پەد كومپيۇتېر

پەد كومپيۇتېر

پەد كومپيۇتېر بىر خىل كىچىك تىپتىكى شەخسىي كومپيۇتېر تۈرىدىكى چەكمە ئېكرانلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات.

ئۇيغۇرچە نامى پەد كومپيۇتېر
ئىنگلىزچە نامى Tablet Personal Computer
ئوتتۇرغا قويغۇچى بىل گايتىس
خەنزۇچە نامى 平板电脑
باشقا نامى تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەد كومپيۇتېرپەد كومپيۇتېر (Tablet Personal Computer) بولسا بىر خىل كىچىك تىپتىكى شەخسىي كومپيۇتېر تۈرىدىكى چەكمە ئېكرانلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات. مەزكۇر مەھسۇلات ھەققىدىكى ئۇقۇم تۇنجى قېتىم مىكروسوفت نىڭ سابىق لىدىرى بىل گايتىس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مىكرو سوفتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى پەد كومپيۇتېر ئۇقۇم جەھەتتە بىر خىل تۈز ئېكرانلىق، كۇنۇپكىسىز، كىچىك ھەم ئەپلىك بولغان، خانىم-قىزلارنىڭ سومكىسىغا سېلىۋالسا، يىگىت-ئەرلەر يانچۇقىغا سېلىۋالسا بولىدىغان، ئەمما ئىقتىدارى ھەقىقىي شەخسىي كومپيۇتېرلاردىن قېلىشمايدىغان بىر مىكرو كومپيۇتېر ئىدى. ھالبۇكى، ھازىرقى ئۇقۇمدىكى پەد كومپيۇتېر بۇ ئۇقۇمدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى پەد كومپيۇتېر ئۇقۇمى ئالدىدا تېخىمۇ كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما بىر ئاز غۇۋالاشقان بىر ئاتالغۇغا ئايلانغان.

ھازىرقى ئىستېمالىمىزدىكى پەد كومپيۇتېر بولسا، تېلېفون ئىقتىدارى ئېلىۋېتىلگەن (بىر قىسىم پەد كومپيۇتېرلاردا بۇ ئىقتىدار ھېلىھەم ساقلىنىپ قېلىنغان)، ئىچىگە ھەر خىل مەشغۇلات سىستېمىسى ئورنىتىش ئارقىلىق، ھەرخىل پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلىش مۇھىتى ھازىرلىنىپ، ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتكىلى ھەمدە سەرخىللاشتۇرغىلى بولىدىغان، تور مۇھىتى، بولۇپمۇ سىمسىز تور (Wifi) ۋە 3G تور مۇھىتى ھازىرلانغان، يانغا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، باھاسى مۇقىم ھەم نورمال بولغان بىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتتۇر.

1. سېزىمچان ئېكرانلىق: كۆپ قىسىم پەد كومپيۇتېر تۈرىدىكى مەھسۇلاتقا سېزىمچان ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ نورمال مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ.

2. ئەپلىك: پەد كومپيۇتېرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇپ، سومكىغا ياكى ئادەتتىكى خالتىلارغا قاچىلاپ خالىغان يەرگە ئاپارغىلى، قويۇپ قويغىلى بولىدۇ، ئېكراننى خالىغانچە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. سەپەرگە ياكى سەيلىگە چىققاندا ئارتۇقچە يۈك بولمايدۇ.

3. قوللىنىشچان: كۆپ قىسىم پەد كومپيۇتېرلار كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى قوللايدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇھىتى ئارقىلىق قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق پەد كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتكىلى ۋە تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

4. قولايلىق تور مۇھىتى: كۆپ قىسىم پەد كومپيۇتېرلارغا سىمسىز تور (Wifi) ۋە 3G تور مۇھىتى  ھازىرلانغان بولۇپ، تور مۇھىتى قوللايدىغان ئورۇنلاردا خۇددى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردا تورغا چىققاندەك بىمالال ھەم ئەركىن تورغا چىققىلى بولىدۇ.

5. چوڭ سىغىملىق: كۆپ قىسىم پەد كومپيۇتېرلارغا چوڭ سىغىملىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، پىروگراممىلارنى قاچىلاش، ناخشا-مۇزىكا، سۈرەت، پىروگرامما ھۆججەتلىرى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ، ياندىسكا ئورنىدا ھەم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

6. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى كۈچلۈك: پەد كومپيۇتېرلارنىڭ ئىقتىدار كېڭەيتىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش، پاراڭلىشىش، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كۆرۈش… قاتارلىق نورمال ھالەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

1. قۇرۇلما جەھەتتە: كۆپچىلىك سىرتىغا قاراپلا بىلىۋالالايمىزكى، لەپتوپ كومپيۇتېرنىڭ قۇرۇلمىسى پەد كومپيۇتېرغا قارىغاندا ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، لەپتوپ كومپيۇتېرنىڭ كۆپلىگەن چېتىش ئېغىزلىرى بار، كۆپ خىل سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى چېتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆپ قىسىم لەپتوپ كومپيۇتېرلار سېزىمچان ئېكرانلىق بولماستىن، مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ياردىمىدە مەشغۇلات قىلىمىز. ئەمما، پەد كومپيۇتېرلار قۇرۇلما جەھەتتە شۇنداق ئاددىي، پەقەت توك مەنبەسى ئېغىزى، كارتا سېلىش ئېغىزى ھەمدە USB ئېغىزى (بەزىلىرىدە باتارېيە سالىدىغان ئېغىزمۇ بار) قاتارلىق بىر قانچە ئېغىزىلا بار، ئاز قىسىملىرىدا كۇنۇپكا تاختىسى ئورنىتىدىغان چەكمە ئېكرانلىق بولۇپ، كۆپ قىسىملىرىدا پەقەت ئېكران ئارقىلىقلا مەشغۇلات قىلىمىز.

2. ئېغىرلىق جەھەتتە: پەد كومپيۇتېرنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە بىر كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 10 دىيۇملۇق پەد كومپيۇتېرنىڭ ئېغىرلىقى گىرامدىن 

گىرامغىچە بولسا، 7 دىيۇملۇق پەد كومپيۇتېرنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 400 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ھالبۇكى، كۆپ قىسىم لەپتوپ كومپيۇتېرلارنىڭ، ھەتتا تور لەپتوپلىرى (上网本)نىڭ ئېغىرلىقىمۇ بىر كىلوگرامدىن چۈشمەيدۇ.

3. ھەجىم جەھەتتە: پەد كومپيۇتېرلاردا ئادەتتە 7 دىيۇمدىن 10 دىيۇمغىچە بولغان ئېكرانلار سەپلىنىدىغان بولۇپ، قېلىنلىقى 15 mm دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىر قىسىم ئالاھىدە پەد كومپيۇتېرلارنىڭ قېلىنلىقى ئارانلا بىر سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەمما لەپتوپ كومپيۇتېرنىڭ قېلىنلىقى بولسا mm 20 ئەتراپىدا، ئالاھىدە نېپىزلىرىمۇ 15mm دىن ئېشىپ كېتىدۇ، لەپتوپ كومپيۇتېر تۈرىدە پەقەت تور لەپتوپىنىڭ ئېكرانىلا 10 دىيۇملۇق بولۇپ، ئادەتتىكى لەپتوپلارنىڭ ئېكرانى ئاز دېگەندە 11 دىيۇملۇق، كۆپ قىسىملىرى 14 دىيۇملۇق بولىدۇ.

4. خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (输入) جەھەتتە: پەد كومپيۇتېردا كۆپىنچە چەكمە ئېكران ئارقىلىق قولدا خەت ئۇرىدىغان بولۇپ، مىكروفون ۋە ئېغىرلىق ئېففېكتى (重力感应) ئىقتىدارى بەزى ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالاھىدە مەشغۇلات قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەمما، لەپتوپ كومپيۇتېرلار بولس  كۆپىنچە مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق خەت ئۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىدۇ.

5. ئىشلىتىش مۇھىتى جەھەتتە: پەد كومپيۇتېرلار ھەجىم جەھەتتە كىچىك، ئەپلىك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خالىغان ئورۇندا خالىغان چاغدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما لەپتوپ كومپيۇتېرلارغا چوقۇم راسلىغۇدەك بىر ئورۇن، مەسىلەن ئۈستەل، ئىشلەتكۈچىنىڭ تىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇقىملاشتۇرغاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

6. ئىقتىدار جەھەتتە: پەد كومپيۇتېرلار ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىشقا، مەسىلەن تور بەت ئارىلاش، فىلىم كۆرۈش، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش، ناخشا ئاڭلاش، ئويۇن ئويناش، پاراڭلىشىش 

قاتارلىقلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما لەپتوپ كومپيۇتېر بولسا، ئادەتتىكى شەخسىي كومپيۇتېرلارغا ئوخشاش ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، پەد كومپيۇتېرلاردەك ئېغىرلىق ئېففېكتى ئويۇنلىرى (量重力感应游戏)دىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

7. قوللىنىشچان پىروگرامما جەھەتتە: نورمال ئەھۋالدا، لەپتوپ كومپيۇتېرغا ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردەك پىروگرامما ، يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما، پەد كومپيۇتېرلار ئۆزلىرىگە قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە نەشرى ، شۇنداقلا ئىشلەتكەن قاتتىق دېتاللىرىغا قاراپ ئايرىم ۋە ئالاھىدە قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.

iPad :iPad (ئايپەد) بولسا پەد كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى. مەزكۇر مەھسۇلات دۇنياغا داڭلىق ئالما شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاجايىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، بايلار-سۆلەتۋازلار ئارىسىدا «ئايپەد قىزغىنلىقى»نى شەكىللەندۈرگەن. دۆلىتىمىزدىمۇ مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە كۆرە مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى پەد كومپيۇتېرلار بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %99 كە يەتكەن.

مەزكۇر مەھسۇلاتقا ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان IOS سىستېمىسى ئورنىتىلغان، ئالما A4 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1024  768 x ئېنىقلىقتىكى 9.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن. ئىشلەتكۈچىلەر ئالما شىركىتىنىڭ Appstore تور دۇكىنى ئارقىلىق ھەرخىل قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كېلەلەيدۇ. ئېغىرلىقى 800 گىرامغا يەتمەيدىغان ئايپەدنىڭ ھازىر 2-ئەۋلادى چىقىپ بولغان بولۇپ، سىغىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16GB ،32GB ،64GB بولۇپ، باھاسىمۇ سىغىمىغا شۇنداقلا تور مۇھىتىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.

MOTOROLA : Xoom 3G+WiFi MZ600 بۇمۇ دۆلىتىمىزدە خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن پەد كومپيۇتېر بولۇپ، 10.1 دىيۇملۇق ئېكران، قوش يادرولۇق NVIDIA Tegra2 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، GB1 لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB لىق ئىچكى سىغىم سەپلەنگەن، Android 3.2 مەشغۇلات سىستېمىسى ئورنىتىلغان، 3G+WiFi تور مۇھىتى ھازىرلانغان بولۇپ، سىمسىز تور WiFi دا تورغا چىقىش سۈرئىتى Mbps 300 غا يېتىدىكەن. مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ 9-ئايدىكى باھاسى 4700 يۈەن.

SAMSUNG Galaxy Tab P7100: مەزكۇر مەھسۇلات SAMSUNGنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولۇپ، قوش يادرولۇق NVIDIA Tegra2 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، GB1 لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 10.1 دىيۇملۇق 1280×800 ئېنىقلىقتىكى ئېكران، GPS يول باشلاش سىستېمىسى سەپلەنگەن، Android 3.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئورنىتىلغان، WiFi تور مۇھىتى ھازىرلانغان بولۇپ، GB16 لىق ئىچكى سىغىم نۇسخىسىنىڭ ھازىرقى باھاسى 3000 يۈەن.

بىلكان پەد: بىلكان پەد شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سالغان، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان Android 2.2 مەشغۇلات سىستېمىسى ئورنىتىلغان، Samsung S5PV210 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 512MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، GB16 لىق ئىچكى سىغىم، 8 دىيۇملۇق 1024×768 ئېنىقلىقتىكى TFT_LCD ئېكران سەپلەنگەن، Wifi، 3G تور مۇھىتى ھازىرلانغان بولۇپ، 3G نۇسخىسى 2698 يۈەن، WiFi نۇسخىسى 2398 يۈەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#