لاڭ شيەنپىڭ

لاڭ شيەنپىڭ

دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەنپىڭ 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو تەيۋەن نىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پىروفېسسورى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاڭ شيەنپىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى تەيۋەن تاۋيۈەن ناھىيەسى
كەسپى ئىقتىسادشۇناس، دۇنيا پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور، ناتىق
ئۇنۋانى دوكتۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 郎咸平
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى تەيۋەن دوڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىنگلىزچە نامى Larry H.P. Lang

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاڭ شيەنپىڭلاڭ شيەنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان دۇنيا پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور، ناتىق بولۇپ 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو تەيۋەن نىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.

2001-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتى مەسلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان.

لاڭ شيەنپىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن داڭلىق سودا ئىنىستىتۇتلىرىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوھىئو ئۇنىۋېرسىتېتى، نيويورك ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار، ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پىروفېسسورى.

لاڭ شيەنپىڭ1974-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە تەيۋەن دوڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادس فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇغان. 

1980-يىلى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىسىتىرى بولغان، ماگىستىرلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، يەنە مۇخبىر بولغان. 

1983-يىلى ئاپىسىنىڭ ئىشەنچى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پۇل مۇئامىلە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 

1985-يىلى ئۇ پۇل مۇئامىلە كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن پەقەت يېرىم يىلدىلا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ تاماملىغان ھەمدە ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالە ئوقۇش، مۇنازىرە قىلىشتا لاياقەتلىك بولغان. (ئادەتتە بۇنىڭغا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت كېتەتتى، تەڭدىن تولا كىشى شاللىنىپ كېتەتتى.)

1986-يىلى پۇل مۇئامىلە كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشىكەن. 

1986-يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پۇل مۇئامىلە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

لاڭ شيەنپىڭ«لاڭ شيەنپىڭ پاراڭلىرى» ناملىق پىروگرامما 2008-يىلى 1-ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پىروگراممىدا پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر بويىچە پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىدىيەسىنى تولۇق ئېچىپ بېرىپ، بازارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ پىروگرامما 100 ساندىن كۆپرەك ئىشلىنىپ، 2011-يىلى ئىشلىنىشتىن توختىغان. بۇ پىروگرامما 2008-يىلى 1-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 60 تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ئۇدا كۆرسىتىلگەندىن بۇيان، كۆرۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مالىيە قانىلى، گۇاڭدۇڭ جەنۇب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى، جېجياڭ ئىقتىساد تېلېۋىزىيەسى، جىلىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۇرمۇش قانىلى، شەنشى تەييۈەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋام قانىلى، سىچۈەن چېڭدۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى قاتارلىقلاردىكى كۆرۈنۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. 

لاڭ شيەنپىڭ 2009-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى ۋە گۇاڭدۇڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىنىڭ «مالىيە كۆزنىكى» پىروگراممىسىدا ئاساسلىق لېكتور مېھمان بولۇشقا باشلىغان، بۇ پىروگراممىدا ھەر ساندا يەنە باشقا بىر ئەزىز مېھمان تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ پىروگرامما گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2009-يىلى 6-ئايدا يولغا قويغان لاڭ شيەنپىڭنىڭ ئۇسلۇبىدىكى پاراڭلىشىش شەكلىدىكى ئاخبارات ئوبزورچە پىروگراممىسى بولۇپ، ئۈچ ئەزىز مېھمان سۆھبەتلەشكەن.

لاڭ شيەنپىڭلاڭ شيەنپىڭ 2011-يىلىدىن باشلاپ نىڭشيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سودا شىفىرى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ئاساسلىق لېكتورى بولغان.

لاڭ شيەنپىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەرپلەشكە ئەرزىيدىغان ئىقتىسادشۇناس ۋە پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق نەزەرىيەلىرى، نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە تەھلىللىرى ئاساسىدا بىر تۈركۈم دەۋرچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بىز تۇرمۇشتا نېمىشقا ئامالسىز قالىمىز؟»، «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگودا (1)»، «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگودا (2)»، «باشقۇرۇش»، «رەتكە سېلىش»، «مەشغۇلات»، «تەپەككۇر»، «ئۆرنەك»، «فانتازىيە»، «ئەندىزە»، «مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش»، «ئىختىلاپ رايونى»، «جۇڭگوچە MBO»، «ماھىيەت (1)»، «ماھىيەت (2)»، «ماھىيەت (3)»، «جۇڭگو ئىقتىسادى ئەڭ خەتەرلىك چېگراغا كېلىپ قالدى»، «كىم جۇڭگو ئىقتىسادىنى قەستلەۋاتىدۇ» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

لاڭ شيەنپىڭنىڭ «بىز تۇرمۇشتا نېمىشقا ئامالسىز قالىمىز؟»، «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگودا (1)»، «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگودا (2)»، «باشقۇرۇش»، «رەتكە سېلىش»، «مەشغۇلات»، «تەپەككۇر»، «ئۆرنەك»، «فانتازىيە»، «ئەندىزە»، «مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش»، «ئىختىلاپ رايونى»، «جۇڭگوچە MBO»، «ماھىيەت (1)»، «ماھىيەت (2)»، «ماھىيەت (3)»، «جۇڭگو ئىقتىسادى ئەڭ خەتەرلىك چېگراغا كېلىپ قالدى»، «كىم جۇڭگو ئىقتىسادىنى قەستلەۋاتىدۇ» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

لاڭ شيەنپىڭلاڭ شيەنپىڭنى دۇنيادىكى ئەڭ جانلىق ئوتتۇرا ياش مالىيە، پۇل مۇئامىلە ئالىملىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىلمى نەزەرىيەسى، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە مەسىلىلىرى بويىچە كەم تېپىلىدىغان مۇتەخەسسىس. ئۇ ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاساسلىقى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ پاي بازىرىغا قاراتقان بولۇپ، بىر قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ساغلام جۇڭگو پاي بازىرى بەرپا قىلىش يولىدا ئالدىراش يۈرگەن. ھەتتا تۈرلۈك مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىنمۇ قورقمىغان. ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مەردانىلىكى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. 

لاڭ شيەنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇپەسسەل قاراشلار دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، سېتىلىش تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەرقايسى مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ لاڭ شيەنپىڭنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىلمىي پىكىرلىرى پۇل مۇئامىلە، پاي چېكى بازىرىنى قىممەتلىك ئوبيېكتىپ تەھلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن.

لاڭ شيەنپىڭ كېيىن ئامېرىكىدىكى ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوھىئو ئۇنىۋېرسىتېتى، نيويورك ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئىنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان، يەنە دۇنيا بانكىسى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بولغان.

1987-يىلى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياردەمچى پىروفېسسور بولغان. 

1988-يىلى ئوھىئو ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتىكى ياردەمچى پىروفېسسور بولغان.

1989-يىلى ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتارىدىكى سودا ئىنىستىتۇتى ــ نيويورك ئۇنىۋېرسىتېتى ستېرن سودا ئىنىستىتۇتىدا ياردەمچى پىروفېسسور بولغان، 1993-يىلى دوتسېنت بولغان ھەمدە ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. 

1994-يىلى ئۇ شياڭگاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بولغان. 

1994-يىلى ئۇ يەنە شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورلۇقىنى قوبۇل قىلغان، 1997-يىلى ئۇ 1-تۈركۈمدىكى ئىجرائىيە لېكسىيە سۆزلىگۈچى پىروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن، ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى. 

1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، ئۇ «نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇپاكاتىنىڭ بۆشۈكى» دەپ نام ئالغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ زىيارەتتىكى پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. يەنە دۇنيا بانكىسى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئىسلاھات-باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بولغان.

2003-يىلى 6-ئايدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ ھەل قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە چەت ئەلدىكى يىن روڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، «مۇستەقلىل 3-تەرەپ»لىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۈنسايىن گەۋدىلنىۋاتقان پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ زىددىيىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدەنگەن. 

2004-يىلى لاڭ شيەنپىڭ شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-مالىيە-ئىقتىساد قانىلىدا «مالىيە-ئىقتىساد ئوبزورى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، زور تەسىر قوزغىغان. 

2004-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «گرېنكول: دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىدىن چېكىنىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادقا يۈرۈش قىلىش تەنتەنىسىدىكى خۇشاللىق» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. 

2010-يىلى 12-ئايدا، شى خەنبىڭ، يۈ جيەنرۇڭ، دەي شۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 300 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنىڭ باھالىشى، بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق «2010-يىللىق جۇڭگو ئىنتېرنېتدىكى توققۇز چوڭ نامدار شەخسنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان. 

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى لاڭ شيەنپىڭ تۆت مىليون 850 مىڭ يۈەنلىك يىللىق كىرىم بىلەن «يازغۇچى بايلار تىزىملىكى»دە 9-ئورۇندا تۇرغان. 

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، لاڭ شيەنپىڭ 2014-يىللىق ئىقتىساد لېكسىيەسى CBP مەركىزىي سودا باغچىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن.

1996-يىلىدىن ئىلگىرى لاڭ شيەنپىڭ ئاساسلىقى بىر قىسىم ئاساسىي نەزەرىيە ۋە ئامېرىكا بازارلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

1997-يىلىدىن كېيىن ئۇ تەتقىقات نۇقتىسى ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا يۆتكەلگەن، دۇنيا بانكىسىدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر يۈرۈش ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى كەڭ تۈردە ئېتىراپ قىلىنغان.

لاڭ شيەنپىڭمۇشۇنداق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە يارىشا ئۇ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ دۇنيا بانكىسى ۋە OECD نىڭ كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بولغان، ئۇنىڭ نەزەرىيەلىرى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى «ئىقتىسادشۇناسلار»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «نيويورك ۋاقىت گېزىتى»، «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/5424.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#