يەشىم سالكم

يەشىم سالكىم

يەشىم سالكىم، 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان، تۈركىيە لىك كۆپ قىرلىق سەنئەتچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يەشىم سالكم
مىللىتى تۈرۈك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
يۇرتى ئىستانبۇل
كەسپى ئارتىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەشىم سالكىمتۈركىيە كىنو چولپىنى يەشىم سالكىم، 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىپ چوڭ بولغان. يەشىم سالكىم 6 ياش ۋاقتىدا «مۆكۈشمەك گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە رەسىملىك ھېكايە خانىشى بولۇپ تاللانغان. يەشىم سالكىم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «ھوزۇر كوچىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول فەيزا شاھماراننىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئەمەل خاراكتېرىنى يارىتىپ، تالاغا قارىغان ئايالنىڭ سەلبىي ئوبرازىنى جانلاندۇرغان. ئۇنىڭ ئاشنىسى كېرىمنىڭ رولىنى ئالغان خاقان ئەراتىك بولسا ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئېرى.

يەشىم سالكىممۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقى ۋە تالانتى بىلەن دىققەت تارتىدىغان يەشىم سالكىم، ئالىي مەكتەپتىكى مائارىپ تەربىيىسىنى مۇزىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئىستانبۇل شەھەرلىك مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا كىلاسسىك تۈرك سەنئەت مۇزىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1993-يىلى «پەقەت كەيپىم يوق» ناملىق تۇنجى پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.

بۇ پىلاستىنكىسى بىلەن بىللە تۈركىيە ناخشا-مۇزىكا دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان يەشىم سالكىم قىسقا ۋاقىتتا تۈرك مودا ئېقىم ناخشا-مۇزىكا ساھاسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈلگەنلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. تۇنجى پىلاستىنكىسىدا قولغان كەلتۈرگەن غەلبىسىنى كېيىن چىقارغان پىلاستىنكىلىرى ۋە mv لىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىسپاتلىغان داڭلىق ناخشىچى تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىچىلىرى ئارىسىدا داۋام ئورۇن ئېلىشنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھەم ئاۋازى، ھەمدە سەھنىدە رول ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن يەشىم سالكىم، نۇرغۇن گېزىت-ژۇرنال ۋە خەۋەر توربەتلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىرىلغان. 

پەقەت ئاۋازى بىلەن ئەمەس، گۈزەللىكى ۋە مودېللىق تالانتى بىلەنمۇ چاقنىغان چولپان، نۇرغۇنلىغان مودېللىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

ناخشا-مۇزىكىدىكى غەلبىسىنى ئىسپاتلىغان يەشىم سالكىم، 1997-يىلى تۇنجى ئارتىسلىق ھاياتىنى «قاراقچى»فىلىمىدە باش رول ئېلىش بىلەن باشلىغان. باھالىغۇچىلار يەشىم سالكىمنىڭ بۇ رول ئېلىشنى ناھايىتى ياقتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى تۈرك فىلىمى بولغان «قاراقچى» نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئىزدەپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان.

يەشىم سالكىمنىڭ كىنو ۋە ئارتىسلىق كەسپىي ھاياتى 2001-يىلىدىكى «ناخشىچى» ناملىق فىلىمدىكى باش رولى بىلەن تۈرك كىنوچىلىقىدىكى ئوسكار مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان «ئالتۇن ئاپلىسىن مۇكاپاتى» نى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان.

يەشىم سالكىم ھەم گۈزەللىكى، ھەم چىرايلىق ئاۋازى ھەمدە ئارتىسلىق تالانتى بىلەن كۆپ ئىقتىدارلىق بىر سەنئەتچى بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىنى ھەم ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن يەشىم سالكىم كىنوچىلىق ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ كىشىنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان ئىسىملاردىن بىرى بولغان. ھازىرغىچە چىقارغان 13 پىلاستىنكىسىدا جەمئىي 129 ناخشا ئېيتقان يەشىم سالكىم، بۇلارنىڭ 29نىڭ mv سىنى ئىشلىگەن. ئۈچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، جەمئىي 7 فىلىمدە رول ئالغان.

يەشىم سالكىم قىلغان خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى ۋە تېخىمۇ ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#