دېڭىز-ئوكياننىڭ نېفىت بىلەن ئەڭ زور بۇلغىنىش ۋەقەسى

مۆلچەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ھەريىلى دېڭىز قاتنىشى ۋە كېمە ۋەقەسى سەۋەبلىك دېڭىز-ئوكيانلارغا تۆكۈلىدىغان نېفىت تەخمىنەن 1-1.5 مىليۇن توننىغا يېتىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ماي پاراخۇتى ۋەقەسى بىلەن دېڭىزغا تۆكۈلىدىغان نېفىت 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ.

ۋاقتى 1978-يىلى مارت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1978-يىلى مارتتا «ئامۇرگۇ كاردىتس» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخۇتى ئېران-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك خام نېفىتىنى قاچىلاپ ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىن گوللاندىيىنىڭ روتتېردام دېگەن يېرىگە كېتىۋاتقاندا، فرانسىينىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى برىست دېڭىز رايونىدا خادا تاشقا سوقۇلۇپ ۋەقە يۈز بېرىدۇ. پاراخوتتىكى 220 مىڭ توننا خام نېفىتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېڭىزغا تۆكۈلۈپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ھېسابلانغان نېفىت بىلەن بۇلغىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ.

ئېمۇلسىيىلەشكەن خام نېفىت دېڭىز يۈزىدە بىر قەۋەت قوڭۇر يېپىنچا ھاسىل قىلىدۇ. دېڭىز ساھىلىدىكى خادا تاشلار خۇددى شاكىلاتقا ئوخشاپ كېتىدۇ. دېڭىز بويىدىكى ھاياتلىق زەھەر قالدۇقلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ. مۇلى قۇلۇلىسى يىغىدىغانلار بىر قانچە يىلغىچە كەسىپسىز قالىدۇ. دېڭىز بويىدىكى بېلىقچىلىق ئاز دېگەندە بىر يىلغىچە ۋەيران بولىدۇ. ساياھەت پەسلىدە ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 40% كېمىيىدۇ. تېخىمۇ زور ئاپەت شۇ بولدىكى، ئېكولوگىيىلىك سېستىما بۇزۇلىدۇ. سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ياشىغۇچلار، دېڭىز ئوتلىرى سازاڭلار، قىسقۇچ پاقىلار، يۇمشاق تەنلىكلەر ئۆلىدۇ. بۇلارنى يەيدىغان بېلىقلار ۋە قۇشلارمۇ ئۇنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: دېڭىز بويىدا ياشايدىغان غار-غار ئۆدەك، بېلىقچى قۇش، دېڭىز قۇشقىچى قاتارلىقلاردىن 15000-20000ى ئۆلگەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. دېڭىز-ئوكياننىڭ مۇشۇ قېتىم نېفىت بىلەن بۇلغىنىشى سەۋەبلىك فرانسىيە مورلېي بوغۇزىدا 9000 توننا مولى قۇلۇلىسى ئۆلگەن، ھۆكۈمەت بۇلغانغان بۇ مولى قۇلۇلىرىنى يېيىش ئۈچۈن سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ماي پاراخۇتى ۋەقەسى يۈز بەرگەن دەسلەپكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە غەرب ۋە غەربىي شىمال شامىلى كۈچىيىپ، دېڭىز-ئوكياندىكى قېلىن نېفىت قاتلىمىبى برېتاگىنى ساھىلىنى بويلاپ شەرقتە موگىلى بۇغۇزىغىچە ئېلىپ بېرىپ، تەخمىنەن 4300 كىۋادىرات كىلومېتىر ئوشۇق سۇ يۈزىنى سىلىق قوڭۇر نېفىت قاتلىمى بىلەن قاپلىغان.

تېخىمۇ ئېغىرى شۇ بولغانكى، خام نېفىتنىڭ زەھىرىنىڭ قالدۇقى دېڭىزنىڭ تېيىز يەرلىرىنىڭ ئاستىدا بىرنەچچە يىل ساقلىنىدۇ. مەسىلەن : 1967-يىلى «توررې بايۇڭ» ناملىق ماي پاراخۇتى ھادىسىگە ئۇچرىغاندا دېڭىزغا تۆكۈلگەن نېفىتنىڭ زەھىرى ئالىملار 1978-يىلى ئەتىيازدا قولتۇقنىڭ تېگىدىكى لاينى تەكشۈرگەندە يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. نېفىت زەھىرىنىڭ بۇنداق قالدۇقى جانۋارلارنىڭ شۇ جايغا قايتا كۆچۈپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا خام نېفىت بىلەن بۇلغانغان رايوندا ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشى ئۈچۈن تەخمىنەن بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

«ئامۇرگو كاردىتىس» ناملىق ماي پاراخۇتىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، فرانسىيە ھۆكۈمىتى، بىر تەرەپتىن يول تۈزەش ماشىنسىنى ئىجارىگە بېرىپ پاتقاقلىقنىڭ يۇقۇرى قەۋىتىدىكى مايلىق پاتقاقنى ئالدۇرۇۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، سۈيى چوڭقۇر جايلاردا بورنى ۋە ماي تارقىتىۋاتكۈچىنى ئىشلىتىپ، سۇدىكى نېفىتنى بىر تەرەپ قىلغان. ئامېرىكا سودا-تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سۇدىن تەخمىنەن يەتتە توننا نېفىت تازلىنىۋېلىنغان. (خۈي خۇالۈن)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#