پايدىلانماقتا. ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدە تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىىنى بوياقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، بوياق ياساشقا كېرەكلىك ماددىلارنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىش؛ ئىككىنچىسى بولسا، بوياقلارنى پارقىراق قىلىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش. بۇلغارىيەدە تەبىئىي تاملا سېغىز دەرىخىى، ياغاچچىلىق سانائىتىدە رەڭ تەڭشىگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. كېمىلەرنىڭ ئاستىنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە بوياقلارنى ياساشتىمۇ تاملا سېغىز دەرىخىى قوللىنىلىدۇ. ئايروپىلان ياساشتا، رەڭ ئاسىرىغۇچى سۈپىتىدە تاملا سېغىز دەرىخى قوللىنىلىدۇ. پارقىراتقۇچ، سېنتىتىك كاۋچۇك، چاق، پىلاستىك، سېنتىتىك تېرە ۋە قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسى ياساشتىمۇتاملا سېغىز دەرىخى زىكىر قىلىنغاندا ھەيران قالماسلىقىمىز لازىم. 

تارىخىي مەنبەلەردە 8–ئەسىردە يېزىلغان بىر ھۆججەتتە تاملا سېغىز دەرىخىدىن مەھسۇلات ئېلىش ئاڭلىتىلىدۇ. بۇ قەدىمكى ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 8–ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كىشىلەر سېغىز دەرىخى زىدىلەشكە باشلايدىكەن. بۇ زىدىلەش ئىشلىرى، ئۇزۇن پىچاقلار بىلەن دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرىنى تۆت چاسا كىسىش ئىكەن. ياش نوتىلارغا تەگمەيدىكەن. ئەتىسى كۈنى تاملا–تاملا ئاققان دەرەخ سۈيى تامچە ھالىدا ئاستا-ئاستا قاتىدىكەن. تاملا سېغىز دەرىخى دەرىخىدىن ئاققان سۇ يەرگە چۈشۈپ قاتىدىغانلىقى ئۈچۈن دەرەخ ئاستى ناھايىتى پاكىزە تۇتۇلۇشى لازىم ئىكەن. بۇ تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا كۆرە، ئەڭ مول–ھوسۇللۇق مەزگىل، ھاۋا قۇرغاق ۋە ئوچۇق بولسا، 8–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىكەن. دەرەختىن ئېلىنغان ھوسۇللار ئوردىغا ئاپىرىلىدىكەن ۋە كۆپىنچىسىنى ئوردىدىكى خانىم–قىزلار تۈگىتىدىكەن. ئۇلار ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئېغىزلىرىنىڭ خۇش پۇراق پۇرىشى ئۈچۈن ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئاچ قورساق ھالدا سېغىز چاينايدىكەن.

بۇ كەم ئۇچرايدىغان دەرەختىن ئاقىدىغان يىلىملار ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا توپلىنىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. بۇ يىلىملارنىڭ بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان بىلىنىپ كەلگەن تۇنجى ئىشىلتىش شەكلى، سېغىز شەكلىدە چايناش ھېسابلىنىدۇ. بۇ چىشنى تازىلايدىغان ۋە ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىدىغان تەبىئىي سېغىزدۇر. ئىنگلىزچىدىكى «چايناش» سۆزىنىڭمۇ «داملا ساكىزى» دىن كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. تۈركچىدىكى ساكىز ئاداسى، يەنى «سېغىز ئارىلى» دېگەن ئىسىممۇ داملا ساكىزى (تاملا سېغىز دەرىخى) دىن كەلگەن. تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ 2400 يىلدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ بىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.

دەرەختىن تاملىغان تامچىلار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، قاتماستىن بۇرۇن دۈملەپ پېشۇرۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە ۋە نان خېمىرىغا قوشۇلىدۇ. تاملا سېغىز دەرىخى دەرىخىدىن مول–ھوسۇل ئېلىش، خۇددىي كۈنىمىزدىكى بىر قېتىملىق مول ھوسۇل ئېلىشنى ئاڭلاتقانغا ئوخشايدۇ. تارىخىي ئەسەردىكى ھەرەم قىسمىنى چىقىرىۋەتسەك، تاملا سېغىز دەرىخى دەرىخىدىن ھازىرمۇ ئوخشاش شەكىلدە مول ھوسۇل ئېلىنماقتا ۋە قوللىنىلماقتا.[0]



بۇ كەم ئۇچرايدىغان دەرەختىن ئاقىدىغان يىلىملار ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا توپلىنىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. بۇ يىلىملارنىڭ بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان بىلىنىپ كەلگەن تۇنجى ئىشىلتىش شەكلى، سېغىز شەكلىدە چايناش ھېسابلىنىدۇ. بۇ چىشنى تازىلايدىغان ۋە ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىدىغان تەبىئىي سېغىزدۇر. ئىنگلىزچىدىكى «چايناش» سۆزىنىڭمۇ «داملا ساكىزى» دىن كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. تۈركچىدىكى ساكىز ئاداسى، يەنى «سېغىز ئارىلى» دېگەن ئىسىممۇ داملا ساكىزى(تاملا سېغىز دەرىخىى) دىن كەلگەن. تاملا سېغىز دەرىخىىنىڭ 2400 يىلدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ بىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5759

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#