غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى›» (2008–يىل 1–ئاينىڭ 5–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قۇيۇلغان).

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى
مەزمۇنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区非物质文化遗产保护条例
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى›» (2008–يىل 1–ئاينىڭ 5–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قۇيۇلغان).

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە مەدەنىيەت ماكانىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئاغزاكى ئەنئەنە، جۈملىدىن مەدەنىيەت ۋاسىتىسى بولغان تىل؛

(2) ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئەلئارا گۈزەل سەنئەت؛

(3) ئەنئەنىۋى مۇراسىم، ھېيت-بايرام، تەبرىكلەش مۇراسىمى شۇنداقلا ماھارەت، ئويۇن قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتى؛

(4) ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتى؛

(5) تەبىئەت دۇنياسىغا ۋە ئالەمگە ئالاقىدار ئەلئارا ئەنئەنىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىيەت؛

(6) ئالدىنقى بەش تۈرگە ئالاقىدار ماتېرىيال، نەرسە ۋە سورۇن؛

(7) قوغدىلىدىغان باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى.

4-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈش، قەدەممۇقەدەم يولغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش، چىن ۋە مۇكەممەل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بۇرمىلاش ۋە كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشىنى خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، رەھبەرلىك قىلىش-ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ تەرەققىيات، ئىسلاھات، مالىيە، مىللەت-دىن، ئىقتىساد-سودا، قۇرۇلۇش، مائارىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات، ساياھەت، تەنتەربىيە ۋە تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

7-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

8-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2-باب قوغداش

9-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)گە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنىڭ تۈرى، سانى، جايلىشىش، قوغدىلىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، يېزىق، ئۈن-سىن، رەقەملىك ۋاسىتە قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقىقىي، سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق خاتىرىلىشى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك.

11-ماددا خەۋپ ئاستىدا قالغان مۇھىم قىممەتكە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغاندا ياكى باشقا يوللار بىلەن بايقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن قوغداش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەخسۇس قوغداش پىلانىنى سۇنۇشى كېرەك.

12-ماددا ئاپتونوم رايون غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرى كاتولىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى دەرىجە بويىچە قوغدايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرى كاتولىكىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالايدۇ ھەم ئالاقىدار تارماق، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جامائەتنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرىنى باھالاش ۋە قوغداش چارىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىدۇ ھەم ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

13-ماددا تىپىك ئەسەر كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەدبىرى ۋە قوغداش ئورنىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ ھەم تىپىك ۋارىس ياكى تىپىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇنغا پىلانلىق ماددىي ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق پائالىيىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

14-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرىنى قوغدىغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) شۇ تۈرنىڭ تىپىك ۋارىسى ياكى مۇكەممەلرەك ماتېرىيالى بولۇش؛

(2) شۇ تۈرنى قوغداش پىلانىنى يولغا قويۇش ئىقتىدارى بولۇش؛

(3) ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە كۆرسىتىدىغان سورۇنى ۋە شارائىتى بولۇش.

15-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرىنى قوغدىغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) شۇ تۈرگە ئالاقىدار نەرسە ۋە ماتېرىيالنى ئەتراپلىق توپلاش ھەم تىزىملاش، رەتلەش، ئارخىپلاشتۇرۇش؛

(2) شۇ تۈرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىش؛

(3) شۇ تۈرگە ئالاقىدار مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى قوغداش؛

(4) شۇ تۈرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش؛

(5) شۇ تۈرنى قوغداشقا مەسئۇل مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئۇنى قوغداش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش ھەم ئۇنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش.

16-ماددا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تىپىك ئەسەر كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن زور تارىخىي قىممەتكە، مەدەنىيەت قىممىتىگە ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

17-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرى كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن، خەۋپ ئاستىدا قالغان تۈرلەرنىڭ تىزىملىكىنى شۇ تىپىك ئەسەر كاتولىكىنى بېكىتىپ ئېلان قىلغان خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەم مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك قوغدىشى كېرەك.

قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن قوغداش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تىپىك ۋارىسلىرىدىن ئالاھىدە ئەنئەنىۋى ماھارەتنى ئىگىلىگەن، ياشىنىپ قالغانلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى خاتىرىلەپ رەتلەش ۋە ساقلاش؛ يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان نەرسە، ماتېرىيال ۋە سورۇنلارنى توپلاش، يىغىش، ساقلاش ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

18-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىمارەت، سورۇن، خارابە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچىلىرىنى قوغداش دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىپ، بەلگە چۈشەندۈرمىسى ئورنىتىدۇ، مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزىدۇ ھەم شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قوغدايدۇ.

بەلگە چۈشەندۈرمىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان تىپىك ئەسەرنىڭ نامى، دەرىجىسى، قوغدىلىش دائىرىسى، قىسقىچە تونۇشتۇرمىسى، ئېلان قىلغۇچى ئورگان، ئېلان قىلىنغان ۋاقتى، بەلگە ئورناتقۇچى ئورگان، بەلگە ئورناتقان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان، روشەن ئالاھىدىلىكى، كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان مۇئەييەن رايونلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش كېرەك.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش شەرتى، تەرتىپى ۋە قوغداش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم چىقىرىدۇ.

20-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ھەم كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان رايونلارغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىپ نام بېرىدۇ.

3-باب ۋارىسلىق قىلىش

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسىرىنى قوغدىغۇچى ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە شەرتلەر بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تىپىك ۋارىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇننى بېكىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نام بېرىدۇ.

22-ماددا تىپىك ۋارىس تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) مەلۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ياكى ماھارىتىنى تولۇق ئىگىلىگەن بولۇش؛

(2) مەلۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ مەلۇم تۈرىدە جامائەت ئېتىراپ قىلغان ۋەكىل خاراكتېرىگە، نوپۇزىغا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇش؛

(3) ۋارىسلىق پائالىيەتلىرىنى پائال ئېلىپ بېرىش، ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش.

23-ماددا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم:

(1) شۇ تۈردە تىپىك ۋارىس بولۇش؛

(2) شۇ تۈردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ياكى ماھارىتىنى ھەقىقىي ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن بولۇش؛

(3) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ۋارىسلىق قىلىش، كۆرسىتىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇش؛

(4) شۇ تۈردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان دەسلەپكى ماتېرىيال ۋە تىپىك نەرسىلەرنى ساقلىغان بولۇش.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تىپىك ۋارىسى ياكى ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇننى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭغا نام بېرىشتە، مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاشقا تەشكىللىشى ھەم ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى؛ تىپىك ۋارىس ياكى ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن دەپ بېكىتىلگەن ۋە نام بېرىلگەنلەرنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تىپىك ۋارىس ياكى ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇننىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

25-ماددا تىپىك ۋارىس ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن تۆۋەندىكى ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ:

(1) ماھارەت ئۆگىتىش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئورۇنداش، كۆرسىتىش، بەدىئىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەم مۇناسىپ ھەق ئېلىش؛

(2) باشقىلارغا ئۆزىنىڭ بىلىمى، ماھارىتىنى ھەقلىق ئۆگىتىش ۋە ئالاقىدار دەسلەپكى ماتېرىيال، نەرسە، ئىمارەت، سورۇن قاتارلىقلارنى ھەقلىق بېرىش؛

(3) ۋارىسلىق پائالىيىتى قىلىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ماددىي ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

26-ماددا تىپىك ۋارىس ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئىگىلىگەن بىلىمى، ماھارىتى ۋە ئالاقىدار دەسلەپكى ماتېرىيال، نەرسە، ئىمارەت، سورۇن قاتارلىقلارنى ئەينەن ۋە مۇكەممەل ساقلاش، قوغداش؛

(2) شاگىرت ئېلىش ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن يېڭى ۋارىسلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش؛

(3) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارقىتىش، كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىش.

27-ماددا مۇھىم تۆھپە ياراتقان تىپىك ۋارىس ياكى ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇنغا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، مەشھۇر ۋارىس ۋە مۇنەۋۋەر ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇن دەپ نام بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەشھۇر ۋارىس ۋە مۇنەۋۋەر ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق مەدەت بەرسە بولىدۇ:

(1) زۆرۈر سورۇن ھازىرلاپ بېرىش؛

(2) مۇۋاپىق ماددىي ياردەم بېرىش؛

(3) شۇ جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش؛

(4) مۇناسىپ تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش؛

(5) باشقا شەكىلدىكى ياردەملەر.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تىپىك ۋارىس ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن، مەشھۇر ۋارىس ۋە مۇنەۋۋەر ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك، شەرتكە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلارنىڭ نامىنى نام بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

تىپىك ۋارىس ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك ئورۇن، مەشھۇر ۋارىس ۋە مۇنەۋۋەر ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇننى باھالاش چارىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

4-باب پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن قوغداش، تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تىپىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىيال، نەرسە قاتارلىقلارنى يىغىدۇ ۋە سېتىۋالىدۇ.

ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىيال، نەرسىنى ئىئانە-ھەدىيە قىلىش ياكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ساقلاش، تەتقىق قىلىش ئورنى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يىغىپ ساقلىشى ياكى كۆرگەزمە قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىئانە-ھەدىيە قىلغۇچىغا كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇكاپات بېرىش ھەم ئىئانە-ھەدىيە گۇۋاھنامىسى بېرىش؛ ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ ياكى شەخسنىڭ نامى ۋە ئىسىم فامىلىسىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

شارائىتى بار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەخسۇس مۇزېي، مەخسۇس كۆرگەزمىخانا ئېچىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشى، تىپىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

30-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىياللىرى، نەرسىلىرى، ئىمارەتلىرى ۋە سورۇنلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن قوغداش، تەتقىق قىلىش ئاپپاراتلىرى يىغىۋالغان، سېتىۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىيال ۋە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار ياخشى ساقلىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆزىتىدىغان، تەكشۈرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

32-ماددا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تىپىك ئەسەر كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان قىممەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئائىت ماتېرىيال، نەرسىنى چېگرىدىن چىقىرىشقا بولمايدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

33-ماددا ھەر دەرىجىلىك تىپىك ئەسەر كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت، ياساش ماھارىتى، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە باشقا ماھارەتلەردىن دۆلەت مەخپىيىتىگە ياكى سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ئالاقىدار قانۇن ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىش، ئۆگىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك قوغداش ئاساسىدا مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، مىللىي ئەلئارا مەدەنىيەت ۋە يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا، ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە مەدەنىيەت قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك، ئۇنى بۇرمىلاشقا ۋە كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى كۆرسىتىش، ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەخسۇس ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق قۇرۇشى كېرەك.

36-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىپىك ئەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىمارەت ۋە سورۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىگىلىرى ئۇنى ئەسلىي قىياپىتىنى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئاساسىدا، قانۇن بويىچە جامائەتكە ھەقلىق ئېچىۋەتسە بولىدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، تەدبىر قوللىنىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى مۇنەۋۋەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، ساغلام مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنداش تۈرلىرىنى قېزىشى، رەتلىشى، ئېچىشى ۋە كۆرسىتىشى كېرەك.

كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى، مۇزېي ۋە پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىق جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ئۆز جايىدىكى تىپىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن بويىچە كۆرسىتىشى ۋە تەشۋىق قىلىشى لازىم. شارائىتى بارلار جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىشى كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى نۇقتىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت ئەسلىي ماتېرىيال ۋە قەدىمكى كىتابلارنى خاتىرىلەش، تەرجىمە قىلىش، بېكىتىش، نەشر قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوللىشى كېرەك.

5-باب كاپالەت تەدبىرى

39-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋالماسلىق كېرەك.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىراجىتى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ:

(1) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى؛

(2) خەۋپ ئاستىدا قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش؛

(3) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى؛

(4) چوڭ-چوڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش؛

(5) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر قىممەتلىك ماتېرىيال ۋە نەرسىلەرنى يىغىش ۋە سېتىۋېلىش؛

(6) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تىپىك ۋارىسى ۋە تىپىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ئورۇنلىرىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش؛

(7) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش خىزمىتىگە ماددىي ياردەم بېرىش؛

(8) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىش؛

(9) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئائىت باشقا خىزمەتلەر.

40-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئىئانە-ھەدىيە قىلىش يوللىرى بىلەن ماددىي ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن مەبلەغ ياكى نەرسە ئىئانە-ھەدىيە قىلغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

42-ماددا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ، شارائىتى بار مەكتەپلەر مۇنەۋۋەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزسە بولىدۇ.

43-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى مۇنەۋۋەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىشى، ‹‹مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى›› ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت-بايرام پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاڭلىق قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

44-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىپىك ئەسەر كاتولىكىغا كىرگۈزۈلگەن، خەۋپ ئاستىدا قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ يوقىلىشقا سەۋەبچى بولغان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

45-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىۋالغان، سېتىۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر ماتېرىيال، نەرسىلەرنى ئوبدان ساقلىمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بۇزۇۋەتكەن، ئوغرىغا بېرىپ قويغان ياكى يوقىتىپ قويغان ئورۇنغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

46-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىيال، نەرسە، ئىمارەت ۋە سورۇنىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

47-ماددا مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

48-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدىغان ماتېرىيال، نەرسە ۋە سورۇن قاتارلىقلاردىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى ياكى باشقا قوغداش ئورنى قىلىپ قانۇن بويىچە بېكىتىلگەنلىرىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار تەتبىقلىنىدۇ.

49-ماددا بۇ نىزام 2008-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#