- ئادەمگىياھ (يىلتىزى)
- ئادەمگىياھ (جۇڭيى دورىسى)
ئادەمگىياھ
ئادەمگىياھ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئادەمگىياھ بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «رېنسېڭ» ياكى «ئادەمگىياھ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق رولى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادەمگىياھ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئادەمگىياھ بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «رېنسېڭ» ياكى «ئادەمگىياھ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىكى 50 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يوپۇرمىقى ئەنجۈرنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىنچىكە كېلىدۇ، مېۋىسى قىزىل، چوڭلۇقى زەيتۇن چوڭلۇقىدا، گۈلى ئاق، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆسۈملۈك كېچىسى يالتىراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بېشى كېسىلمىسە، قۇۋۋىتى 60 يىل تۇرىدۇ.ئاكانتو پاناكىس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، چاڭبەيشەن ۋە شىنجاڭ رايونلىرىدىن، چاۋشەن، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
تۈرى
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى بىرى ئەركەك، يەنە بىرى چىشى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. چىشى رېنسېڭنىڭ رەڭگى قارا تەرەپكە مايىلراق بولىدۇ، ياغاچقا ئوخشايدۇ، يوپۇرمىقى ئوسۇڭغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بىرئاز كىچىكرەك، ياغلىشاڭغۇ، پۇرىقى ئۆتكۈر بولىدۇ، ئۆسۈملۈكى يەر ئۈستىگە يېيىلىپ تۇرىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋىدە مېۋىسى بولۇپ، ئالمىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئالمىدىن كىچىكرەك، مېۋىسىنىڭ ئىچىدە ئامۇتنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئۇرۇقى بولىدۇ. چىشى رېنسېڭنىڭ يىلتىزى يوغان ئىككى ياكى ئۈچ دانە بولىدۇ، بىر − بىرىگە چاپلاشقان ھالدا تۇرىدۇ، تاشقى تەرىپى قارا، ئىچكى تەرىپى ئاق، پوستى قېلىن، تېنىلىك بولىدۇ. ئىككىنچى ئەركەك رېنسىڭ: بەزىلەر بۇنى «موريۇن» دەپ ئاتايدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى ئاق، سىلىق، يوغان، كەڭ، قىزىلچىنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ، يىلتىزى چىشى رېنسېڭنىڭ ئىككى باراۋىرىدە كېلىدۇ، چوڭلۇقى پەتىنگان مىقدارىدا، رەڭگى زەپەرنىڭ رەڭگىدە، پۇرىقى ئۆتكۈر، چارۋا باقىدىغان كىشىلەر بۇنى يەيدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئەركەك رېنسېڭنىڭ يىلتىزى ئايال كىشىنىڭ شەكلىدە، چىشىسىنىڭ يىلتىزى ئۇزۇنراق. يەنە بىر رېنسېڭ بار بولۇپ، بۇ سايە ، ئازگال جايلاردا ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى كىچىك، لېكىن كەڭ، ئۇزۇنلۇقى16 سانتىمېتىر، يىلتىزىنىڭ چوڭلۇقى باش بارماق چوڭلۇقىدا ئۇزۇن، رەڭگى ئاق، بۇنىڭ گۈلى ۋە مېۋىسى بولمايدۇ، بۇ ھەممە خىل رېنسېڭلارنىڭ كۈچلۈكرەكى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ رېنسېڭنىڭ ياخشىسى سېمىز ھەم چىڭ بولغىنىدۇر.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: رېنسېڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قىسىملىرىغا قارىتا ئالاھىدە تەسىرى بار، بولۇپمۇ تورمۇزلىنىش جەريانىنى كۈچەيتىدۇ، نېرۋا پائالىيىتى جەريانىنىڭ جانلىقلىقىنى ياخشىلايدۇ، رېنسېڭىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىنى قوزغىتىش تەسىرى ئامفېتامىن، كوففېئىن، دىبازول، ترىخىنىن قاتارلىقلاردىن كۈچلۈك. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ سەلبىي قوشۇمچە تەسىرى يوق.
2. ئورگانىزمنىڭ رېئاكسىيەچانلىقىغا قارىتا تەسىرى: ئادەمگىياھ، ماسلاشتۇرۇش مەنبىئىسىمان تەسىرگە ئىگە. يەنى ئورگانىزمنىڭ ھەر خىل زىيانلىق غىدىقلاشلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ۋىتامىن B1 ۋە B2 يېتىشمەسلىكتىن سادىر بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى زىيادە سېزىمچانلىق شوكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما روشەن تۈردىكى ئادرېنالىنغا ياكى ھىستامىنغا قارشىلىق تەسىرى يوق، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش قانۇنىيىتىنى ئېھتىمال رېنسېڭنىڭ غىدىقلىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش جەريانىدىكى رېئاكسىيىگە، بولۇپمۇ نېرۋا ھىپوفىز بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق سىستېمىسىنىڭ تەسىرىگە باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن.
3. باشقا سىستېمىدىكىلەرگە قارىتا تەسىرى:
① جىنسىي بەزلەرگە قارىتا تەسىرى:
② ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىگە تەسىرى: رېنسېڭنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور مىقداردا ئىشلىتىلسە، توشقان قالقانسىمان بېزىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاقراق مۇددەت ئىشلەتسە، قالقانبەز خىزمىتىنى تورمۇزلىشى مۇمكىن.
4. ماددا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان تەسىرى:
① قەنت ئالمىشىشقا بولغان تەسىرى:
② قان بېسىمىغا تەسىرى تەجرىبىلەردە ئېنىقلىنىشىچە، رېنسېڭ باش مېڭىنىڭ پوستلاق قىسمىغا ۋە پوستلاق ئاستى قىسىملىرىغا قوزغاتقۇچى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەدەننىڭ كېسەللىكلەرگە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇزاق ئىستېمال قىلىنسا، بەدەندىكى ھەرخىل ئىششىقلارغا قارشىلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئۆت ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۆتنىڭ ئىچىدە ئۆتنىڭ قىزىل ماددىسى ۋە ئۆت كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. كۆزنىڭ نۇرلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى، قاراڭغۇدا كۆرۈش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.
1. ئادەمگىياھ يىلتىزى 5 گرام، سۆرۈنجاندىن 10 گرام، زەپەردىن 1.5 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. 7 گرام ئادەمگىياھ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ كۆزگە چاپسا، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئادەمگىياھ يىلتىزى ۋە كاسىنە يىلتىزىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. ئادەمگىياھ يىلتىزىدىن 7 گرام، مۇقەلدىن 10 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. 10 گرام ئادەمگىياھ يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. 5 گرام ئادەمگىياھنى ھەسەل ياكى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە زەھەر قايتۇرىدۇ.
مەجۈنى رېنسېڭ، شەربىتى رېنسىڭ
قان ئازلىق، دەم سىقىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، باھ ئاجىزلىقى، تېز ۋە ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىشتىن كېلىپ چىققان شوك، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە پاناكسوزىد Ⅰ− (Panaxosides) قاتارلىقلار بار. يەنە يىلتىزىدا 0.05% ئۇچۇچان ماي بولۇپ، بۇ ئادەمگىياھتىكى ئالاھىدە پۇراقتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پاناكسىنول (Panaxynol)رېنسېڭ كىسلاتاسى، ھەرخىل ئامىنو كىسلاتالار، ئۆت ئىشقارى (خولېن) پېپتىد تۈرىدىكىلەر بار، ئۈزۈم شېكىرى، مېۋە شېكىرى، قومۇش شېكىرى ۋە كۆپ خىلدىكى پانوز (Panose) مېۋە يىلىمى قاتارلىقلار، ۋىتامىنB1،B2، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.