ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

بۇ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى تەۋەسىدىكى خەلقنىڭ مۇستەملىكچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

نامى ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
ۋاقتى 1808-يىلىدىن 1826-يىلىغىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西班牙拉丁美洲独立战争
چەتئەلچە نامى Independence War of Spanish America

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

19 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە خەلقى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش 1808-يىلى باشلانغان بولۇپ، 1826–يىلى ئاخىرلاشقان. 

ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز ئۈچ ( 1759-1788- يىلى تەختتە ئولتۇرغان ) ئىمپېرىيە دائىرىسىدە كەڭ قويۇۋېتىپ، سودا مونوپولىيىسى سىياسىتى قوللىنىپ، كېيىن ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كاپىتالىزم ئامىللىرى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلغان. لېكىن، يەرلىك ئاق تەنلىكلەر ئىقتىسادىي ئورنىنى كۈچەيتىش، ئەكسىچە مۇستەملىكىچى دۆلەت ئىمتىياز گۇرۇھى ۋە مۇستەملىكە يۇقىرى يەرلىك ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. ياۋروپادىكى ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىدىيىسىنى تارقىتىش، مۇستەملىكە ئىنقىلابىي ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. 1789-يىلىدىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، مۇستەملىكە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھايتى ئىنقىلابى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكلىرىدىكى مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. 1808-يىلى، ناپولېئون ئەسكەر چىقىرىپ ھۇجۇم قىلدى. 1810-يىلى، ئىسپانىيەدىكى كۆپ قىسىم رايۇنىنى ناپولېئون ئارمىيەسى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. مۇستەملىكە خەلقى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىۋېنېسۇئېلا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئەڭ بالدۇر قوزغىغان قوراللىق كۈرەش رايونلارنىڭ بىرى. 1804-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، كارىباكاس شەھىرىنى فرانسىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان خەۋىرىنى ئىسپانىيە ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئاق تەنلىك مۇستەقىلچىلار دەرھال ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، خەلق ئەسكەرلىرى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. 1811-يىلى 3-ئايدا، يېڭى ئېچىلغان ۋېنېسۇئېلانىڭ پارلامېنت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، پارلامېنت ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقتى. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى بىلەن كاتولىك دىنىي كۈچلىرى جۇمھۇرىيەتكە ھۇجۇم قوزغىغان. 1812-يىلى 7-ئايدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت مەغلۇب بولغان. 

ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى1821-يىلى 6-ئايدا، ئىنقىلابىي ئارمىيە بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى ۋېنېسۇئېلانىڭ كاراۋوۋو تۈزلەڭلىكىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان، ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىپ، كاراكاس ئازاد قىلىنغان. 1822-يىلى 5-ئايدا، يەنە پىكەنچا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان، كىتو ( ھازىرقى ئېكۋاتور ) ئازاد قىلىنغان، كىتو رايونى بىلەن بولىۋار جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ، بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇغان. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. [1]

ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىجەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئۈچىنچى مەركىزى رايونى بولدى. 1810-يىلى بۇئېنۇس ئايرىستا ئامما نامايىش كۆتۈرۈپ، ئىسپانىيە تەيىنلىگەن باش ۋالىينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى. ئەتراپتىكى ئۆلكىلەرمۇ بەس-بەس بىلەن ئاۋاز قوشتى. 1816-يىلى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تۇكۇماندا يىغىن ئاچتى. يىغىن لاپلاتا بىرلەشمە ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئىسپانىيىدىن تامامەن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى  رەسمىي جاكارلىدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن  ساينت مارتىن 1817-يىلى 5000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جاپالىق سەپەر قىلىپ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئاندىس تاغلىرىنىڭ خەتەرلىك ئۆتكەللىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئەڭ ئۇلۇغ بىر مۆجىزىنى ياراتتى. ئاقىدىنلا ساينت مارتىن قوشۇنى كۈتۈلمىگەندە چىلىدىكى ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ دۈشمەننى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدى. 1818-يىلى چىلىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلاندى. 1821-يىلى ساينت مارتىن قۇماندانلىقىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى پېرۇ خەلقىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا لىمانى ئازاد قىلدى، پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلاندى. ساينت مارتىنغا «دۆلەت قورۇقچى بېگى» نامى بېرىلدى. 1822-يىلى 7-ئايدا ساينت مارتىن گۇاياكېلدا بولىۋار بىلەن ئۇچرىشىپ، پېرۇنى ئازاد قىلىش ئىسپانىيە قارمىقىدىكى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تامامەن مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ساينت مارتىن پېرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بولىۋار 1824-يىلى 8-ئايدا قوشۇنلىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ، فۇنىن تۈزلەڭلىكىدىكى ئىسپانىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1825-يىلى ئۈستۈن پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلىنىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بولىۋارنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۆلەت نامى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1826-يىلى 1-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تايانچ پونكىتى كاللائونى ساقلاپ ياتقان قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى-دە، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكلەر پۈتۈنلەي ئازاد بولدى.

بۇ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى چېتىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى، ئۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن دۇنيا مۇستەملىكە ئىنقىلابى ھەرىكىتى تارىخىدا مىسلىسىز ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 300 يىل داۋاملاشقان فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. ھەر قايسى مۇستەملىكلەر سىياسىي مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لاتىن ئامېرىكسىدا مېكسىكا قاتارلىق 15 مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، دۇنيا مۇستەملىكە سىستېمىسىنى زىل-زىلىگە سالغان.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#