بادىرەنجى بۇيا ھىندى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك بادىرىنچى بۇيىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ ئەسلى ئۆسۈملۈكى بادىرىنچى بۇيان (Melissae officinalis) دىن ئىبارەت.
بادىرىنجى بۇيا يوپۇرمىقى تەركىبىدە تەخمىنەن %0.3-0.1 ئۇچۇچـان مـاي بـار. ماينـىـڭ ئاساسلـىق تەركىبـى سىترول(Citral)، سىترونېللال (Ctronellal)، گىرانئول (Geraniol)، لىنالئول (Lina lool) بار. پۈتۈن چۆپىدە كافىي كىسلاتاسى (Caffeic acid)، ئولېئانولىس كىسلاتاسى (Oleano lie acid) ، ئۇرسولې كىسلاتاسى (Ursdic acid) قاتارلىقلار بار.
غولى تىك چاسا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 30-50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. رەڭگى توق سۆسۈن، قىسقا يۇمران، تـۈكـلـۈك، ئـۆزى يەڭـگـىـل بولـىـدۇ. سۇنـدۇرۇلـغـان يـۈزى ئـاق رەڭلـىـك كېلـىـدۇ. گۈللىرى ئاق ياكى ئاق قىزىل.
غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى، سەۋدا خىلىتنى پىشۇرۇش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سـۈرۈش، زەھـەر قايتـۇرۇش، ماددىـلارنـى تـارقىتىش، كۆڭۈلنـى ئېچـىش قاتـارلـىـق خۇسۇسىيىتى بار.
غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە يەنە پالەچ، لەقۋا، يۈرەك ئاجىزلىقى، قان بېسىم يۇقىرى بولۇشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك بىئاراملىق كېسەللىكى، باش قېيىش، سۈت بېزى ئىششىقى، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
1. بادىرىنجى بۇيا 10 گرام، ئۇستى قۇددۇس10 گرام، سۇمبۇل 10 گرام ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە نېرۋا ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بادىرىنجى بۇيا 10 گرام، چىلان15 گرام، گاۋزىبان10 گرامدىن ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
3. بادىرىنجى بۇيا، ئۇستى قۇددۇس، گاۋزىبان، لاچىن دانە، قەلەمپۇر 5 گرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ بەرسە يۈرەكنى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
4. بادىرىنجى بۇيا 200 گرام ئېلىپ 100 گرام ناۋات بىلەن قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. بادىرىنجى بۇيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىستېمال قىلسا جىگەر ئاجىزلىقى، يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. بادىرىنجى بۇيادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىدە ئېغىز چايقىسا ئېغىز پۇراش، چىش مىلىكى بوشاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. بادىرىنجى بۇيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تۇز سۈيى ياكى گىلىكوزا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا لىمفا سىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.