مىياگى ريوۋتا

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى.  ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. شوخوكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى .توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك.

گەرچە بويى ئېگىز بولمىسىمۇ توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى تولىمۇ ياخشى يەنە كېلىپ  سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز ، كوماندىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ھەم قاڭقىش  ماھارىتى يۇقىرى ، ھەركەتلىرى چەبدەس ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى . توپ مەيدانىدىكى ھۇجۇمنىڭ  باشلىغۇچىسى . ئاياكونى ياخشى كۆرىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىياگى ريوۋتا
باشقا نامى みやぎリョータ、Miyagi Ryota
يۇرتى ياپونىيە خاناگاۋا ناھىيىسى
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 59
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宫城良田
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 7.31
بوي ئېگىزلىكى 168
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ۋاسكىتبول ماھىرى» دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى،  شوخوكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى .توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك .گەرچە بويى ئېگىز بولمىسىمۇ توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى تولىمۇ ياخشى يەنە كېلىپ  سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز ، كوماندىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ھەم قاڭقىش  ماھارىتى يۇقىرى ، ھەركەتلىرى چەبدەس ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى . توپ مەيدانىدىكى ھۇجۇمنىڭ  باشلىغۇچىسى . ئاياكونى  ياخشى كۆرىدۇ .ئاياكو ئۈچۈن ۋاسكىتبول ئوينىغان ھەم ئاياكونى ئۇنتۇش ئۈچۈن باشقا قىزلار بىلەن ئارلاشقان ، تولۇ 1-يىللىق چېغىدىلا ئون قېتىم قىزلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ،  شۇ سەۋەبلىك ساكوراگەى بىلەن تونۇشۇپ ياخشى بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغان . 

مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ تاكىنارو كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كوماندا باشلىقى بولغان .

سۈرئىتى

بويى گەرچە ئېگىز بولمىسىمۇ لېكىن مىياگى كاناگاۋا ناھىيىسىدە كۆزگە كۆرۈنىدىغان توپ كونتىرول قىلغۇچى بېك . ئۇنىڭ چەبدەسلىكى دائىم ئېگىز ھەم بەستلىك توپ ماھىرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ . كوماندا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە تاكىنارو ، رۇكاۋا، مىتسۇئى قاتارلىق نومۇر ئالغۇچى ماھىرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .دائىم كەسكىن ھەم تېز باس بەرگەن توپ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ  مۇداپىئەسىنى  بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ ، يەنە تېخى تېز سۈرئەتتە نومۇر ئالالايدۇ . ساكوراگى ، رۇكاۋا بىلەن ھەمكارلىشىپ تېز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ . 

لېكى يىراقتىن توپ سېلىش ، جازا توپ ئېتىشلىرىنى بېكلارنىڭ ئىچىدە بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .

يالغان ھەركەت

ئۇ يالغان ھەركەتكە تولىمۇ ماھىر دائىم قارشى تەرەپنى ئالداپ بولۇپ نومۇر ئالىدۇ ، بۇ ماھارىتىنى ساكوراگىغىمۇ ئۆگىتىپ قويغان .

مۇداپىئە

مۇداپىئە جەھەتتە كىشىنى يېڭىدىغان تونۇش ئىقتىدارى بىلەن ،  دائىم قارشى تەرەپنىڭ توپىنى ئوڭۇشلۇق كېسىپ ئېلىپ ، مۇداپىئەنى ھۇجۇمغا ئايلاندۇرالايدۇ .  كىشىنى ھەيران قىلىدىغان قاڭقىش كۈچى ھەتتا فۇجىمانىمۇ يېڭىپ چۈشكەن .

باشلانغۇچتىن باشلاپلا ئارقا مۇداپىئەچى بولۇپۋاسكىتبول ئوينىغان .تولۇققا چىققاندا رىئونان كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى تاۋۇكانىڭ تەكلىپ قىلىشىنى  رەت قىلىپ ، ئانزاي تېرىنىرنى ھۆرمەتلىگەنلىكى سەۋەبلىك شوخوكو كوماندىسىغا كىرگەن . لېكىن ۋاسكىتبول ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇش  داۋاملاشتۇرماسلىق  توغرىسىدا قاتتىق ئىككىلىنىپ يۈرگەن ، كېيىن ئاياكونىڭ كوماندىغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، بۇ قىزنىڭ جانلىق ، تېتىكلىكىگە ئاشىق بولۇپ قېلىپ قىلچە ئىككىلەنمەيلا ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قاتناشقان .

ئۇ ھاكاۋۇر ھەم ئۆزىگە بەكلا ئىشەنگەنلىكتىن ، ناچار ياش مىتسۇئىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىدۇ (ئەمەلىيەتتە مىتسۇئى مىياگىنىڭ كوماندىدا  خاتىرجەم توپ  ئوينىيالىغانلىقىغا قىزغىنغان). مىتسۇئى لۈكچەكلەرنى ئېلىپ مىياگى بىلەن ئۇرۇشقىلى بار، مىياگى ئۆزىنىڭ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى  بىلىپ پەقەت باش بولۇپ چىققان  مىتسۇئىنىلە ئۇرىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئىككىسىلا دوختۇرغا كىرىپ قالىدۇ ، بۇ سەۋەبلىك مياگى نۇرغۇن مۇسابىقىلەردىن قۇرۇق قالىدۇ (رىئونان بىلەن بولغان مەشىق مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ). 

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، مىتسۇئى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ . مىتسۇئى ئۇنىڭغا ئىگۋاگەرلىك قىلىۋاتقاندا ،  ساكوراگى  بىلەن ئاياكونىڭ بىللە كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ ، قىزىق قانلىقتىن نەق مەيداندا ساكۇراگى بىلەن قول تۇتۇشۇپ قالىدۇ ، بۇ جەرياندا مىتسۇئىلارنىمۇ  خاتا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ ، بۇ ھەم كېيىنكى تەنتەربىيە زالىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ .  ئۇقۇشماسلىق سەۋەبلىك ساكوراگى ھەم مىياگى ئارىسىدا چۈشەنمەسلىكلەر بولۇپ قالىدۇ، كېيىن كۆڭۈل سىرلىرىنى ئاشكارلىغاندىن كېيىن ئۇلار  ئوخشاشلا قىزلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمەي  قىزلار تەرىپىدىن نۇرغۇن قېتىم تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ ، ياخشى بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ . ئۇلار ئىككىسى سەۋەبلىك ۋاسكىتبول  كوماندىسغا ئۆچ بولۇپ قالغان مىتسۇئى  بىرتوپ بولمىغۇر ياشلارنى تەنتەربىيە زالىغا باشلاپ كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ . مىياگى قول ياندۇرماي ئۆزىنى ناھايىتى  بېسىۋالىدۇ . ساكۇراگىلار قول  چىقارغاندىمۇ قول چىقارمايدۇ ، لېكىن  ئاياكو بىر تەستەك يېگەندە چىداپ تۇرالماي قول ياندۇرىدۇ . كېيىن ساكوراگى قوشونىنىڭ ياردىمىدە بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ۋاسكىتبول كوماندىسىغا  دەخلە قىلمىغان ھېساب بولىدۇ . خاتا يولغا ماڭغان مىتسۇئىمۇ بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەپ ۋاسكىتبول  كوماندىسىغا  قايتىپ كېلىدۇ . 

no.1 توپ كونتىرول قىلغۇچى بېك بولۇشنى نىشان قىلىپ ، شوخوكو كوماندىسى بىلەن بىللە ناھىيەلىك مۇسابىقە ھەم مەملىكەتلىك چوڭ  مۇسابىقەگە  قاتنىشىپ .   كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز سۈرئىتى ، كوماندىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ھەمى يۇقىرى قاڭقىش   ماھارىتى ، چەبدەس ھەركەتلىرى ،يۇقىرى  ھۆكۈم قىلىش ئىقتىداربىلەن توپ مەيدانىدىكى ھۇجۇمنىڭ  باشلىغۇچىسى بپلۇپ قالغان . تاكىنارو كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كوماندا باشلىقى بولغان .

خاراكتېرى

مىياگى دەسلەپتىلا چاتاقچى بال سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ، مىتسۇئى قاتارلىق ناچار بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ دوختۇرغا كىرگەن ، ساكوراگى قوشونى  تەرىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا ھايتىدىكى ئونىنچى قېتىملىق تاشلىنىش  كەچۈرمۈشى بىلىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغان . كېيىن ساكوراگى بىلەن ئاياكونىڭ بىللە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ، ساكوراگى بىلەن  قول تۇتۇشىدۇ . بويى پەقەت 168سانتىمېتىر بولسىمۇ لېكىن ئۇرۇشۇشقا خېلى ئۇستا ئىدى . كېيىنكى رەئونان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە سەكرەپ  قارشى تەرەپنىڭ توپىنى تارتىۋالغاندا ، مىتسۇئى ئۇنىڭ قاڭقىش كۈچىگە ھەۇران قالغان بىلەن بىرگە ئۇرۇشقاندىكى ھالىتىنى ئويلىشىمۇ بىكار ئەمەسكەن . 
مىياگى ئەمەلىيەتتە خېلى ئوماق . ساكوراگى بىلە توپ مەشىق قىلغاندا ، ساكوراگىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، چىدىماي ئوخشاش  قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئوبدانلا بىر مۇسابىقىنى ئىككەيلەن بىرلىشىپ كىچىك بالىلارنىڭ توپ تالىشىش ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشلىرى دەل بۇىڭ ئىسپاتى .  ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېخى ساكوراگى بىلەن يۈزلىرىنى چىمداشلىرى -چۇ تېخى . مىياگى كاينان كوماندىسىدىكى سوئىچىرودىن قالسىلا ساكوراگىغا ئوخشاش تەمتەكلىك قىلىدىغان ئادەم ، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق . رۇكاۋانىڭ دائىم  ئۇلارنى ئىككى ئەخمەق دېگىنىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن . 
ئەلۋەتتە ، مىياگىنىڭ سالماق تەمكىن ھالىتىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ . مىتسۇئى تەنھەركەت زالىدا ئىش چىقارغاندا، مىياگىنىڭ  قىلچە قول ياندۇرماسلىقى ، تەشەببۇسكارلىق  بىلەن كەچۈرۈم سوراپ كوماندىنى بۇ ئىشقا چېتىۋېلىشنى خالىمىغانلىقى ، بۇنداق بىر قىززىق قان ، ئۇرۇشۇشقا ئامراق ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس .  چۈنكى ئۇنىڭدا بىرخىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ، ئۇنى قانداقمۇ سالماق دېيەلمەي تۇرالايمىز .

مىياگى شوخوكونىڭ كوماندىسىنىڭ بەش مۇھىم  ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان بىلەن قالغان تۆتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنچە كۆزگە چېلىقمايدۇ . ئۇنىڭ   تالانت ئىگىسى دېگەن ئاتىقى يوق ، ئەگرى-توقاي ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىلىرىمۇ يوق ، تولۇقسىز چاغدىكى ئىپادىسىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان .گەرچە چاقماقتەك تېز سۈرئىتى بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن  كىشىلەر  ئۇنى فۇجىما ، شىنچى ، سىندو قاتارلىقلارنى يېڭەلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ ، ئەمەلىيەتتە مىياگى دەل كىشىلەر ئەڭ سەل قاراپ قالغان ماھىر . 

مىياگى توپ كونتىرول قىلغۇچى بېك بولۇش سالايىتى بىلەن ، ئەڭ ئاۋال ھۇجۇمنى يېتەكلىشى لازىم ، بىر ياخشى بولغان توپ كونتىرول قىلغۇچى بېك چوقۇم سەزگۈر  ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ھەمدە بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ توپنىڭ كىرىش نىسبىتى ئاشۇرىشى لازىم .گەرچە ئۆزىمۇ نومۇر ئېلىش  پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەگەر سەپداشلىرىدىن بىرى تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولغان ھامان قەتتىي ئىككىلەنمەي توپنى قارشى تەرەپكە  پاس بېرىش لازىم . پەقەت پۈتۈن كوماندىدا باشقىلار تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەندە ئۇ ئاندىن توپ سېلىپ نومۇر ئالىدۇ . بۇ دەل توپ كونتىرول قىلغۇچى  مۇداپىئەچىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىشتىياقىنى كونتىرول قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇ . يەنە كېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىگۋاگەرلىكىگە ئۇچرىغاندا چوقۇم سالماقلىق ئېغىر بېسىقلىق  بىلەن يۈزلىنىش كېرەك ، مەيداندا يۈز بەرگەن ھەرخىل ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك .

يەنە كېلىپ مىياگىدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ ، ئۇ ئەزەلدىن مۇسابىقىنىڭ ئارىسىدا مەيداندىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس ، ھەتتا رۇكاۋامۇ بۇ ئىشتىن خالاس بولالمىغان  ئەھۋالدا  ، مىياگى  ھەرقانداق مۇسابىقىدە پۈتۈن مەيداننى تولۇق ئوينىغان . بولۇپمۇ رىئونان بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەندە ، مىياگى گەرچە تۆت قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان  بولسىمۇ  تولىمۇ تەمكىن ھالدا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ (ئەكسىچە ساكوراگى ، رۇكاۋا ، مىتسۇئىلار قائىدىگە خىلاپلىق قىغاندا چىرايىدىن ئەنسىزلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ )، ئۇنىڭدا  قورقۇش يوق  ئۇنىڭدىكى بۇنداق تەمكىنلىكنىڭ مەنبەسى دەل ئىشەنچدۇر . مىياگىنىڭ تەن قۇرۇلىشى ، تەن قۇۋىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئىشەنچنىڭ بولىشى ئوڭاي ئىش ئەمەس . 

مىياگى ئۇنچە بەك ئالقىشلىنىپ كەتمىدى ، ئۇ تاكىنارودەك «مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە خوجا بولۇش »دېگەن شۇئارنى ئېغىزدىن چۈشەرمەي باققىنى يوق ، پەقەت بۇ ئارزۇ نى  كۆڭلىگە پۈكۈپ  تالاي مۈشكىلاتلارنى يېڭىپ ، داۋاملىق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا . ئۇ ئون يىلدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان رۇكاۋادەك بىر ئېقىز گەپ قىلماي تۇرۇپمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى  قوزغىمىدى  ، ھەيران قىلارلىق توپ ماھارىتى بىلەن تاماشىبىنلارنى ھەيرانمۇ قالدۇرمىدى ؛ ئۇ مىتسۇئىدەك مۇشەققەتلەردىن كېيىن مەيدانغا قايتىپ ئېسىل ماھارىتى ، مۇكەممەل ئۈچ نومۇرلۇق توپى بىلەن قايتىدىن جانلانغىنىمۇ يوق؛ئۇ ئەلۋەتتە ساكوراگىدەك ئەخمىقانىلىق بىلەن ئۆزىنى تالانت ئىگىسى دەپ ، كىشىنى ھەيران قالارلىق سۈرئەتتە ئىلگىرلىگىنىمۇ يوق ؛ ئۇ كوگورىدەك كوماندىنىڭ ئەڭ  ئىللىق تايانچىسى بولغىنىمۇ يوق . 
ئانزاي تېرىنىر ، ئۇ تاكىناروغا چەكسىز ئىشەنچ ، رۇكاۋاغا قىزغىن ئىلھاملارنى ، مىتسۇئىغا سەمىمىي مەدىيەلەرنى  ، ساكوراگىغا يېتىلىشنىڭ كۈچ -قۇۋۋەتلىرىنى بەردى ، لېكىن مىياگىغا كەلگەندە بولسا پەقەت رىئونان كوماندىسى تېرىنىرىنىڭبىر ئېغىز :«ئانزاي تېرىنىر مىياگىنى ناھايىتى ئىلغار توپ كونتىرول قىلغۇچى بېك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىپتۇ »دېگەن  سۆزى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ چەككىسىدىكى يۈكلەر ئۇنچە يىنىك ئەمەس ، ئۇ پۈتۈن مەيداننى يىتەكلەشكە مەسئۇل ، تېز ھۇجۇمنى باشلاشقا پۇرسەت يارىتىش ،  قارشى تەرەپنىڭ توپلىرىنى  كېسىپ ئېلىپ مېڭىش ، لايىقىدا پاس بېرىش .

مىياگىدەك ئۇنچە ئېگىز بولمىغان ۋاسكىتبول ماھىرىنىڭ رەقىبلىرى ھەقىقىي كوزۇر توپچى شىنچى ماكى، ماھىر ھەم تېرىنىر بولالايدىغان فۇجىما كېنجى، لېكىن ئۇ قورقۇپ كەتمىدى ، باشقىلارغا ئېغىرچىلىقىنى سېلىپ باقمىدى .بارلىقى بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى تۈگەتتى ، ھەر بىر مۇسابىقىنى  ئەڭ ياخشى ھالەتتە تاماملىدى ، ئۇ ساكوراگىدەك :«ھەممىڭلار ماڭا تايىنىسىلەر »دەپيۈرمەيدۇ ، لېكىن شەك-شۈبھىسىز ھالدە مەيداندىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى داڭلاپ باقمىدى ، مەيداندىكى سەپداشلىرىغا مەدىيەلىرىنى ئاياپ باقمىدى . 
ئۇنىڭ مەيداندىكى ھالىتىنى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ، ياخشى تاكتىكىلارنى ئويلاپ چىقىرىپ ، قارشى تەرەپ دىققەت قىلمىغاندا توپنى ئېلىپ قېچىپ ،  قارشى تەرەپنى ئامالسىز قالدۇرۇشلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى . قۇلىقىدىكى ھالقا چاقناپ ، ئۇ يۈزىگە تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ «ئالدىرماڭلار . يەنە بىر توپ سالايلى »دېگەندە ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك كېلىشكەن . شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن ، كۈلۈشلىرىدىن بىرخىل ئىشەنچ  نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ . 
مىياگى تاكىنارو ، ئوزومىلاردەك مەيداندا ھەيۋە قىلمايدۇ ، ساكوراگىدەك يۈگەنسىز ئاتتەكمۇ ئەمەس ، رۇكاۋادەك «بۇ دېگەن مېنىڭ ئەلىي كۈچۈم »مۇ دېمەيدۇ . ئۇ پەقەت داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ، قاچانلاردىن باشلاپكىن ،  مىياگى دەل شۇ چاقماقتەك سۈرئىتى بىلەن  يۈرۈكىمىزدە ئورۇن ئېلىپ قالدى ، ئېسىمىزدە قالغىنى ئۇنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماقنى چىقىرىپ ، توپنى يۆتكەپ كېتىپ بېرىپ ، تەمكىن ھەم سالماق  ھالدا «يەنە بىر توپ كىرگۈزەيلى »دېيىشلىرىدۇر . 
 مۇناسىۋىتى   ئىسمى    ئەسكەرتىش
  تېرنىر  ئانزاي   بۇرۇن ياپونىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى
  كوماندا باشلىقى تاكىنارو  ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 4-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا   كوگورى  ئالدى ھۇجۇمچى 5-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا  ساكوراگى چوڭ  ئالدى ھۇجۇمچى 10-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا  كاكۇتا ساتورۇ  ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 9-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا   ئىشى كېنتارۇ ئالدى ھۇجۇمچى 12- نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا   ساسوۋكا  ساتورۇ   ئالدى ھۇجۇمچى 13-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا  كۇۋاتا توكى    توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 15- نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا    مىتسۇئى خىساشى نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى 14-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا   ياسۇدا  توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 6-نومۇر
  بىر كوماندىدىكى ئەزا شىئوزاكى   بېك 8-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا   رۇكاۋا  كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى 11-نومۇر

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#