ئاداق ياۋا ئۆرۈكزارلىقى
ئارا تۈرۈك ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاداق يېزىسى، ئۇ تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قومۇش، ياۋا ئۆرۈكلەر كۆپ ئۆسكەچكە شۇڭا «ئاداق ياۋا ئۆرۈكزارلىقى» نامى بىلەن ئاتالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارا تۈرۈك ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاداق يېزىسى، ئۇ تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قومۇش، ياۋا ئۆرۈكلەر كۆپ ئۆسكەچكە شۇڭا «ئاداق ياۋا ئۆرۈكزارلىقى» نامى بىلەن ئاتالغان.
بۇ رايوندا تۆت پەسىل ئېقىن سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سۆگەت باراقسان، ئوت-چۆپلىرى بولۇق ئۆسىدۇ. جىلغا ئىچىدىكى ياۋا تاغ ئۆرۈكى، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان، شىددەتلىك ئېقىۋاتقان سۈزۈك ئېقىن بار بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. بولۇپمۇ بۇ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئىچىدە «يولدۆڭ» يېزىلىق ھۆكۈمەتكە 11.3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا جايلاشقان، ئېدىرلىق ئىچىدىكى بىر پارچە كىچىك ئويمانلىق، كۆلىمى تەخمىنەن 2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر كىچىك سۇ ئامبىرى بار، تۆت ئەتراپىدا يۇلغۇن، قومۇش، ئاق تىكەنلەر ئۆسكەن، كىلىماتى يېقىملىق، كىشىلەر بوش ۋاقىت بۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتۇش، گۈزەل مەنزىرلەردىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان «سۇلۇق»نىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 4 مو بولۇپ بۇ يەردە بۇلاق سۈيى بار، قومۇش، ئاق تىكەن ۋە چىنار قاتارلىق چاتقاللار قويۇق ئۆسكەن، مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، بۇ يەر يېشىل جىمجىت بولۇپلا قالماي، يەنە كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق مەنزىرىسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ كۆپىنچىسى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان، 800 نەچچە مو تېرىلغۇ يەر، نەچچە ئون مىڭ تۈپ ياۋا تاغ ئۆرۈكى دەريا ۋادىسىىغا كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياۋا ئۆرۈك، ئۆسكىنىگە 200 نەچچە يىل بولغانلىرىمۇ بار، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۆرۈك ئېچىۋېتىشتىن كۈزگىچە ئالتۇندەك مېۋىسى شاخلىرىغا ئېسىلىپ تولۇپ كېتىدۇ، ھەر يىلى زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.