شوركۆل ساياھەت رايونى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى شوركۆل (شى خەيۋەن) ساياھەت رايونى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 19 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە چەكسىز كەتكەن تەكلىماكان قۇملۇقى، جەنۇبتا ئىككى مىليون 400 مىڭ مو كۆلەمدىكى شاقۇ ئىپتىدائىي توغراق ئورمانلىقىغا تۇتىشىدىغان بۇلۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ يۈزى 150 كىۋادرات كىلومتىرغا يېتىدۇ. ئامبارنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى 500 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۈزلەڭلىكتىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سۇ ئامبىرىغا يېقىنلا جايدا دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىدىكى توققۇز ساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار. شوركۆل (شى خەيۋەن) ساياھەت رايونى دۆلەت سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹‹AAA دەرىجىلىك سۇ مەنزىرىسى ساياھەت رايونى›› قىلىپ بېكىتىلگەن، بۇ مەنزىرە رايونى 2000-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مەنزىرە رايونىنىڭ يول، ئالاقە، سىملىق تېلېۋىزۇر، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى تولۇق يۈرۈشلەشكەن، مەنزىرە رايونىدا سۇ ئۈستىنى سەيلە قىلىش، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، مەنزىرە رايوننى ساياھەت قىلىش قاتارلىق تۈرلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىسى، ساپ ھاۋاسى يىل بويى تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.