يۇڭنىڭ بازىرى

يۇڭنىڭ بازىرى قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، شىمالىي تەرىپىدىكى قاراشەھەر دەرياسى بىلەن ناھىيە بازىرى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يۇڭنىڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
رايۇن نۇمۇرى 0996
خەنزۇچە ئاتىلىشى 永宁镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قارا شەھەر ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇڭنىڭ بازىرى قارا شەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، شىمالىي تەرىپىدىكى قاراشەھەر دەرياسى بىلەن ناھىيە بازىرى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىدىكى باغراش ناھىيەسىنىڭ چاغاننۇر يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيە 27-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ.  2006-يىلى بازار بويىچە 16 مىللەت بۇلۇپ، يىل ئاخىرىدىكى نوپۇسى 17826 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 13551 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %6.8، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %8.98، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45410 مو، 2006-يىلى ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 22735 مو، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن قىزىلچا، پەمىدۇر، ئاق گازىر، تاۋۇز، پىگمېنتلىق مۇچ قاتارلىقلار بار.

2006-يىلى قارىمىقىدا ئىككى مەھەللە، سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى : يوڭشىڭ يولى مەھەللىسى، نەنخې يولى مەھەللىسى، شىياچاخې كەنتى، شىنخۇ كەنتى، جيۇخاۋچۈي كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، شىنجۇخۇ كەنتى، شىداچۇ كەنتى، شاڭچاخې كەنتى، ماليەنتەن مەھەللىسى، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 13 يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق پونكىت قاتارلىقلار بار.

 يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەبلەغ توپلاپ، بۇ بازارنى چۆرىدەپ، سۇ سىڭمەس ئۆستىڭىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. لاي-لاتقا تازلىنىپ، تارماق ئېرىق-ئۆستەڭلەر چېپىلغان، سۇ ئەسلىھەلىرى رېمونت قىلىنغان، كەنت يوللىرى ئۆزگەرتىلگەن. يەنە يېڭىدىن قۇرلۇش باشلىنىپ، بازار بويىچە 125 دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيى سېلىنغان، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىشغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىلگەن، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#