ئەدەبىيات ۋە دەۋرىمىز

مويەننىڭ نۇتۇقى

«ئەدەبىيات ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز» ناملىق بۇ نۇتۇق جۇڭگو لۇق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەننىڭ شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى.

ئۇيغۇرچە نامى ئەدەبىيات ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز
باشقا نامى مويەننىڭ نۇتۇقى
سۆزلىگۈچى مويەن
خەنزۇچە نامى 文学与我们的时代
باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 莫言的演讲
ئورنى شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مويەننىڭ نۇتۇقىشياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. 21 يىل ئىلگىرى، مەن جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىدا بىر ئايلىق زىيارەت ۋە ئۆگىنىشتە بولغانىدىم، زىيارەتچى ۋە ئۆگەنگۈچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، مەن ئۆگەنگىلى كەلمىگەن، ئەمەلىيەتتە ئوينىغىلى كەلگەن. ئاشۇ ئايدا، مەن ئەمەلىيەتتە ھېچنېمنى ئۆگەنمىدىم، پەقەت ھەركۈنى جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىنى ئايلىنىپلا يۈردۈم. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئايلىنىپ بولدۇم، دېسەممۇ بولىدۇ، ھەتتا كۆلچەكتىكى بېلىقلارغىمۇ نومۇر سېلىپ بولغانىدىم. ئەينى چاغدا كۆلچەكتە 62 تال بېلىق بارلىقى ئېسىمدە، مەن ھەممىسىگە نومۇر سېلىپ قويغانىدىم، بەلكىم بېلىقلارمۇ مېنى تونۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىم بۇ كونا جايغا يەنە ئوينىغىلى كېلىپ، ھېلىقى بېلىقلارغا قارىدىم، مەن ئەينى يىللىرى تونۇغان بېلىقلارغا نەزەر سالدىم، لېكىن بىرسىمۇ يوق ئىدى، نەگە كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى باردۇر. بېلىقلار بىر نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغانىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ يەنىلا ياشاۋاتقانلىقىمدىن خۇرسەن بولدۇم. 

بايا چېن پىڭيۈەن مۇئەللىم مېنى تونۇشتۇرغاندا، مېنى ئالاھىدە يېڭى مەرتىۋە بىلەن تونۇشتۇردى. بۇ ئىككى كۈندە بەزىلەر سوراشتى، بەزىلەر ھەتتا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېگەن چوڭ ئەمەلدار، چۈنكى جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا، يۇقىرى ئەمەلدارنىڭ ماشىنىسى، ئۆيى بولىدۇ، يەنە ئالاھىدە تەمىناتلاردىن بەھىرىمەن بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ئەمما بۇ مۇئاۋىن رەئىس دېگەن بۇ ئەمەل ئىسمى بار، جىسمى يوق، يەنە ئېنىق ۋەزىپىمۇ يوق، شۇڭا ھەممە ئىشلار يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا بولىدۇ، مەن ۋېلسىپىت مىنىپ كۆكتات ئالغىلى بېرىشىم كېرەك، تېخىچىلا ۋېلسىپىت مىنىپ كۆكتات ئالغىلى بېرىۋاتىمەن؛ دوختۇرخانىدا ئۆچرەتتە تۇرۇشۇم كېرەك، تېخىچىلا ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتىمەن. شۇنداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن يەنىلا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنى كۆرسە، مو مۇئاۋىن رەئىس دېيىشىدۇ، مەن بۇنىڭ ئاڭلىسام سەل بىئارام بولۇپ، كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلىدىكەنمەن. رەئىسنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، دۆلەت رەئىسىمۇ رەئىس، مەكتەپلەردىكى، ئورگانلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىمۇ رەئىس، مەندەك مۇئاۋىن رەئىسمۇ رەئىس. بىراق تۇيۇقسىزلا كىمىكى مېنى «مو رەئىس» دەپ چاقىرسا، مېنىڭ دوستۇم ئەمەسمىكىن دەپ قالىمەن، كىمىكى مېنى مو مۇئەللىم دەپ چاقىرسا، شۇنى ياخشى دوستۇم دەپ بىلىمەن، ئوقۇغۇچىلىرىم مېنى مو تاغا دېسە، ئۇلار بىلەن پىۋا ئىچىمەن. سىلەرنىڭ مېنى مو تاغا دېيىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

بۈگۈنكى تېمىمۇ ئىختىيارىي ئوتتۇرىغا چىققان، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەر مىجىت مەندىن: «نېمىنى سۆزلەيسىز» دېگىنىدە، مەن «بىلمەيمەن» دېگەنىدىم. ئۇ بىر تېما بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. مەن ېمىشقا چوقۇم تېما بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تېما بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ دېگەن ئۇلارنىڭ قائىدىسى، دېگەنىدى. مەن ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر تېما بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلگىنىمدە، ئەمىسە «ئەدەبىيات ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز» بولسۇن دېگەنىدىم. 

بۈگۈن ئاساسلىقى مۇشۇ تېمىنى چۆرىدەپ 45 مىنۇت سۆزلەيمەن، مەن تېخىمۇ ئېنىق بولسۇن ئۈچۈن، تۇيۇقسىزلا دېككىنىسنىڭ بىر بۆلۈك سۆزلىرىنى ئويلاپ قالدىم. ئەمما ئېسىمدە قالماپتۇ، تۈنۈگۈن كەچتە تورنى ئاختۇرۇپ، كۆچۈرۈپ چىقتىم. دېككىنىس ئەنگلىيەلىك يازغۇچى بولۇپ، يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇ «قوش شەھەر خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، بىر قاتار قارىمۇ-قارشى زىددىيەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزى ياشىغان دەۋرنى تەسۋىرلىگەن. مەن پەقەت ئۇنىڭدىكى «بۇ ئەڭ گۈزەل دەۋر، شۇنداقلا ئەڭ ئوسال بىر دەۋر؛ بۇ دانا يىللار، شۇنداقلا جاھالەتلىك يىللار؛ بۇ ئىشەنچ تولغان مەزگىل، شۇنداقلا قاتتىق ئەنسىزلىككە تولغان دەۋر؛ بۇ ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرغان پەسىل، شۇنداقلا زۇلمەت قاپلىغان پەسىل؛ بۇ ئۈمىدكە تولغان باھار، شۇنداقلا كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان قىش پەسلى؛ بىز جەننەتكە ئۇچۇۋاتىمىز، شۇنداقلا دوزاخقا چۈشۈپ كېتىۋاتىمىز؛ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممە نەرسە بار، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھېچنېمە يوق» دېگەن قۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانىدىم. يەنە نەچچە ئون يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بولسا كېرەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يازغۇچى ئاستافايېف «بېلىق پادىشاھ» ناملىق بىر ھېكايە يازغانىدى، بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ بىر قاتار سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئۆزى ياشىغان دەۋرنى سۈپەتلىگەن. مەن پەقەت ئۇنىڭدىكى «بۇ قۇرۇلۇش دەۋرى، شۇنداقلا ۋەيرانە يىللار، بۇ يەرگە زىرائەت تېرىيدىغان يىللار، شۇنداقلا زىرائەتلەرنى يىغىۋالىدىغان يىللار؛ بۇ پارچىلانغان يىللار، شۇنداقلا ئىتتىپاقلاشقان يىللار؛ بۇ ئۇرۇش يىللىرى، شۇنداقلا تىنچلىق يىللىرى» دېگەن قۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانىدىم. ئۇنداقتا مەن بىز ھازىرى مەنسۇپ بولغان دەۋرنى تەسۋىرلەپ باقاي دەيمەن، مەن ھەقىقەتەنمۇ بۇ دەۋرگە تېخىمۇ ماس كەلگۈدەك سۈپەت سۆزلىرىنى ئويلاپ تاپالمىدىم. 

مېنىڭچە، يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى، دېككىنىس ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى تەسۋىرلىشى بىلەن ئاستافايېفنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋرنى تەسۋىرلىشى بىزنىڭكىگە ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ. ناۋادا بىز جۇڭگونى تەسۋىرلىسەك، مېنىڭچە بىزنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ دەۋرىمىزنىڭ ھەممىلا يېرى زىددىيەت ۋە قارىمۇ-قارشىلىققا تولغانىدى، شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بۇ دەۋر ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دەۋر، بىز يەنە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بۇ دەۋر تولىمۇ قالاق بىر دەۋر؛ بىز نۇرغۇن شەھەرلەردە كۈنسايىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، شۇنداقلا نۇرغۇن جايلارنىڭ يەنە نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ بىز نۇرغۇن يېڭى بىنالارنىڭ، يېڭى قۇرۇلۇشلارنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، بىز يەنە نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرى نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى سېلىۋالغان كونا ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ بىز جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، بىز سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا  چىقاردۇق، بىز ئالەم كېمىمىز ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ، سىز يەنە نۇرغۇن جايلاردا، يېزىلاردىكى توپىلىق يوللاردا، كالىلارنىڭ ئەبجەق ھارۋىلارنى ھورۇنلارچە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ بىز نۇرغۇن جايلاردا بەدخەجلىكنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، پۇللارنى خازان كەبىي بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ بەك كۆپلۈكىدىن بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى، نائىلاج زامانىۋى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خوتۇن ئالالماي ئۆيدە يالغۇز ياستۇق قۇچاقلاپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز؛ بەزىلەر كۆپ يەۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر سېمىزلىكتىن بىزار بولۇپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئورۇقلايدۇ، بەزىلەر تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ، بەزىلەر قورساقنىڭ ئېچىقىغا پايلىماي، يول بويلىرىدا تىلەمچىلىك قىلىدۇ. ئومۇمەن، بىز بۇ جەمئىيەتتە، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا، مۇشنىڭغا ئوخشاش ناھايىتىمۇ نۇرغۇن قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. مۇشۇنداق بىر خىل ھادىسىنى تەسۋىرلەش سەل ئاسان بولسا كېرەك، ئەمما مېنىڭچە بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇشۇنداق مۇھىتتا، مۇشۇنداق دەۋردە ياشاپ، قانداقمۇ يېزىپ چىقالايمەن؟ ئەدەبىي ئەسەلەردىن پايدىلىنىپ بىز تۇرۇۋاتقان بۇ دەۋرنى قانداق ئىپادىلىسەم بولار؟ بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قىيىن تېما بولۇپ قالدى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#