شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى (2012-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-يىغىنىدا ماقۇللانغان).

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى
ئېلان قىلغان تارمىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى (دائىمىي كومىتېتى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区湿地保护条例
ئېلان قىلغان ۋاقتى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ نىزام سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، سۇلۇق يەر بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە سۇلۇق يەرنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۇلۇق يەر مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن، مۇھىم ئېكولوگىيە رولىغا ئىگە بولغان، تەبىئىي ياكى سۈنئىي شەكىللەنگەن، دائىملىق ياكى پەسىللىك بولغان سازلىق، پاتقاقلىق، زەيلىك، ساھىل ياكى سۇ دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.

سۇلۇق يەر مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەر دەپ ئايرىلىدۇ. مۇھىم سۇلۇق يەر خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇلۇق يەرنى كۆرسىتىدۇ، باشقا سۇلۇق يەر ئادەتتىكى سۇلۇق يەر ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.

4-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداشتا تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، ئالدىن قوغداش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەرنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى بولۇپ، ئۇ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، مۇھىت ئاسراش، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، مالىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئائىت تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، سۇلۇق يەرنى قوغداشتىكى ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىشىگە ۋە قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش تەشۋىقات كۈنى بولىدۇ.

8-ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ۋە سۇلۇق يەر بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىش، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، دائىرە بويىچە تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇلۇق يەرنى قوغداش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى لازىم.

10-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش تىزىملىكى ۋە قوغداش دائىرىسى لايىھەسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

ئادەتتىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش تىزىملىكى ۋە قوغداش دائىرىسى لايىھەسىنى سۇلۇق يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماق ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

11-ماددا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇلۇق يەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار سۇلۇق يەرنى قوغداش پاسىل بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭغا سۇلۇق يەرنىڭ تۈرى، مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە قوغداش دائىرىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېزىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش پاسىل بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى؛ مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى ئايرىم تۈزۈپ بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار ئورۇن، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتتىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش كېرەك.

13-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر– يېزا يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىققا، ساياھەتكە، قاتناشقا ئائىت مەخسۇس يىرىك پىلانلار سۇلۇق يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇنىڭدا سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر بولۇشى كېرەك.

14-ماددا سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) سۇلۇق يەر بايلىقىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى، تۈر ئالاھىدىلىكى، ئېكولوگىيەلىك رولى، سۇ بايلىقى، ياۋايى جانلىقلار بايلىقى ئەھۋالى؛

(2) ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ھەققىدىكى تەھلىل ۋە باھا؛

(3) قوغداش ۋە پايدىلىنىش ئومۇمىي تەلىپى، نىشانى، تەدبىرى، قوغداش مەسئۇلىيىتى؛

(4) قوغدىلىدىغان سۇلۇق يەرنىڭ رايونغا ئايرىلىشى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى؛

(5) ئالاقىدار يىرىك پىلانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى.

15-ماددا تەستىقلانغان سۇلۇق يەر قوغداش يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

16-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرى ھازىرلانغان سۇلۇق يەردە سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش كېرەك:

(1) خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇلۇق يەر؛

(2) تىپىك ۋە ۋەكىللىككە ئىگە تەبىئىي سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، قوغداش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان شۇ تۈردىكى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى؛

(3) جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ ياكى ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى جانلىقلار تۈرى مەركەزلەشكەن سۇلۇق يەر؛

(4) دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوغدايدىغان سۇ قۇشلىرى كۆپىيىدىغان، ياشايدىغان، قىشلايدىغان ياكى كۆچكەندە قونۇپ ئۆتىدىغان جاي؛

(5) سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى، كۆپىيىشىدە تىپىك ياكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە سۇلۇق يەر؛

(6) گوۋۇيۈەن ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالاھىدە قوغدىلىدىغان سۇلۇق يەر.

سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقى سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

17-ماددا ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم، ئېكولوگىيەلىك رولى روشەن بولسىمۇ، كۆلىمى كىچىكرەك بولۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان سۇلۇق يەردە سۇلۇق يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونچىسى قۇرۇشقا بولىدۇ.

18-ماددا تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ياكى ئىلمىي تەتقىقات، تەشۋىق-تەربىيە قىممىتى يۇقىرىراق سۇلۇق يەردە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ، سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرىدۇ.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇلۇق يەر بايلىقىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشى ھەمدە سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداش ئەھۋالىنى ۋە سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولىنى باھالىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقىنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇلۇق يەر بايلىقى ئارخىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش، ئىلمىي تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە شەكىللەنگەن ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چېكىنىپ كەتكەن سۇلۇق يەرنىڭ رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك:

(1) سۇلۇق يەرنىڭ رولى سۇ قىسلىقتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسا، سۇلۇق يەرنىڭ سۈيىنى تولۇقلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇلۇق يەرنىڭ رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، قەرەللىك ياكى پىلانلىق ھالدا سۇ تولۇقلاش؛

(2) سۇلۇق يەرنىڭ رولى چارۋىنى زىيادە باققانلىقتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسا، چارۋىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، يايلىتىشتىن توختىتىش، يايلىتىشنى چەكلەش ھەمدە سۇ باشلاپ قۇم تىزگىنلەش، ئوت-چۆپ تېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(3) سۇلۇق يەرنىڭ رولى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسا، تېرىقچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش.

22-ماددا سۇلۇق يەرگە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرىنى كىرگۈزۈشنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى ئىزلاپ كۆزىتىشى كېرەك؛ سۇلۇق يەرگە خەۋپ يەتكۈزسە ياكى خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگىتىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

23-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇلۇق يەر دائىرىسىدە سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتسىز ئىمارەت، قۇرۇلما شۇنىڭدەك توسما، يول ۋە باشقا قاتناش ئەسلىھەسى ياسىشىغا ياكى كېڭەيتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تەستىق بىلەن ياسىلىپ بولغان، لېكىن داۋاملىق پايدىلانغىلى بولمايدىغانلىرىنى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

24-ماددا قۇرۇلۇش تۈرى ئۈچۈن سۇلۇق يەرنى ئىگىلەش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشلىرىغا سۇلۇق يەرنى ئىگىلەش زۆرۈر بولسا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

25-ماددا سۇلۇق يەردە قۇرۇلۇش قىلىدىغانلار سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىشى ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىشى كېرەك.

مۇھىت ئاسراش تارمىقى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھەققىدىكى ھۆججەتنى تەستىقلاشتا تەڭ دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

26-ماددا سۇلۇق يەردە قۇرۇلۇش قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەستىقلىغۇچى ئورگانغا سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش لايىھەسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش لايىھەسى قۇرۇلۇش تۈرى، دائىرىسى، مۆھلىتى، قوغداش تەدبىرى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

27-ماددا سۇلۇق يەردە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) يەر ئېچىش، تىندۇرۇش؛

(2) بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە مەزگىلدە بېلىق تۇتۇش؛

(3) بېلىق قاتارلىق سۇ جانلىقلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش يولى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مۇھىم كۆپىيىش رايونى، ياشاش ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

(4) نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان ئۇسۇلدا بېلىق ياكى باشقا سۇ جانلىقلىرىنى تۇتۇش؛

(5) زەھەرلىك، زىيانلىق نەرسە تاشلاش، قاتتىق تاشلاندۇق تۆكۈش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يۇندى قويۇپ بېرىش؛

(6) سۇ ۋە سۇ جانلىقلىرىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان خىمىيەۋى بۇيۇم تاشلاش؛

(7) سۇلۇق يەرنى بۇزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، سۇلۇق يەردە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) يىغىلغان سۇنى قويۇپ بېرىش، سۇ توسىدىغان ياكى سۇ چىقىرىدىغان ئەسلىھە قۇرۇش؛

(2) كۆلچەك كولاش، توپا، شېغىل، تاش، رۇدا، پاتقاق، چىم ئېلىش؛

(3) دەرەخ كېسىش، ياۋايى ھايۋان ئوۋلاش، ياۋا ئۆسۈملۈك يىغىش، قۇش تۇخۇمى يىغىش؛

(4) تەستىقلاتماي تۇرۇپ قىلىنغان باشقا ھەرىكەتلەر.

29-ماددا سۇلۇق يەر بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، سۇلۇق يەرنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاشقا، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رولىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

30-ماددا سۇلۇق يەردە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساياھەت پائالىيىتى قىلغاندا، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە، ياۋايى جانلىقلار تۈرىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ساياھەت پائالىيىتىدە سۇلۇق يەر مۇھىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چېكىنىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

31-ماددا بۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

32-ماددا بۇ نىزامنىڭ 27-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ھەر كىۋادرات مېتىرى ئۈچۈن بەش يۈەندىن يۇقىرى، 20 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

33-ماددا بۇ نىزامنىڭ 27-ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىن (7) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار قانۇن– نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

34-ماددا بۇ نىزامنىڭ 28-ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 28-ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

35-ماددا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

36-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

37-ماددا بۇ نىزام 2012-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#