تونۇر كاۋىپى

تونۇر كاۋىپى
تونۇر كاۋىپى بولسا ئىككى ياشلىق پاقلان ، ئاق ئۇن ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى ، سوققان قارىمۇچ ، زەرچىۋە ، سوققان زىرە ، تۇز  قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان كاۋاپنىڭ بىر تۈرى .

ئۇيغۇرچە ئىسمى تونۇر كاۋىپى
خەنزۇچە ئىسمى 馕坑烤肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق. 

تونۇر كاۋىپى1. قوينى بوغۇزلاپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن قوينى بىر تال ياغاچقا پۈتۈنلەي تىكلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ قوينىڭ بوينى تۇرغان يېرىگە بىر تال مىخ قېقىپ قويۇلىدۇ(بۇ مىخ قوي گۆشىنىڭ ياغاچتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنى توساپ تۇرىدۇ) . 

2. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇنلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى گۆشنىڭ يۈزىگە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ. 

3. تونۇرنى ياخشى قىزىتىپ، چوغلىرىنى ئېلىۋېتىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييارلانغان پۈتۈن قوي گۆشىنى بېشىنى پەس تەرەپكە قىلىپ تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ ھىم ئېتىپ، بىر يېرىم سائەت تونۇرنىڭ ئىچىدە قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. 

گۆشنىڭ پىشقان پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ باقىدۇ. ئەگەر ياغاچنىڭ گۆشكە ئۆتكۈزۈلگەن يېرى شورغا ئوخشاش ئاق گەز باغلىغان ھەم گۆش ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەن بولسا، پىشقان ھېسابلىنىدۇ. 

قوينىڭ مۆڭگۈزىگە قىزىل لاتا، ئاغزىغا كەرەپشە چىشلىتىپ، غالتەك ھارۋا بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

پىشقان كاۋاپنى پۈتۈن ھالدا ياكى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ 105-140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#