شاھ پىنگۋىن

شاھ پىنگۋىن-ئاپتېنپدىتېس پىنگۋىنى ياكى پادىشاھ پىنگۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار پىنگۋىن جەمەتى ئىچىدىكى تەن قۇرۇلۇشى ھەممدىن چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ئادەتتە بوي ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 120 سانتىمېتىرغا، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامغا يېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شاھ پىنگۋىن
ئىنگلىزچە نامى Emperor Penguin
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى پىنگۋىن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 帝企鹅
تارقالغان رايونلار جەنۇبىي قۇتۇپ
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى پىنگۋىن تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شاھ پىنگىۋىن ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاھ پىنگۋىن-ئاپتېنپدىتېس پىنگۋىنى ياكى پادىشاھ پىنگۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار پىنگۋىن جەمەتى ئىچىدىكى تەن قۇرۇلۇشى ھەممدىن چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ئادەتتە بوي ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 120 سانتىمېتىرغا، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامغا يېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ سىرتقى شەكىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇلارنىڭ بوينى ئاستىدا بىر قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك پېيى بار بولۇپ، تۆۋەنگە قاراپ تەدرىجىي سۇسلىشىپ ماڭىدۇ، قۇلىقىنىڭ كەينى تەرەپتىكى پەيلەر ئەڭ قېنىق رەڭدە بولۇپ، پۈتۈن بەدەن رەڭگى ناھايىتى ماسلاشقان بولىدۇ. بۇنداق پىنگۋىنلارنىڭ بويۇن قىسمى سۇس سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قورساق قىسمى ئاق رەڭدە، دۈمبىسى ۋە قاناتسىمان قولى قارا رەڭلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قېلىن پەيلىرىنىڭ سىرتى ئەتراپىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىنگۋىننىڭ بەدىنىنى كۆپ قەۋەتلىك ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماي ۋە پەيلەر قاپلىغان بولغاچقا، سىرتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇس بولغان ئەھۋالدا، ئۇلار تېنىدىكى 39 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىنى ساقلىيالايدۇ. گەرچە جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە ياشايدىغان شاھ پىنگۋىنلارنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزى ھەتتا ئەتراپتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

شاھ پىنگىۋىنپىنگۋىن توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، مەيلى ئوزۇقلۇق ئىزدىسۇن ياكى ئۇۋا سالسۇن، ھەممىسى يىغىلىپ توپ ھاسىل قىلىدۇ. ناچار ھاۋا رايى شارائىتىدا پىنگۋىنلار بىر يەرگە قىستىلىشىپ ئۆز ئارا بىر بىرىنى قوغدايدۇ. بىر يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا ئۇۋا رايونى ۋە دېڭىز-ئوكياندىكى ئوزۇقلۇق ئىزدەش رايونى ئارىلىقىدا جانلىنىپ كېتىدۇ. 1- ئايدىن 3- ئايغىچە، شاھ پىنگۋىنلار دېڭىز-ئوكيانلارغا تارقىلىپ ساياھەت قىلىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شاھ پىنگۋىنلارنىڭ سانى 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىدىكى 40 قا يېقىن مۇستەقىل جايغا تارقالغان.

شاھ پىنگۋىننىڭ ئاساسلىق كۈشەندىسى يىلپىزسىمان تيۇلېن ۋە يىرتقۇچ كىت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ياز پەسلىدە، شاھ پىنگۋىنلار ئاساسلىقى دېڭىزدا ياشايدۇ، ئۇلار سۇدا ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ، سۇ ئۈزىدۇ، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن  بەدىنىنى قالتىس قىلىپ چېنىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەپ-ئىچىپ ماغدۇر توپلاپ، قىش پەسلىدىكى كۆپىيىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. قىش پەسلىدە، شاھ پىنگۋىنلار ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ «شامالدايدىغان» بولۇپ، ئۇلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بولجۇڭ گۆشلىرىنى بوشىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شاھ پىنگۋىنلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەسىنىڭ تېز ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كەتكەن، بۇ ئەھۋاللار پىنگۋىنلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى قوغداشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ!!

ياشاش قانۇنىيىتى

ياشاش قانۇنىيىتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#