جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى

جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى − تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中国农工民主党
ئاساسلىق ئەزا تىببىي دورىگەرلىك – سەھىيە ساھەسى پارىتىيىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەىجىلىك زىيالىيلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو دېھقان  ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى1927-يىلى 5-ئايدا گومىنداڭنىڭ داڭلىق سولچىسى دېڭ يەندا سۇن جۇڭشەننىڭ «روسىيە ۋە كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقان-ئىشچىلارغا يار-يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنى غۇلغۇلا قىلدى. 1930-يىلى ئۇ شاڭخەيدە ئېچىلغان 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك كادىرلار يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتىنى قۇردى، يىغىندا مەركىزىي كادىرلار ئۇيۇشمىسى سايلاندى، دېڭ يەندا ئۇنىڭغا باش مۇدىر بولدى. 1931-يىلى 11-ئايدا دېڭ يەندا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. 1935-يىلى ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتى 2-قېتىملىق كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، نامىنى جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كومىتېتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، بۇ كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا خۇاڭ چىشياڭنى سايلىدى. 1947-يىلى شاڭخەيدە ئېچىلغان 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك كادىرلار يىغىنىدا بۇ پارتىيىنىڭ نامىنى جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى، جاڭ بوجۈن مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. 1949-يىلى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەمدە «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى خەلق ھاكىمىيىتى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسى تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملەشتى؛ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، تېببىي داۋالاش، پەن-تېخنىكا بويىچە مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويدى، ئەقلىي جەھەتتە چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى؛ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، شۇنىڭدەك شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىلەن دوستلۇق-ئالاقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

دېھقان-ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 1000 دىن ئاشىدۇ، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 4000 دىن ئاشىدۇ.

ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: دېڭ يەندا، خۇاڭ چىشياڭ، جاڭ بوجۈن، پېڭ زېمىن، جى فاڭ، جۇ گۇچېڭ، لۇ جياشى، جياڭ جېڭخۇا.

جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى 1930- يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى شاڭخەيدە قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى خۇاڭ چىشياڭ، جاڭ بوجۈن قاتارلىقلار. 

جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار پارتىيسى ئالىي رەھبىرىي ئورگىنىدۇر مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنى مەركىزىي كومىتېت سايلاپ چىقىلغان. 

 مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەتتىن بۇرۇن، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 

 مەركىزى كومىتېتى دائىمى كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىدۇ، ھەمدە ئايرىم ھالدا بىردىن مەركەزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

جۇڭگو دېھقان ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى ئۇ دورىگەرلىك - ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىن پارىتىيىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەىجىلىك زىيالىيلار ئاساس قىلىش، بىر قىسىم سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەشكىل تاپقان سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاق، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىدىغان يېقىن دوستلۇق پارتىيە، ئىلغارلىق بىلەن كەڭلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشتەك كۈچ چىقىرىش ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰ م ﺋﯩﺸﻠﯩﺮ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.   

 ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، « دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش » تۈپ ئىستراتېگىيەسىنى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگونىڭ زېمىن دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللارنى ئاتالمىش « دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ». بۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىش، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا قاتتىق ئازار بېرىش، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئىنكار قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر خىرىسكە ئۇچراش. جۇڭگو ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەندى ۋە قاتتىق ئەيىبلەندى. 

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 

3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار پارتىيسى دائىرىسى تەرەققىي - دورىگەرلىك - سەھىيە ساھەسىدىكىلەر ۋە زىيالىيلار پارىتىيىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەىجىلىك ئاساس قىلىش، 

چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئاساس قىلىنىپ ئاساس مەلۇم ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولدى. ھازىر جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار پارتىيسى ئارمىيەمىز مەملىكىتىمىزنىڭ تەيۋەن، شىزاڭدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يەرلىك تەشكىلات قۇردى، پارتىيە ئەزالىرى 80 مىڭدىن ئارتۇق. 

 ئايرىم تەسىس ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان كومىتېت ئىشخانىسى، تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئورنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمى، پارتىيە تارىخى - ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ھەيئەتلىرى ۋە 6 فۇنكىسىيىلىك بۆلۈمى، ئىشخانا تەسىس قىلىندى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#