يېمەكلىك خۇرۇچلىرى

يېمەكلىك خۇرۇچىلىرى

يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوشۇلىدىغان ماددىلار يېمەكلىك خۇرۇچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى يېمەكلىك خۇرۇچىلىرى
چەتئەلچە نامى Food Additives
خەنزۇچە نامى 食品添加剂

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېمەكلىك خۇرۇچىلىرىخەلىق ئىچىدە يېمەكلىك ھەممىدىن ئەلا دېگەن تەمسىل بار ، يېمەكلىك ئادەم ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . لېكىن پىششىقلانمىغان يېمەكلىكلەردە كۆپلىگەن مەسىلىلەر بار . مەسىلەن ، ئۇلار ئوڭايلا سېسىپ بۇزۇلۇپ قالىدۇ . تۇرلىرىمۇ كۆپ ئەمەس . ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن ، رەڭگىمۇ ياخشى ئەمەس ۋەھاكازالار ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، يېمەكلىك سانائىتىدە تەبىئىي ھەم خىمىيەلىك ماددىلارنى قوشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ، يېمەكلىكلەرنى يېڭىلاپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشۇرۇلىدۇ .

يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوشۇلىدىغان ماددىلار يېمەكلىك خۇرۇچى دەپ ئاتىلىدۇ . 

تۇرمۇشتا يېمەكلىكلەرگە قوشۇلىدىغان خۇرۇچلادىن ئايرىلالمايمىز ، يېمەكلىكلەرگە قوشۇلىدىغان خۇرۇچتىن ئايرىلىش دېگەنلىك ، ئەمەلىيەتتە زامانىۋى يېمەكلىكلەر سانائىتىدىن ئايرىلىش دېگەنلىكتۇر . 

يېمەكلىك خۇرۇچىلىرىھازىر دۆلىتىمىزدە رۇخسەت قىلىنغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرى 6 چوڭ تۈرگە 22 كىچىك تۈرگە بۆلۈنگەن ، سانى 1500 خىلدىن ئارتۇق . 

يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ . 

بىرى ، يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشۇلىدىغان خۇرۇچلار ، مەسىلەن ، تەبىئىي مېۋە - چېۋىلەردىن مېۋە قىياملىق ئىچىملىكلەرنى ئىشلىگەندە ، تېمپېراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ئارلاشتۇرۇش جەريانىدا رەڭگى ئاسانلا بۇزۇلۇپ تەمى زىيان - زەخمىگە ئۇچرايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا دورا - دەرمەك يېمەكلىكلەرگە قوشۇلىدىغان پېگىمېنىت قوشۇش ئارقىلىق رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچقىلى بولىدۇ . يېمەكلىكلەرگە تاتلىق تەم قوشىدىغان خۇرۇچلار يېمەكلىكلەرگە مۇۋاپىق تەم قوشۇشتىن باشقا ، ئۇلارنى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلمايدىغان يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرىدۇ . 

بۇنداق يېمەكلىكلەر سەمىرىپ كەتكەن ، دىئابىت كېسەللىكى بار ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ . ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرىدىغانلار ھەر خىل ۋىتامىنلار ، مىنراللار ، مىكرو مىقدارلىق ئېلىمىنىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇلار بەدەننى زۆرۈر بولغان ئېلمىنىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . 

ئىككىنىچى تۈردىكىلەر يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ، پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . مېۋە قىيامىدىن ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى قويۇقلاشتۇرغۇچى ماددىلار شۇ ئىچىملىكلەرنى قارىماققا ئەسلى ھالىتىگە يەتكۈزىدۇ ، تەمىنىمۇ ياخشىلايدۇ . نەملىك ساقلىغۇچىلار گۆشتىكى نەملىكنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېڭى پىتىچە ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

ئۈچىنچى تۈردىكىلەر ، يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ . مەسىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ ، بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلىنىش ، يۆتكىلىش جەريانىدا مىكرو ئورگانىزىملار كۆپىيىپ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .[0] 




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/93102.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#