كىچىك بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشى

قىزىپ قېلىش

بەش ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %2 تىن %5 تىدە ئىلگىرى يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بولغان، يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بالىلار بۆلۈمى جىددىي داۋالاشتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىپ قېلىشتارتىشىش ئادەتتە دۆلىنىش دېيىلىدۇ، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بەش ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن  %2 تىن %5 تىدە ئىلگىرى يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بولغان، يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش بالىلار بۆلۈمى جىددىي داۋالاشتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى. يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىش دائىم كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، يۇقىرى قىزىتما بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا تارتىشىپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىش، ئىككى كۆزى ئۈستىگە قايرىلىش ياكى ئالىغايلىق، بىر يەرگە قاراپ قېتىپ قېلىش، كۆز قارىچۇقى مىدىرلىماسلىق، پۇت-قول قېتىۋېلىش، تۈزلىنىش، ئىككى قول تۈگۈلۈش، بەزىدە بېشى كەينىگە قاتىيىۋېلىش، دەم ئالالماسلىق، ئاغزىدىن مازغاپ كېلىش، چىرايى كۆكىرىش بىلەن ئىپادىلىنىپ، نەچچە مىنۇتقىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن كۆپىنچە كېسەللەنگۈچىلەر ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن قويۇپ بېرىدۇ. تارتىشىش قويۇپ بەرگەندىن كېيىن كېسەللەنگۈچىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئىنكاسى ياخشى بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئوينايدۇ. لېكىن كېلەر قېتىم قىزىتما بولغاندا يەنىلا تارتىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. يۇقىرى قىزىتمىدىن تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھازىرچە تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولغىنى يوق. كۆپىنچە كىشىلەر كىچىك بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن يۇقىرى قىزىتما يەنە كىچىك بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى زىيادە قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرغۇزۇشى، ئۇنىڭ سىرتقى تەسىرلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چوڭ مېڭە بىر ئاز غىدىقلاشقا ئۇچرىسىلا غىدىقلىنىشىنى ئاسانلا كېڭەيتىپ تارتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىللە تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش بەلگىلىك ئىرسىيەت خاراكتېرىگە ئىگە لېكىن كونكرېت مېخانىزمى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#