سۈيدۈك ئاقمىسى

سۈيدۈك ئاقمىسى

 ھەرخىل سەۋەبلەردىن سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرى بىلەن جىنسىي ئەزالار (بالىياتقۇ، جىنسىي يول) ئوتتۇرىسىدا غەيرىي ئۆتۈشمە يول شەكىللىنىپ، جىنسىي يولدىن سۈيدۈك ئېقىپ چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سۈيدۈك ئاقمىسى
كېسەللىك سەۋەبى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى ئاقما تۆشۈكىدىن سۈيدۈك جىنسىي يول ئارقىلىق سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ
خەنزۇچە نامى 尿瘘

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرى بىلەن جىنسىي ئەزالار (بالىياتقۇ، جىنسىي يول) ئوتتۇرىسىدا غەيرىي ئۆتۈشمە يول شەكىللىنىپ، جىنسىي يولدىن سۈيدۈك ئېقىپ چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ناسورى پىيشاب» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈك ئاقمىسى يەنە پەيدا بولغان ئورنىغا قاراپ، دوۋساق-جىنسىي يول ئاقمىسى، سۈيدۈك كانىلى-جىنسىي يول ئاقمىسى، سۈيدۈك يولى-جىنسىي يول ئاقمىسى، دوۋساق-بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول ئاقمىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوۋساق-جىنسىي يول ئاقمىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. تۇغۇت بۆلۈم ئوپېراتسىيىلىرىدە زەخىملىنىش: تۇغۇت قىسقۇچلىرى بىلەن تۇغدۇرۇش، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى، باش سۆڭىكىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى، باشنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قاتارلىقلاردا ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى ئوپېراتسىيە قائىدە بويىچە ئىشلەنمىسە دوۋساق ياكى سۈيدۈك يولى زەخىملىنىدۇ، بالىياتقۇ يېرىلغاندا دوۋساقمۇ يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

2. ھامىلە بېشىنىڭ بېسىشى: ھامىلە بېشى داس بوشلۇقى ئىچىدە ئۇزاقراق تۇرغانلىقتىن باش بىلەن دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى ئارىلىقىدىكى جىنسىي يول ئالدى دىۋارى، دوۋسۇن ۋە سۈيدۈك يولى ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، توقۇلمىلار چىرىپ، ئاخىرىدا تۆكۈلۈپ سۈيدۈك ئاقمىسى شەكىللىنىدۇ، دائىم تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ.

3. ئاياللار بۆلۈمى ئوپېراتسىيىلىرىدە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قورساق ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق بالىياتقۇنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ياكى بالىياتقۇ تېنى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى تۈپەيلىدىن بالىياتقۇنى كەڭ دائىرىلىك پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدە ئاناتومىيىلىك قەۋەتلەرنى ئېنىق ئايرىماسلىقتىن ياكى ئوپېراتسىيىدە قانىغان جاينى قىسمەن دەپ قاراپ ئالدىراشچىلىقتا سۈيدۈك نەيچىسىنى خاتا قىسىپ زەخىملەندۈرۈشتىن سۈيدۈك نەيچىسى-جىنسىي يول ئاقمىسى كېلىپ چىقىدۇ. جىنسىي يولنى تۈزەش، جىنسىي يول ياساش ئوپېراتسىيىلىرىدە سەۋەنلىكتىن دوۋساقنى ياكى سۈيدۈك يولىنى زەخىملەندۈرۈش نەتىجىسىدە سۈيدۈك ئاقمىسى شەكىللىنىدۇ.

تۇغما غەيرىيلىكتىن بولىدۇ. 

تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا جۈملىدىن سۈيدۈك يولى ۋە جىنسىي يولنىڭ ھاسىل بولۇشى جەريانىدىكى پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن سۈيدۈك يولى بىلەن جىنسىي يول تۇتىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

دوۋساقتىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 دوۋساق يارىسى، دوۋساقتىكى كونا سىل جاراھەتلىرى، دوۋساق راكى قاتارلىقلارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا يامراپ يارىغا ئايلىنىشى بىلەن سۈيدۈك ئاقمىسى كېلىپ چىقىدۇ.

بالىياتقۇ، جىنسىي يولدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بالىياتقۇ يارىسى، بالىياتقۇ راكى قاتارلىقلارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىغا يامراپ غەيرىي ئۆتۈشمە يول شەكىللەندۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بىر قىسىم دورىلار ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ ناچار تەسىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ھەمەلچە دورىلار تەركىبىدىكى كۆيدۈرگۈچى دورىلارنى خاتا ئىشلىتىش، بالىياتقۇ تىرىكىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن جىنسىي يول ئالدى دىۋارى چىرىپ تۆكۈلۈشى ياكى جىنسىي يول ئالدى دىۋارى بېسىلىپ، توقۇلما-ھۈجەيرىلەرگە ئوكسىگېن ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن چىرىپ تۆكۈلۈشى نەتىجىسىدە سۈيدۈك ئاقمىسى كېلىپ چىقىدۇ.

ئاقما تۆشۈكىدىن سۈيدۈك جىنسىي يول ئارقىلىق سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. جىنسىي يولدىن چىقىپ تۇرىدىغان سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ئاقما تۆشۈكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى، ئاقما تۆشۈكنىڭ تۈز-ئەگرىلىكى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سۈيدۈك يولى-جىنسىي يول ئاقمىسىدا دوۋساق چىڭقالغاندا ياكى ئۆزلۈكىدىن كىچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈك جىنسىي يولدىن ئېقىپ چىقىدۇ. سۈيدۈك كانالچىسى، دوۋساق-جىنسىي ئەزالار ئاقمىسىدا جىنسىي يولدىن ھەمىشە سۈيدۈك سېزىپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۆزلۈكىدىن قۇرۇقلىنىش خاراكتېرلىك كىچىك تەرەت كېلىپ تۇرىدۇ. دوۋساق-جىنسىي يول ئاقمىسى ياكى دوۋساق-بالىياتقۇ ئاقمىسىدا ئاقما تۆشۈكى چوڭ بولغانلاردا ئۆزلۈكىدىن (دوۋساقنىڭ) قۇرۇقلىنىش خاراكتېرلىك كىچىك تەرەت قىلىش پۈتۈنلەي توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئاقما تۆشۈكى كىچىك ياكى ئەگرى بولغاندا مەلۇم بەدەن ھالىتىدە تۇرغاندا سۈيدۈك دوۋساق ئىچىدە تۇرىدۇ. بەدەن ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولسا سۈيدۈك سىزىپ چىقىدۇ (مەسىلەن: ئۆرە تۇرغاندا سۈيدۈك سىزىپ چىقىشى بىلەن ئۇخلىغان ياكى ياتقان ھالەتتە سۈيدۈك كېلىشنىڭ ئالمىشىشى) . ھەمىشە سۈيدۈك جىنسىي ئەزالاردا ئېقىپ تۇرغاچقا جىنسىي يولىدىن سېسىق پۇراق كېلىدۇ، ئېچىشىش بولغاندىن تاشقىرى قاتتىق قىچىشىدۇ، كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، ھەيز قالايمىقانلىشىش (ھەيز تۇتۇلۇش) كۆرۈلىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا جىنسىي ئەزالارنى ئوپېراتسىيە قىلغان، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان، قىيىن تۇغۇت، جىنسىي ئەزالار ۋە سۈيدۈك چىقىرىش يوللىرىدا جاراھەت خاراكتېرلىك كېسەل بولغان تارىخى بولۇشى بىلەن بىرگە جىنسىي يولدىن سۈيدۈك كېلىش ئالامىتى بولىدۇ. جىنسىي يولدىن سېسىق پۇراق كېلىش، ئېچىشىش ۋە قاتتىق قىچىشىش بولىدۇ، ھەيز قالايمىقانلىشىش كۆرۈلىدۇ.

2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. جىنسىي يول ئەينىكىدە ياكى جىنسىي يول كېرىگۈچىدە تەكشۈرگەندە تۆشۈكنىڭ ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئۇنىڭ سانىنى كۆرۈپ بىلگىلى بولىدۇ، جىنسىي يولدىن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە تۆشۈك ئەتراپىدىكى تاتۇقلار قولغا ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر تۆشۈك دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولسا بىمارنى تىزلاندۇرۇپ دۈم ياتقۇزۇپ، جىنسىي يولدىن ئىلمەك بىلەن جىنسىي يول ئارقا دىۋارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە تۆشۈكنى بىلگىلى بولىدۇ.

3. مېتال كاتىتېردا تەكشۈرۇش: ئاياللارغا ئىشلىتىلىدىغان مېتال كاتىتېرنى سۈيدۈك يولىدىن دوۋساققا كىرگۈزۈپ، بىر قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى جىنسىي يولغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆشۈكنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

4. مېتىلىن كۆك بوياق تەجرىبىسى ئىشلەش: دوۋساق-جىنسىي يول ئاقمىسىنىڭ تۆشۈكى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ كۆرۈش مۇمكىن بولمىسا ياكى دوۋساق-بالىياتقۇ بوينى ئاقمىسىدىن گۇمان بولسا سۇيۇقلاندۇرۇلغان مېتىلىن كۆك بوياق ئېرىتمىسىدىن 200 مىللىلىتىر دوۋساققا كىرگۈزۈپ، كۆك رەڭلىك سۇيۇقلۇقنىڭ جىنسىي يول ياكى بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزىدىن چىقىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەندە تۆشۈك بار ئورۇندىن كۆك سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ.

 5. بۆرەك جامى ۋە سۈيدۈك نەيچىسىنى سايىلاندۇرۇپ رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈش: بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك نەيچىسى-جىنسىي يول ئاقمىسىنى ئېنىق بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

6. دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دوۋساق دىۋارىدىكى ئاقما تۆشۈكى بىلەن سۈيدۈك نەيچىسى ئېغىزىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىللىگىلى ھەمدە دوۋساق راكى، دوۋساق تېشى ۋە دوۋساق سىلىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ۇغۇت جەريانىدىكى زەخىملىنىش ياكى بېسىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاقما بولسا بېسىم كۈچى خاراكتېرلىك سۈيدۈك تۇتالماسلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بېسىم كۈچى خاراكتېرلىك سۈيدۈك تۇتالماسلىقمۇ كۆپىنچە تۇغۇتتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۆرە تۇرغان ياكى قورساق بېسىمى ئاشقاندا سۈيدۈك ئېقىپ چىقىدۇ. بۇنى ئەڭ ئاساسلىقى مېتىلىن كۆك بوياق تەجرىبىسى ئىشلەش ئارقىلىق ئايرىش كېرەك. تەجرىبىدە كۆك رەڭلىك سۇيۇقلۇق جىنسىي يولدىن چىقمايدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ئاقما بولسا كۆك رەڭلىك سۇيۇقلۇق جىنسىي يولدىكى تۆشۈكتىن چىقىدۇ.

1. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. دوۋسۇن ۋە جىنسىي ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۇغۇت جەريانىدىكى ياكى ئاياللار بۆلۈمىدىكى ئوپېراتسىيىلەردە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يېڭى ئاقمىلار بولسا ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىپ تۈزىتىلىدۇ. تۇغۇتتا بېسىلىپ، توقۇلمىلار چىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ياكى ئەسۋابلاردىن زەخىملىنىپ كونىرىغان ئاقما بولسا مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. تۇغۇتتا بېسىلىشتىن بولغان بولسا ئۈچ ئاي ياكى ئالتە ئايدىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىپ تۈزەشكە بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىچى سىرتىدىن دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋۋال ئاقما بولغان ئورۇن ھەسەل سۈيى ياكى مامىرانچىنى ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇلىدۇ ياكى تال ياغىچى كۈلىنى ئېزىپ گۇلاپقا قوشۇپ تەييارلىغان سۇيۇقلۇق بىلەن تازىلىنىدۇ. تازىلىغاندىن كېيىن كاتىتېر (سۈيدۈك ئاققۇزۇش نەيچىسى) سېلىنىپ سۈيدۈك راۋان قىلىنغاندىن كېيىن ئىچىدىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇش بىرگە جاراھەت پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە ئاقما بار ئورۇن بىلسان يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ ياكى رەۋغىنى ناسۇر، مەلھىمى قەمبەل، مەلھىمى رەسۇل، مەلھىمى ئەلا قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. كۇندۈر، ئەنزىرۇت، سەبرى، خۇنسىياۋشان، ئەپيۈن، زەپەر مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

 3. سۈيدۈك ئاقمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇت بۆلۈمىدە تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، يېڭىچە ئۇسۇللاردا تۇغۇت قوبۇل قىلىش، ھامىلە ئورنىنىڭ غەيرىيلىكىنى بايقىغان ھامان تۈزىتىش، قىيىن تۇغۇت ئېھتىمالى بولغۇچىلارغا قارىتا ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىش، ئىككىنچى تۇغۇت جەريانىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچى تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ كېتىپ توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى كۆرۈلگەنلەرگە تۇغۇتتىن كېيىن كاتىتېر سېلىپ، 21 ~ 8 كۈنگىچە ئوچۇق قويۇپ دوۋساقنى بوش تۇرغۇزۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ زەخىملەنگەن توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە بالىياتقۇ، جىنسىي يول ۋە دوۋساق يوللىرىدا كېسەللىك بولسا ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

 4. جىنسىي يولغا ئۆتكۈر كۆيدۈرگۈچى دورىلارنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىشىتىن، تۇغۇت، جىنسىي ئەزالار ئوپېراتسىيىسىدە خاتا مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىش، ئاقمىنى تازىلىغان ۋاقىتتا دورىنىڭ سۈيدۈك يولىغا مېڭىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كېسەللىك ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا سۈيدۈك ئاجرىتىش يوللىرى يۇقۇملىنىش، جىنسىي ئەزالار ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1282

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1282

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#