دادائىزىم

دادائىزىم

  دادائىزىم سەنئەت ھەركىتىى 1916-يىلدىن 1923-يىل ئارلىقىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرخىل رەسساملىق سەنئىتى. دادائىزىم بىرخىل ھاكىميەت بولمىغان سەنئەت ھەركىتى، ئۇ، ئەنئەنىۋى بولغان مەدىنيەت ۋە ئېستىتىكا شەكلىنى بىكار قىلىپ ھەقىقى رېئاللىقنى تېپىشقا ئىنتىلدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى دادائىزىم
ئىنگىلىزچە نامى dadaism
خەنزۇچە نامى 达达主义
تۈرى رەسساملىق ئۇسلۇبى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دادائىزىمدادائىزىم سەنئەت ھەركىتىى 1916-يىلدىن 1923-يىل ئارلىقىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرخىل رەسساملىق سەنئىتى. دادائىزىم بىرخىل ھاكىميەت بولمىغان سەنئەت ھەركىتى، ئۇ، ئەنئەنىۋى بولغان مەدىنيەت ۋە ئېستىتىكا شەكلىنى بىكار قىلىپ ھەقىقى رېئاللىقنى تېپىشقا ئىنتىلدۇ. دادائىزىمنى بىر تۈركۈم ياش سەنئەتكارلار ئۇرۇشقا قارشى زاتلار رەھبەرلىك قىلغان. ئۇلار گۈزەللىك ئەسەرلىرىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پرولتارىيات قىممەت قارشى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا بولغان ئۈمۈدسىزلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن. دادائىزىممنىڭ باياناتچىسى چالا باياناتنامىدە دادائىزىمغا تەبىر بېرىپ مۇنداق دىگەن: «بۇ چىدىغىلى بولمايدىغان ئازاپنىڭ ئاھۇ-زارى، ئاسارەت، زىدىيەت ۋە بىمەنىلىكلەرنىڭ ئارلاشمىسى، مانا بۇ ھاياتلىق. » 

دادائىزىم 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا پەيدا بولغان پرولتارىياتنىڭ سەنئەت ئېقىمى. بىرىجى دۇنيا ئۇرىشىدا ئۇ ئالدى بىلەن شىۋىتسارىيىدە پەيدا بولغان. 1919-يىلى فىرانسىيە پارىژدا «دادا» گۇرۇھى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن دادائىزىم ئېقىمى ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن. 

     دادائىزىم بارلىق شەيئىلەرگە مەۋجۇت بولماسلىق (يوقلۇق) نەزىرىدە قارايدۇ. ئۇلار دائىم پاسكالنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. « مەن ھەتتا ئالدىمدا باشقا بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىشنىمۇ خالىمايمەن». دادائىزىمچىلارنىڭ ھەركەت مىزانى بولسا : بارلىق نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىش . 1921-يىلى پارىژدىكى بىرقىسىم سىتىيۇدېنتلار دادائىزىمغا ۋەكىلىك قىلدىغانلارنى تۇتىۋىلىپ سېينا دەرياسىغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ دادائىزىمغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. 1923-يىلى دادائىزىم ھەركىتىنىڭ بەربات بولغانلىغىنى جاكارلىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#