تازغۇن يېزىسى
تازغۇن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان. تازغۇن يېزىسى 32 مىڭ نوپۇسى بار بولغان چەت، يىراق يېزا-بازار، پۈتۈن يېزىدا 18 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۆرۈك دەرىخى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تازغۇن يېزىسىتازغۇن يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653122204، يېزىغا قاراشلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: قۇلاقلا كەنتى، سوقا بېشى كەنتى، تەتۈر كەنتى، يۇقارقىچىگە تۇغ كەنتى، تۆۋەنكى قۇلاقلا كەنتى، قارازاق كەنتى، كېرەملاڭ كەنتى، جانتۆمۈر كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، تاشچى ئېرىق كەنتى، دۆڭقىشلاق كەنتى، سىيەك كەنتى، قاشقۇرا كەنتى، قالىق كەنتى، جىگدەئېرىق كەنتى، قازما كەنتى، شەيدان كەنتى، داخات كەنتى، ئارا قولچى كەنتى، يۇقىرىقى ھويلا كەنتى قاتارلىقلار.
تازغۇن يېزىسى يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 100 مىڭ مودىن ئارتۇق سورتلۇق مېۋىلىك باغ قىلىش نىشانىنى بېكىتكەن. تازغۇن يېزىسى 18 مىڭ مو ئۆرۈكلۈك باغ دەل بۇنىڭ ئىچىدە.
يىل بېشىدا تازغۇن يېزىسى قۇرۇلۇش باغنىڭ پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆرۈك قېقى پىششىقلاپ ئىشلەش سۈپىتىدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى كەسپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، يېزا بويىچە 10000 دانە ئاپتاپقا يېيىپ گۈلە قۇرۇتۇش جازىسى ياسغان، مۆلچەرلىنىشىچە 1000 توننا گۈلە قۇرۇتۇشنى پىلانلىغان بۇلۇپ، مۇشۇ بىر تۈردىلا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمىنى 240 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
باغۋەنلەر ئەڭ زور مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېزىدا باغۋەنچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇشنى بىرلىشىپ يولغا قويغان بۇلۇپ، جەمئىيەتىنىڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.