ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى

ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى

ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يۇلى ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئامېركىلىق يازغۇچى جوئې كاربو. بۇ كىتاب ئامېركىنىڭ ئۆزىدىلا 4167500 پارچە سېتىلغان. ئادەم ئۆمىرىدە بىر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتاب.

كىتاب ئىسمى ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى
تەرجىمە قىلغۇچى مۇنارجان توختاخۇن
نەشرى 2004-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2004-يىلى 4-ئاي
ئاپتورى جوئې كاربو (ئامېرىكا)
نەشرىيات شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ISBN 9787228086917

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى«ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى» ناملىق بۇ كىتابنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم «مەن ھۇرۇن ئەمەس، شۇڭا بۇ كىتابنى ئۇقىمىساممۇ بولىدۇ» ۋە ياكى «ھۇرۇن ئادەم قانداقمۇ باي بولالىسۇن ؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.توغرا، سىز ھۇرۇن ئەمەس. چۈنكى، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىنىم تاپماي ئىشلىيەلەيسىز، بىراق سىز بۇ كىتابتا ئېيتىلغاندەك ئىقتىسادىي جەھەتتە شۇنچىۋالا بايمۇ؟ ئەگەر سىز بۇ نوقتىغا قىزىقسىڭىز، ئۇنداقتا، «تىرىشچانلارنىڭ بېيىش يۇلى» دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

دىنامىكىلىق پىسخولوگىيە نەزەرىيىسى سىزنى ئۆزىڭىز دۇنيادا ئېرىششنى خالىغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

«ھەقىقىي ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىققان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.»

1-باھا

11 يىل ئىلگىرى، مېنىڭ ئەھۋالىم ۋەيران بولغانلارنىڭكىدىنمۇ پاجىئەلىك ئىدى-50 مىڭ دوللاردىن ئوشۇق قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدىم، ئىلكىمدە قالغان بىردىنبىر دۇنيارىم ئايالىم بىلەن سەككىز بالا بولدى. بىز بىر كونا ئۆينى ئىجارە ئالدۇق، ئۆينىڭ ئەتراپى خارابىلىك ئىدى. قولىمىزدا بارى بەش يىل ئىشلەتكەن، شالاقلاپ قالغان ئەبجەق ماشىنا ئىدى.

 بانكىدا بار-يۇقى يۈز -ئىككى يۈز دوللار پۇلىمىز ئىدى. لېكىن مەن بۇ كىتابتا سۆزلەنگەن باي بولۇش يولىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدىلا ئەھۋالىمدا چوڭ ياخشىلىنىش بولدى: مەن بىر قەرىز قايتۇرۇش لاھىيەسى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ لاھىيە بولغاچقا قەرز ئىگىلىرى ئىلگىرىكىدەك قەرز سۈيلەپ ئۆيۈمگە كەلمەيدىغان بولدى !مەن تۇندېربىرد ماركىلىق يىڭى ماشىنىغا 

ئېرىشتىم، بۇ ماشىنىنى تېخى بىر ماشىنا سودىگىرى سوۋغات قىلدى. بانكىدىكى پۇلىمىز ئون ھەسسە كۆپەيدى! مۇشۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى 30 كۈن ئىچىدە كۆرۈلدى. بۇ پەقەت بىر كىچىككىنە ياخشى باشلىنىش!

2-باھا

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قولىڭىزدىكى بۇ ئەڭگۈشتەر كىتابنى مەن ئۇقۇشتىن ئىلگىرى بانكا ۋە شەخسلەرگە 500 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغلۇپ كەتكەن، ھەتتا قەرزنىڭ دەستىدىن ئۈچ بالامنىڭ بىرەرىنىمۇ مەكتەپتە ئۇقۇتالمىغان، كاللامغا ھەرخىل خىياللار كېچىپ باشقا جايغا كەتمەكچى بولغان بىر ئىنسان ئىدىم.

كىچىككىنە روزغارىمغا يوپۇرلۇپ كەلگەن ۋاقىتسىز غەم-قايغۇ، يەلكەمنى كېچە-كۈندۈز بېسىپ تۇرغان قەرزنى قايتۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە بالىلىرىم بىلەن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، تالاي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساممۇ ئاخىرى قىلغان ئىشلىرىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش ئەھۋالىم بارغانسېرى يامانلاشقان، ئۆزۈم تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، كۆڭلۈم ھېچنېمىگە تارتمايدىغان، ھېچ ئىش خۇشياقمايدىغان، ھە دېسىلا ھاراق ئىچىپ دەردىمنى چىقىردىغان كۈنگە قالغان ئىدىم بۇ مەزگىلدە كاللامدا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ پۇل تېپىش ئارقىلىق مېنى كېچە-كۈندۈز ئارامىمدا قويمىغان قەرزىمنى قايتۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئوڭشاشنىڭ ھېچقانداق يېڭى پىلانى يوق ئىدى.

ئىشقىلىپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا يۈرگەنىدىم... ئاخىرى تەلىيىمگە ماڭا ئامەت قۇچىقىنى ئاچتىمۇ، 2004-يىلى 5-ئايدا قىزىمنىڭ «ھۇرۇنلارنىڭ بېيىش يولى» دېگەن كىتابىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم ۋە قولۇمغا ئېلىپ بىر قۇر ۋاراقلاپ كۆزۈم توساتتىن «دىنامىلىق پىسخولوگىيە نەزەرىيەسى سىزنى دۇنيادا ئېرىشىشنى خالىغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشتۈرىدۇ دىگەن قۇرلارغا چۈشۈپ قالدى-دە، كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى! زېھنىمنى يىغىپ كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم، ئوقۇغانسېرى مېڭەم سەگەكلىشىپ، گۇيا يېپيېڭى تۇرمۇش يولىغا ئېرىشكەندەك بولدۇم.

«دىنامىلىق پىسخولوگىيە نەزەرىيەسى سىز كونكرېت نىشان بەلگىلىگەندە، سىگە چوڭ ياردەم قىلىدۇ». ئاخىر مەن غەيرەتكە كېلىپ تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى-مەنىۋى ۋە ماددى نەرسىلەر تىزىملىكىنى تۇرزۇغۇپ، بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى بېكىتتىم.

«ھەقىقىي ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىققان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.» شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ يېڭى بىر ئىناق، باياشات، گۈزەل ئائىلە تۇرمۇشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ماڭىدىغان داغدام يول ماڭا كەڭ قۇچاق ئاچتى، ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نىشانىم ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان كونكرېت پىلانىم بار بولدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى مەندە تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە ئۆزۈمگە نىسبەتەن زور ئىشەنىچ پەيدا بولدى.ئاخىرى ئەقىل تاپتىم، ئۆزۈمنى توختاتتىم. دەرۋەقە بۇرۇنقىدەك قارا كۈچۈمگە تايىنىپ پىلانسىز، نىشانسىز ئىشلەيدىغان ئەمەس، بەلكى ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ھازىرنى، كەلگۈسىنى كۆزلەپ نىشانلىق ئىش كۈرۈشكە ئاتلاندىم...

نەق گەپكە كەلسەم، مانا ئەمدى يەلكەمنى بېسىپ، قەددىمنى يادەك ئىگىلدۈرگەن 500 مىڭ يۈەن قەرزنى پاك-پاكىز قايتۇرۇپ بولدۇم، ھازىر 300 مو يەردە 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەل-دەرىخىم بار، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ۋە ئائىلە ساياھىتى كەسپى بىر گەۋدىلەشكەن كىچىك بىر ئۇنىۋېرسال مەيدانىم بارلىققا كەلدى. غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي يېزىسى دىن نۇرئەلى تۆمۈر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى

http://yanghin.net/index.php?D=red&id=255

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#