كەپتەر
كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈز نەچچە خىلغا يىتىدىغان قۇشلار تۈرىنىڭ ئورتاق قوللىنىشى. كەپتەر ۋە ئىنسانلار ھەمراھلىقى مىڭ نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كەپتەر
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى
ئۇرۇقداشلىرى كەپتەر ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 鸽子
تەۋەلىكى ھايۋانات دۇنياسى
تۈرى كەپتەرسىمانلار ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەپتەر  كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈز نەچچە خىلغا يىتىدىغان قۇشلار تۈرىنىڭ ئورتاق قوللىنىشى. بىز ئادەتتە دەۋاتقان كەپتەر پەقەت كەپتەر ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىر خىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كەپتىرى، ئۆي كەپتىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسا، پوچتا كەپتىرى، ئاساسلىقى ئالاقە بىلەن رىقابەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. كەپتەر ۋە ئىنسانلار ھەمراھلىقى  مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر خىل ماھىرلىق بىلەن ئۇچىدىغان قۇش، نازۇك، تۈرى ناھايىتى كۆپ، پەيلىرنىڭ رەڭگى كۆپ خىل، ئاساسلىقى دانلىق   يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. 

كەپتەر  ھەممىمىزگە مەلۇم، كەپتەر ئەڭ ئاسان ئېزىپ قالمايدىغان قۇش، مەيلى سىز ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇپ بېرىڭ، ھەتتا ئۆيىڭىزدىن نەچچە مىڭ مېتىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بوران-يامغۇرغا قارىماي ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. كەپتەرلەر ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپقاندىن باشقا، يەنە قۇياش نۇرى ئارقىلىقمۇ يول تاپالايدۇ. كەپتەرنىڭ بەدىنىدىكى «بىئوسائەت» قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ توغرىلىنىپ يۆنىلىشنى تاللىيالايدۇ، ئاسمان بوشلۇقىنى قېلىن قارا بۇلۇت قاپلاپ كەتمىسىلا، كەپتەر قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنالايدۇ. 

كەپتەركەپتەرنىڭ ئاسان ئېزىپ قالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ نىشاننى پەرق ئېتىش جەھەتتە كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. ھاۋا بۇلۇتلىنىپ يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كەپتەر قۇياشنىڭ ئورنىنى بىلىشكە ئامالسىز قالغاندا، يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپالايدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار يېقىندا كەپتەرنىڭ پۇراقتىن پايدىلىنىپ، قايتىپ كېلىش يولىنى تاپالايدىغانلىقىنى بايقىغان.

كەپتەر ياۋا كەپتەر، ئۆي كەپتىرى، جىنس كەپتىرى، قار كەپتەر، ياۋرۇپا كەپتەر، چىپار كەپتەر، پاختەك، كەپتەر قۇشقىچى، پوچتا كەپتىرى،

ھەربىي كەپتەر، مۇسابىقە كەپتەر، ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك كەپتەر، ئۇزۇن مۇساپىلىق كەپتەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك كەپتەر، توخۇ تىپىدىكى كەپتەر، مەيدان كەپتىرى قاتارلىقلار.     

كەپتەركەپتەرنىڭ يول تونۇيالىشىدىكى سىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مونەكتە. بۇ مونەكتە خاسىيەتلىك بىر «تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى» بار. ئۇ يەر شارنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ «قۇرۇلما» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار كەپتەرنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇشىغا كاشىلا قىلماقچى بولۇپ، بەش كەپتەرنىڭ قانىتىغا كىچىككىنە ماگنىت ئورنىتىپ قويغان، نەتىجىدە بۇ بەش كەپتەرنىڭ پەقەت بىرىلا ماكانىغا قايتىپ كېلەلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (11 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    54.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    9.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    9.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    9.1%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    18.2%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#