دۇلۇڭ مىللىتى
دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ كونا نامى «چيۇ» بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن دۇلۇڭ-نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دەريا جىلغىسىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇلاردا دېھقانچىلىق ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىش باسقۇچىدا ئىدى، يىغىمچىلىق ۋە بېلىق تۇتۇش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدۇر، سودا-سېتىقتا، مالغا مال ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. ئادەتتە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قالسا ياكى بىر-بىرىنى يوقلىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ قايتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ياغاچقا بەلگە ئويۇش ئارقىلىق ھېساب خاتىرىلەيدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇلۇڭ خەلقى يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
دۇلۇڭلار چاچلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ، چېچى ئالدى قېشىغا، كەينى يەلكىسىگە ۋە ئىككى تەرەپتە قۇلاقلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى دۇلۇڭلارنىڭ كىيىملىرى ئاددىي بولۇپ، ئەر-ئاياللار بىر پارچە قاتلاق كاناپ رەخت بىلەنلا بەدىنىنى ئورىۋالاتتى. سول مۈرىسى ۋە مەيدىسىنى ئېچىپ قويۇپ، رەختنىڭ ئىككى ئۇچىنى شۇڭ ياكى بامبۇك شوخا بىلەن چېتىۋالاتتى. ئاشۇ بىر پارچە رەختنى كۈندۈزى كىيىم، كېچىسى يېپىنچا قىلاتتى. بەزى ئەرلەر ھەتتا پەقەت بېلىنىڭ تۆۋىنىنى دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەنلا ئورىۋالاتتى. كىچىك قىزلاردا بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئادەت بار بولۇپ، گۈل نۇسخىلىرى جەمەتكە قاراپ پەرقلىنىدۇ. دۇلۇڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكىلەر ياغاچ ئۆيدە، جەنۇبىدىكىلەر بامبۇك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.
دۇلۇڭلارنىڭ كۆپچىلىكى ساكرامېنتالىزمغا ئىشىنىدۇ، تەبىئەتتىكى شەيئىلەر ۋە جىن-شەيتانلارغا چوقۇنىدۇ.
دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.